ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Thursday, 4 October 2012

ئىسلام پايېچىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ ماقالىمىز ئىسلام پاي-چېكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ. ئىسلام پايچەك بازىرىنىڭ پەلسەپىسى سۆزلەنگەندىن سىرت، ئىسلام پايچېكىنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە رولى سۆزلىنىدۇ.  ئىسلام پايچېكىنىڭ شەرتلىرى، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى، پايچەكلەرنىڭ تاللىنىش، فىلتىرلاش باسقۇچى قاتارلىق بىلىملەر  ھەققىدە ئومومى ساۋات بېرىدۇ. 
1. ئىسلام پايچېكى بازىرىنىڭ پەلسەپىسى
دۇنيانىڭ تۆت چوڭ دىنى بولغان ئىسلام، خىرىستىيان، ھىندى ۋە يەھۇدى دىنلىرى ئۆسۈمنى چەكلەيدۇ (ئۆمەر چاپرا، 2007). بىراق، بۇ چەكلىمنىڭ دەل ئەكسىچە،200 يىلدىن ئاشقان غەرب مالىيە سىستىمىسى رىبا (ئۆسۈم ) ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۆسۈمنى چەكلەش چاقىرىقلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دۇنياسىدىكى چاقىرىق بەكمۇ روشەن بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈم ئاساسىدىكى مالىيە سىستىمىسىنى ئىسلام مالىيە سىستىمىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى مالىيە سىستىمىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام پايچەك بازىرىدا ئالماشتۇرۇلۋاتقان مالىيە مەھسوتلاتلىرى چوقۇم ئىگدارچىلىك ھوقوقىغا ماس كېلىشى كېرەك، بۇ يەردە سودا خەتىرى بارلىق شىرىكلەر تەرىپىدىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىنىشى كېرەك. رىبا چەكلەنگەنلىكى تۈپەيلى، ئىسلام پايچەك بازىرىغا بۇنداق دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ:  بارلىق سودىلار (پايچەك ئالماشتۇرۇشلار) نوقۇل ھالدا ئىگدارچىلىق توختاملىرى ئارقىلىق بولىدۇ. 
بىرىنچى، ئىسلام مالىيە بازىرىنىڭ بىر قانچە مەھسولاتلىرى چوقۇم شېرىكچىلىك توختامى تەلىماتى ئارقىلىق بولىشى كېرەك يەنى كۈچ ئىگىسى بىلەن پۇل ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بىر شېرىكچىلىك توختامى بولىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھەسسىدارلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ ئىككى سېستىمىنىڭ يەنە روشەن پەرقى بار، ئىسلام توختاملىرى پۇل ئىگىسى بىلەن كۈچ ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭپۇڭ بولماسلىقتەك ئەھۋالنى ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىسلام مالىيە سىستىمىسى ھەسسىدارلىق توختاملىرىنى مۇزارەبەت دەپ ئالىدۇ، بۇ توختام ئاز دىگەندە ئىككى شىرىك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ توختامدا، بىر تەرەپ بارلىق پۇلنى چىقىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپ سودىنى باشقۇرۇشقا مەسئول بولىدۇ.  بۇنىڭ ئەكسىچە، غەرب مالىيە سىستىمىسدا، ئۇچۇر تەڭپۇڭ بولماسلىقتەك ئەھۋال شىرىكلەر تەرىپىدىن ھەددىدىن تاشقىرى غەرب قانونلىرى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. ھايەنكەشىك، قىمارشەكلى،بىر تەرەپنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پايچەك قىممىتنىڭ توقۇلۇپ چىقىرلىشى، ئۇچۇر تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار ئەۋج ئالىدۇ.  مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش چەكلەنگەن ئىشلار تۈپەيلى، ئىسلام مالىيە سىستىمىسى رويابقا چىقىدۇ. بىر تەرەپكە پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپكە پايدىسىز بولغان ئۇچۇرلار، نەزىرىيە بويىچە،  ئىسلام مالىيە سىستىمىسىدا مەيدانغا چىقمايدۇ. ھايانكەش پايچەكچىلەر «قىسقا مۇددەت سېتىش ئۇسولى» بىلەن پايچەك ئالماشتۇرمايدۇ.  مۇسۇلمانلارنى ئىسلام شىرىكچىلىك توختاملىرى ئارقىلىق، پۇل تەمىنلىگۈچى بىلەن كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدا-زىيانغا تەڭ مەسئول بولغان ھالدا، ھەقىقى بايلىق يارىتىشقا چاقىرىدۇ. 

2.2 پايچەك بازىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىسسىيسى 

ئىسلام پايچەكلىرى ھەققىدە ساۋات بېرىشتىن بۇرۇن، پايچەكنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىسسىيسىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئۇنداقتا پايچەك دىگەن نىمە ؟ خافىر ۋە خېيىننىڭ (2007) كىتابىغا ئاساسلانغاندا، پايچەك دىگىنىمىز مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مالىيە مال-مۇلكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پايچەكلەر مالىيە ئاكسيەسى بولۇپ مەلۇم بىر نىسبەتتىكى ئىگدارچىلىق ھوقوقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  شۇڭا مەلۇم پايچەكچى ئاشۇ پايچەك تارقاتقان شىركەتنىڭ نىسپى ئىگىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەلۇم بىر شىركەت پايچەك تارقاتسا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ پايچەكلەرنى سېتىۋېلىپ بۇ شىركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.  شۇڭلاشقا پايچەكنى شىركەت ۋە مەبلەغ سالغۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توختامنامە دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار كەلگۈسىدىكى پايدا ئۈچۈن ھازىرچە ئۆزىدىكى ئېشىنچە پۇلنى پايچەككە تىگىشىدۇ. 


