ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Friday, 5 August 2011

لوندونغا سەپەر



لوندونغا سەپەر
مانا ئەمدىلىكتە لوندوننى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن كىچىچە يول يۈرۈپ، كىشىلەر تەرىپىدىن تەرىپلىنىۋاتقان بۇ شەھەرگە قايتىپ كەلدىم. يەنە ھېلىقى مېنى كۈتىۋلغان دوستىمنىكىگە چۈشتۈم. بۇ دوستۇممۇ مېنى دەپ بىر ھەپتە ۋاقتىنى ماڭا ئاتىۋەتكەن ئىدى. يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە – مېھماندونستلىقىمىزغا رەھمەت.
مانا لوندون- تاملىرى ئالتۇن ئەمەسكەن، كوچىلىرىمۇ بىزدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان ئادەملەر بىلەن لىق تولغان، ئاسمىنىدىنمۇ رەڭلىك قار ياغمايدىكەن. لېكىن يەنىلا بىر خىل ئوسلۇب، بىر خىل مەدەنىيەت – ئۇ بولسىمۇ بىناكارلىق مەدەنىيىتى، دەريا مەدەنىيىتى ۋە چىركاۋ مەدەنىيىتى.  شەھەر مەدەنىيىتىگە رەڭ قوشىۋاتقان نەرسىلەر مانا مۇشۇلار ئىدى. يەنە شۇ دەريا بۇ شەھەرنىڭ بارلىق گۈزەللىكىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئىدى. بۇ دەرياغا قانچىلىك بولغاندۇ؟ قانچىلىغان دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندۇ؟ نىمىشقا سۈيى تۈگەپ كەتمەيدىغاندۇ؟ دەل مۇشۇ پەيتتە، ئانا دىيارىمدىكى قۇرۇپ قاخشال بولغان توغراقلىقلارنى، زېمىندا سۇسىراپ كەتكەن يانتاقلىقلارنى ئەسلىدىم. نىمشقا مۇنۇ لوندوننىڭ دەرياسى قۇرۇپ كەتمەيدۇ؟ نىمىشقا بىزنىڭ ئانا تارىم دەريا قۇرۇپ كېتىدۇ؟ ھەي" سۇ بار يەرنىڭ ئوتى يوق، ئوتى بار يەرنىڭ سۇيى يوق" دەپ ئۆزەمنى بازلىدىم.
مۇشۇ ئەرزىمەس خىياللار بىلەن لوندوننىڭ داڭلىق مەيدانلىرىنى، چىركاۋ ئەتىراپلىرىنى، "ۋەستىمىنىستىر" دەيدىغان بىناكارلىقلىرىنى ۋە لوندون كۆۋرىكىنى ئايلىنپ بولدۇم. مېڭىپمۇ چارچاپ قالدىم. ئەمدى تاماق يەيدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى. بۇ دوستۇم مېنىڭ ھۆرمىتىمنى دەپ ياخشى بىر ئاشخانىغا كەچلىك تاماق ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى ھەمدە بىر نەچچە ئۇنىۋېرسىتتا ئوقۇيدىغان دوستلىرىمۇ تەكلىپ قىلغان ئىدى.  
مېنىڭ بۇ تىلغان ئېلىۋاتقان دوستۇم بۇرۇن مالايسىيادىمۇ ياخشى ئوقۇغان ئىدى. "ئالتۇن ھامىنى ئالتۇن" بولىدىكەن. مانا قىسقا 3 يىل ئىچىدە تولۇق كۇرسنى تاماملايلا دەپ قاپتۇ. تاماملىغان تەقدىرمۇ ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملايدىكەن. ئەگەر ئىقتىسادى بېسىم بولمىغان بولسا، يەنە نىمە كارامەتلەتنى كۆرەتتۇقكىن تاڭ.
بۇ بالىلار ئىچىدە ماڭا يەنە بىر ياخشى تەسىر بەرگىنى بولسا، بىر ئۇكا دىمەتلىك بالا ئىدى. كەلگىنىگە بىر يىل بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە، تەييارلىق سىنىپى بويىچە 60 نەچچە بالا ئىچىدە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. "ماشائاللاھ" دەۋەتتىم ھاياجىنىمنى باسالماي. شۇ ۋەجىدىن يەنە ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش ئىھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن. پۇرسەتنى ئۆزى يارىتىش دىگەن شۇدە. مانا بۇلار ئىنگىلىز تىلى 3- تىلى تۇرۇپ، خەقنىڭ يۇرتىدا نەتىجە يارىتىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنىڭ قىسقىچە ھايات كارتىنىسى.  ئۇلار بىر تەرەپتىن ئوقۇيدۇ ھەم بىر تەرەپتىن ئىشلەيدۇ. ئۆزلىرى ئۈچۈن توختىماي پاي-پىتەك بولىۋاتقان ئاتا-ئانىسىغا ئىچى ئاغرىيدۇ ۋە تۇرمۇشنىڭ قاينام تاشقىنلىرىدا پىشىپ يېتىلىدۇ.  خەپ"سۇ ئاققان ئېرىقتا ئېقىيۋەرمەس". ساڭا بىر نۆۋەت، ماڭىمۇ بىر نۆۋەت.
