ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Friday, 5 August 2011

ئوكىسفوردتىن كېيىنكى تەسىراتلار



ئوكىسفوردتىن كېيىنكى تەسىراتلار  
ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتى دۇنياغا داڭلىق بولغان، ئەنگىلىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ بېرى.  داڭلىق ئۇنىۋېرسىت قانداق بولىدىغاندۇ؟ قانداق ئادەملەر بۇنداق ئۇنىۋېرسىتلارنى ئوقۇيدىغاندۇ ؟ دىگەندەك قىزىقىشلار بىلەن لوندوندىكى دوستىم بىلەن ئوكىسفوردقا قاراپ يولغا چىقتۇق.

لوندونغا سەپەر



لوندونغا سەپەر
مانا ئەمدىلىكتە لوندوننى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كىچىچە يول يۈرۈپ، كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىۋاتقان بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلدىم. يەنە ھېلىقى مېنى كۈتىۋلغان دوستىمنىكىگە چۈشتۈم. بۇ دوستۇممۇ مېنى دەپ بىر ھەپتە ۋاقتىنى ماڭا ئاتىۋەتكەن ئىدى. يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە – مېھماندونستلىقىمىزغا رەھمەت.

Sunday, 31 July 2011

شوتلاندىيەگە سەپەر




 بۇ 3 سائەتلىك پويىز سەپىرىمدە، مۇشۇ يىغىن ئۈچۈن كەلگەن ئەرەب ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇپ قالدىم. شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ دىگەن شەھىرىدە ئوقۇيدىكەن. دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ تولۇق كۇرس ئوقۇۋېتىپتۇ. دۆلىتى يىلدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇتىۋېتىپتۇ. ئىقتىسادتىن  غەم يىمەي خاتىرجەم ئوقۇيالايدىكەن. قايتىپ بارسا، دۆلىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىكەن.

دۇرھامغا يېتىپ كېلىش




دۇرھامغا يېتىپ كېلىش
7 سائەتلىك يول يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى دۇرھامغا يېتىپ كەلدىم. كىچىك بىر دۇنيا، كىچىك بىر شەھەر، پاكار-پاكار قەدىمىي تۈسنى ئالغان بىنالار. قېنى دۇرھام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دەرۋازىسى؟ دەرۋازە يوق، بىر شەھەر- بىر مەدەنىيەت؛ بىر شەھەر-بىر ئۇنىۋېرسىت؛ نوپوسى 30 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان (يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوقۇغۇچى)، كۆلىمى جەھەتتە بىزنىڭ يېزىغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك بىر شەھەر،  ئەنگىلىيە بويىچە ئالدىنقى 5 ئۇنىۋېرسىت ئىچىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتتنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.  بۇنىڭ مەخپىيىتى زادى نەدىمۇ؟ نىمىسىگە تايىنىپ مۇشۇنداق مۇۋاقىپىيەتلەرنى يارىتالىدى؟ ئوكىسفوردتىكى ساياھىتىمدە تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن.

بىرىتانىيەگە ساياھەت


ھەر بىر ئادەمدە ئوخشىمىغان ئارزولار ۋە ئىنتىلىشلەر بولىدۇ.. دېھقاننىڭ ئىنتىلىدىغنى باشقا، ئۇقۇغۇچىنىڭ باشقا بولىدۇ. ئىنسانلار ئوخشىمىغان ئارزو-ئارمانلار بىلەن ياشايدۇ. شۇنداق، مېنىڭمۇ ئۇقۇغۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىم ئايرىم بولىدۇ.
لوندون، ئوكىسفورد، كەمبىرىج دىيىلسە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئېسىگە ئالىدۇ ھەمدە ئاشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ماڭا ئوخشاش ئوقۇشخۇمار ئادەمدە، بۇ ئارزو بەك كۈچلۈك ئىدى. پۇرسەت بولسا، مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتلارنى، مۇشۇ دۇنياغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن جايلارنى ساياھەت قىلىش ئارزويۇم بار ئىدى. گەرچە ياۋرۇپادىكى فرانسىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە ۋە باشقا جايلارنى ساياھەت قىلىپ بولغان بولساممۇ، لېكىن ۋىزا چەكلىمىسى تۈپەيلى، ئەنگىلىيەنى ساياھەت قىلالمىغان ئىدىم.