پايچەك بازىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، پايچەكنى ناھايىتى  تىز بولغان ھەركەت، ھەيران قالارلىق بايلىق ۋە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەركەتلەر پايچەك بازىرىنىڭ مۇھىم فۇنكىسسىيەلىرىدىن ئەمەس. باشقا مالىيە بازارلىرىغا ئوخشاشلا، پايچەك بازىرىنىڭ ئۈچ مۇھىم قۇرۇلمىسى بولىدۇ: 1) تاۋار، 2) باھا مىخانىزىمى ۋە 3) سودا بازىرى. 

تاۋارلار بولسا پايچەك بولۇپ، پايچەك تارقاتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناۋەتلىك قەغەزدىن ئىبارەت. پايچەك تارقاتقۇچىلار ئادەتتە، دۆلەت، دۆلەت ئىگدارچىلىقىدكى كارخانىلار ۋە شەخسى كارخانىلار بولىدۇ.  بۇ تاۋارلار 2 خىل بولۇپ، بىرى يېڭىدىن تارقىتىلغان پايچەكلەر، يەنە بىر خىلى ئىككىنچى قول پايچەكلەر بولۇپ، قولدىن قولغا ئۆتۈۋاتقان تارقىتىپ بولۇنغان پايچەكلەردۇر.  بىرىنجىسى بىرلەمچى بازار، ئىككىنجىسى ئىككىلەمچى بازار دەپ ئاتىلىدۇ. رولى ۋە چوڭلۇق جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككىلەمچى بازار بىرلەمچى بازارغا قارىغاندا كۆپ چوڭ بولىدۇ.

پايچەك بازىرىدىكى تاۋار باھاسى بازار ئىقتىسادىكى ھەممە تاۋارلارغا ئوخشاشلا تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج قانونىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر شىركەت بەكرەك روناق تاپقان بولسا، شۇ شىركەتنىڭ پايچېكىگە بولغان ئېھتىياج يوقىرى بولىدۇ.  

پايچەك بازىرىنىڭ بىر قانچە فۇنكىسسىيەلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق فۇنكىسسىيەسى بولسا ئىقتىساد فۇنكىسسىيەسىدۇر. ئۇ مەبلەغلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىدىن مەبلەغ ئىشلەتكۈچىگە ئۆتىشىدە ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. يەنە قوشۇمچە ھالدا، شىركەتلەرنىڭ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى بازاردىن پايدىلىنىپ كېڭىيىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، پايچەك ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 

1) ئۇ پايچەكلەتنىڭ سېتىلىش ۋە سېتىۋېلىشتا تەييار ۋە ئۆزلىكسز بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇنلىغان پايچەك ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇلچىلار ئۈچۈن بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. 


2) پايچەك باھالاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پايچەكلەرنىڭ باھالىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزى مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا بىلەلەيدۇ. 


3) مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇشۇنداق بىر سورون بولمىغان ھالەتتىكى پەرىشانلىقتىن ساقلاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇنداق بىر بازار بولغانلىقىدىن، كېلىدىغان پايدا نىسبىتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇشۇ بازار تۈپەيلى ئۇلار خاتىرجەم ھالدا مەبلەغ سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەتلەرمۇ ئەرزانراق بولغان مەبلەغقە ئېرىشىدۇ. 


4) پۇختا تۈزۈلگەن رول ۋە تۈزۈملەر پايچەكلەرنىڭ ئالمىشىدا بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ پايچىكى بولغان شىركەتلەر مۇشۇ رول ۋە تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدۇ شۇنداقلا بۇ شىركەتلەنى ئاكسىيە ئورگانلىرى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. 

5) بۇ مەركەزلەشكەن پايچەك بازىرى تارقاق ھالەتتىكى بازارلارغا قارىغاندا،توغرا ۋە ۋەكىل خاراكتىرلىق بىر باھانىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. 

6) پايچەك بازىرى دۆلەت ئاكسىيەلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق بازار. شۇڭلاشقا دۆلەت ھەم ئاسان ھەم تىزلا ھۆكۆمەت مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداقلا چوڭ كارخانىلارمۇ ئۈنۈملۈك يول بىلەن مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. 

7) ساغلام بولغان ھايەنكەشلىك ( ھايانكەشلىك بىرنىڭ تىلىمىزدا قويمىچىلارنى ھايانكەش دەپ ئاتايمىز. speculation دىگەن سۆزنى بىز ھايانكەشلىك دەپ تەرجىمە قىلىدىكەنمىز)، پايچەك بازىرىنى ئاكتىپ ھالەتتە تۇتۇپ تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ساغلام بولغان ھايەنكەشلىك خەتەرلىك ئەمەس بولۇپ، پايچەك بازىرىنى نۇرغۇن سودا پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئەمما زىيادىدىن زىيادە ھايەنكەشلىك بۇزغۇنچى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا خەتەر ۋە شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدا توسقۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. 

8) شىركەتلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى ۋە دۆلەت ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.  ئۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ياخشى يامانلىق ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئوخشاش يول بىلەن شەرىئەت ئاساسىدىكى پايچەكلەرنىڭمۇ بازار سورۇنى، تاۋارلىرى ۋە باھا مىخانىزىمى بولىدۇ. بىراق غەرب ۋە ئىسلامچە پايچەكلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، بۇ پايچەكلەر سەمىمىيلىك، ئادىللىق، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھىرلىنىش قاتارلىق ئىسلامچە بولغان قائىدە نىزاملار ئاساسىدا قۇرۇلغان. 

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۈپكى ئوخشىماسلىقى قەيەردە؟ ئۇنداقتا دىققىتڭىز كېلەركى سەھىپىمىزدە بولسۇن...