ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 31 July 2011

دۇرھامغا يېتىپ كېلىش




دۇرھامغا يېتىپ كېلىش
7 سائەتلىك يول يۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرى دۇرھامغا يېتىپ كەلدىم. كىچىك بىر دۇنيا، كىچىك بىر شەھەر، پاكار-پاكار قەدىمىي تۈسنى ئالغان بىنالار. قېنى دۇرھام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دەرۋازىسى؟ دەرۋازە يوق، بىر شەھەر- بىر مەدەنىيەت؛ بىر شەھەر-بىر ئۇنىۋېرسىت؛ نوپوسى 30 مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان (يېرىمىدىن كۆپرەكى ئوقۇغۇچى)، كۆلىمى جەھەتتە بىزنىڭ يېزىغىمۇ يەتمەيدىغان كىچىك بىر شەھەر،  ئەنگىلىيە بويىچە ئالدىنقى 5 ئۇنىۋېرسىت ئىچىدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتتنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.  بۇنىڭ مەخپىيىتى زادى نەدىمۇ؟ نىمىسىگە تايىنىپ مۇشۇنداق مۇۋاقىپىيەتلەرنى يارىتالىدى؟ ئوكىسفوردتىكى ساياھىتىمدە تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن.
بۇ بىر ھەپتىلىك ئىسلام مالىيىسى پروگراممىسى ئۈچۈن ئامرىكىدىن تارتىپ ئافرىقىغىچە، ياۋرۇپادىن تارتىپ ئاسىياغىچە بولغان دۇنيانىڭ بارلىق دۆلەتلىرىدىن بولغان بانكىرلار، پروفىسسورلار، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ھەم بۇ ساھەگە قىزىققۇچى مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەر يىغىلغانىدى. مەنمۇ بىردىن بىر جوڭگولۇق ئۇيغۇر بولۇش ساياھىتىم بىلەن قاتناشقانىدىم. جوڭگونىڭ غەربىدىن كەلگەن بىر ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنلىكىمنى بىلدۇردىم. نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇم. بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئىسلام بانكىسى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلام پاي چېكى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەر ۋە باياناتلار ئېلىپ بېرىلدى. ئامىرىكىدىكى ئىقتىسادى كىرزس تۈپەيلى، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ خىل ئىقتىساد تۈزۈمىگە قىزىققانىدى.
مۇشۇ كۈنلەردە، مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئۇيغۇر ئاكاش مېنىڭ ئۆيىگە چاقىرۋالدى. يات بىر يۇرتتا، ئوخشاش بىر خىل تىل، ئوخشاش بىر خىل مەدەنىيەت ۋە ئوخشاش بىر خىل تاماق. بۇ ئاكاشنىڭ ئىككى قىزى بولۇپمۇ بەك خوشال بولدى. ئۇلارنىڭ ئەركىلەشلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان بىر خىل سېغىنىش چىقىپ تۇراتتى.  لېكىن  ئۇلار ئۇيغۇرچىنى ئانچە ئۇقمايدىكەن. بۇ ئىش مېنى ئۆرتىندۈردى. 2 ئۇيغۇردىن ئاپىرىدە بولغان بىر جۈپ ئۇيغۇر قىزى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسە، ئۇلانىڭ پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشى مۇمكىمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن 3 – ئەۋلادقا بارمايلا، ئۇيغۇر تىلى بىر خىل ياد تىل بولۇپ قالارمۇ؟
مەنمۇ دىققەت قىلاي، مېنىڭ قىزىممۇ يات بىر مۇھىتتا، يات بىر تىل مۇھىتىدا چوڭ بولىۋاتىدۇ. ئاز تولا يات تىللارنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلەۋەتىدۇ، شۇڭا يەسلىدىنمۇ توختىتىپ قالدىم.  نەۋرەم مېنىڭ مىللى كىملىكىمنى، دىننى ئىتىقادىمنى تونۇماي قالمىسۇن... نەۋرەم تارىمدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك زېمىننى ئۇنتۇپ قالمىسۇن!!!
بۇ بەش كۈن داۋام قىلغان دەرس ئاخىرلىشىپ، دىپلوملار تارقىتىلدى. بۇ شەھەر شوتلاندىيەگە يېققىن بولغاچقا، بۇ دۆلەتتىكى بىر ئۇكاشنىڭ ( بۇرۇن مالايسىيادا ئوقۇغان) تەكلىپى بىلەن بۇ 
دۆلەتكە سەپەرگە چىقتىم.


No comments:

Post a Comment