ئەمدىكى گەپنى بىرتانىيە مۇزىيخانىسىدىن ئاڭلايلى: مۇزىيىخانا ئىچى ئەرەب مەدىنىيىتىن تارتىپ پارس مەدەنىيىتىگىچە، ئاسىيا مەدىنىيىتىن تارتىپ ياۋرۇپا مەدەنىيىتىگىچە بولغان قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلەر بىلەن لىق تولغانىدى. لىق-لىق كىتابلار، راستىنى ئېيتسام، مەن ھاياتىمدا كۆرگەن ھەر چوڭ كىتابلار. پىرئەۋىننىڭ ھەيكىلىدىن تارتىپ پارس، ياۋرۇپا ھەيكەلتاراشلىقىغىچە، ئىشلىقىپ ھەممە نەرسە بار، "يىڭنىدىن تارتىپ يىپقىچە".........  ھە راست،مەن قېنى؟ ئۆزەمنى ئىزدەپ باقايچۇ؟ مېنى بۇ خەق ئىتراب قىلامدۇ يوق؟ ياق، مېنى ئەمەس، مېنىڭ ئاتا-بوۋامنى. خېلى ئىزدەپ باقتىم، ئاشۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقانلاردىن نەچچە رەت سوراپمۇ ئۈلگۈردۇم. لېكىن مەن ئۆزەمنى تاپالمىدىم. ئەگەر" قۇتادغۇبىلىك" ۋە ياكى "تۈركى دىللار دىۋانى" دىگەن بۈيۈك دەستورلىرىمىزنى تاپالىغان بولسام، نومۇس قىلمايلا مۇزىي ئىچىدە "مەن ئۇيغۇر" دەپ توۋلاپ سالاتتىم. ئەپسوس، تولىمۇ ئەپسوس، مەن ئۆزەمنى تاپالمىدىم ياكى بولمىسا مەن ئىزدەپ تاپالمىدىم. ئاچچىق بىر يىغا تۇتتى. ئەمما مەن ئۆزەمنى بازلاشقا ئۇستا ئەمەسمۇ، ھېلىمۇ ياخشى ئەينى ۋاقىتتا بىزنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماپتىكەن دەپ يېنىپ چىقتىم.
راستىنى ئېيتسام، بۇ قېتىملىق سەپىرىمدە تۈركلەرگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىم ۋە قايىللىقىم ئېشىپ باردى. مەيلى پارىژدا بولاي، مەيلى گىرماندا بولاي ۋە ياكى لوندوندا بولاي، مەن ھالال تاماقتىن قىيلىنىپ كەتمىدىم. تۇرك تاماقخانىلىرى ھەممە ياۋرۇپانىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئەمگىكى ۋە مېھنىتى ، ساداقەت ۋە ئىتىقادى، پاكىزلىقى ۋە ئادەمگەرچىلىكى بىلەن ھەممىنىڭ ئىتراب قىلىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بولۇپمۇ " قۇياش نۇرى" نامىدىكى زەنجىرسىمان تۇرك دۇكىنى مېنى ئۆزىگە  ئەڭ جەلىپ قىلدى. ناماز ئوقۇيدىغان ۋە چېنىقىدىغان ئۆيلىرى سەپلەنگەن ئىدى.
 لوندون ساياھەت خاتىرەمدە شۇنى خۇلاسىلىمەكچى بولدۇم: مەن بىر نەرسىنىڭ ئومومىيۈزلۈك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم – ئۇ بولسىمۇ يۇرت مۇھەببىتى ۋە ئاتا-ئانا مۇھەببىتى.  يۇرتقا بولغان مۇھەببەت ۋە يۇرتقا بولغان سېغىنىش. بىزدە" كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول"،  دىگەن ماقال-تەمسىل بار ئەمەسمۇ؟ قانچىلىك راھەت-پاراغەتتە ياشايلى،بىز يەنىلا بىزكەنمىز. بىز ئۇ ئەلنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بىز ئۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى ئەمەس، بىز ئۇ تىلنىڭ ئىگىسى ئەمەس ئىكەنمىز. ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىسى بىزگە يات. بىزنىڭ ئەخلاق كۆز قارىشىمىزغا، دىننى ئىتىقادىمىزغا ھەممىسى يات.   
دۆلتىمىزنىڭ داڭلىق كىنوسى "ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھ" دىگەن كىنو-فىلىمىدا مۇنۇ گەپ بار:" سېپىل ئىچىدىكىلەرنىڭ سېپىل  تېشىغا چىققۇسى كېلىدۇ،سېپىل تېشىدىكىلەرنىڭ سېپىل ئىچىگە كىرگۈسى كېلىدۇ". بۇ ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان سۆز. لېكىن مەنچە بولغاندا، شارائىت بولسا، سېپىلنىڭ ئىچىنىمۇ تېشىنىمۇ كۆرۈپ باقسا بولىدىكەن. ئەڭ ئاخرىدا قەيەرگە تەۋەللۇق بولساق، شۇ جايدا ياشىساق بولىدىكەن. "تاشمۇ چۈشكەن يېرىدە ئەزىز" ئەمەسمۇ؟
قايسى بىر تۈرك ناخشىچى بۇنداق دەپ ئېيتقان ئەمەسمۇ:" مەيلى لوندون، مەيلى نيۇيوركتا بولاي، يۈردىم ئىت كەبى" (خاتا كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭلەر)... دىمەكچىمەنكى، يۇرت سۆيگۈسى، ۋەتەن سۆيگۈسى ئەڭ مۇقەددەس بولىدىكەن. "كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن" دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە ھەقىقى يەتكەندك بولدۇم..... ئەي، "ئانا يۇرت" دەپ توختىماي سوقىدىغان يۈرەك!  

No comments:

Post a Comment