بۇ 3 سائەتلىك پويىز سەپىرىمدە، مۇشۇ يىغىن ئۈچۈن كەلگەن ئەرەب ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە بولۇپ قالدىم. شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ دىگەن شەھىرىدە ئوقۇيدىكەن. دۆلىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ تولۇق كۇرس ئوقۇۋېتىپتۇ. دۆلىتى يىلدا تۈركۈم-تۈركۈملەپ ئوقۇغۇچىلەرنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئوقۇتىۋېتىپتۇ. ئىقتىسادتىن غەم يىمەي خاتىرجەم ئوقۇيالايدىكەن. قايتىپ بارسا، دۆلىتى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىكەن.
لېكىن مەنچۇ؟ ئوقاي دىسەم، ئىقتىساد بېسىمى، ئىشلەي دىسەم ئوقۇش بېسىمى...... ياق، ياق، ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمە،، ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى. مەنمۇ ئاشۇ بېنگاللىققا ئوخشاش پۇرسەتنى ئۆزەم يارىتىمەن. توغرا ئىلىم ئۈچۈن تىرىشساقلا، بىزنى ياراتقۇچى بىزگە ياردەم قىلىدۇ.
قايغۇدىن كېيىن ئاڭلىغان مۇزىكا مۇڭلۇق بولىدۇ،
كۆز يېشىدىن چىلىنىپ چىققان كۈلكە شېرىن بولىدۇ.
تېڭىرقاشتىن چىققان روھ سەگەك بولىدۇ،
يالغۇزلىقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ.
(دوستۇم خاتىرىسىدىن)
مانا بۇ تۇرمۇش، مانا بۇ ھاياتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى.
مۇشۇ سۆھبەتلەر ۋە ئويلىنىشلار ئىلكىدە، پويىز شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىگە كېلىپ توختىدى. مېنى تەكلىپ قىلغان ئۇكىمىز ئىشلەۋاتقان بولغاچ، ئازراق كېچىكىپ كەلدى. بۇ ئۇكىمىز كەلگۈچە بۇ ئەرەبلەر بىلەن بىر رېستوراننىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. ئەرب ئوقۇغۇچىلار نىمە يەيسەن دەپ سورىدى. مەن ياق قورسىقىم توق دەپ تۇرىۋالدىم. ئۇلار بېرىپلا ھالال بەلگىسى بولمىغان بىر رېستوراندىن توخو ھامبۇرگى ئېلىپ كېلىپ يېيىشكە باشلىدى. مەن ھەيران قالدىم ۋە سوراپ بىلمەكچى بولدۇم:
- بىر گەپ قىلسام، قەتئىي ئاچچىقىڭلار كەلمىسۇن، بۇ توخو گۆشى ھالالمۇ؟
- ياق، ھالال ئەمەس، لېكىن يىسەك بولىدۇ، ئاچ قېلىپ ئامال بولمىغاندا.
توۋا دەۋەتتىم ئىچىمدە، لېكىن زىيادە گەپ قىلمىدىم. بىز ئاچ قېلىپ ئۆلەي دەپ قالمىدۇق. ئۇلارغۇ بۇ دۆلەتتە ياشايدۇ، نەدە ھالال تاماق بارلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. بىز ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بولغان بولساق، ئىش دەل ئەكسىچە بولاتتى..
بىر مەھەلدىن كېيىن بۇ ئۇكىمىز مېنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن كەلدى ۋە بىز قىزغىن كۆرۈشكەندىن كېيىن مېنى ياتىقىغا باشلاپ باردى. بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭدىكى تەۋەككۈلچىلىك روھى، ئۇيغۇرلارغا خاس جاسارىتى، جاپاغا چىدايدىغان روھى ۋە مېھماندوسلىقى مېنى تەسىرلەندۈردى. باشقا ھەر قانداق بىر مىللەت تەڭ يىگەن تامىقىنىڭ پۇلىنىمۇ تەڭ تۆلەيدۇ. لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەمگەرچىلىكىگە ۋە مېھمىنىنى ئەڭ ئەزىز كۆرىدىغانلىقىنغا ھەر قانداق بىر مىللەت يېتەلمەيدۇ. بۇ ئۇكىمىز كىچىك بولسىمۇ لېكىن مېنى ناھايىتى ياخشى كۈتىۋالدى ، مەن ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمگەرچىلىك قەرزى بولۇپ قالدىم.
ئۇ ماڭا غەرب مەدەنىيىتىدىن سەسكەنگەنلىكى سۆزلەپ بەردى. يەرلىكلەرنىڭ پەقەت ھاراق ۋە ساياھەتتىن ئىبارەت ئىككى خوشاللىقى بارلىقىنى، ئۇلاردا باشقا خوشاللىق يوقلىقىنى دەپ بەردى. بىر قاتار سۆھبەتلاردىن كېيىن يەنە بىر مەنىلىك كۈننى كۈتىۋالدۇق.
ئەتىسى ئەتتىگەندە گلاسگوۋغا ساياھەت باشلاندى. ئوخشاش قەدىمىي بىنالار، بىر شەھەر ئىگىز ئىمارەتلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەدىمىيلىكى بىلەن گۈزەللىكىنى ھىس قىلدىم. مەيلى پارىژ بولسۇن، مەيلى لوندون بولسۇن، مەيلى دۇرھام بولسۇن، يا مەيلى گلاسگوۋ بولسۇن ھەممىسى بىر مەدەنىيەت ئۈستىگە يەنە كېلىپ دەريا مەدىنىيىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىدى. " قەيەردە سۇ بولسا، شۇ يەردە ھاياتلىق" دىگەن كەلىمىلەرنى قايتا –قايتا ئەسلىدىم. مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى دەريا بويىنى بويلاپ تەرەققى قىلغان ئىدى. بىر دەريا- بىر مەدەنىيەت، بىر دەريا – بىر شەھەر.
گلاسگوۋ ئۇنىۋېرسىتىدا زىيارەتتە بولدۇق. ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا سېلىنغان بىنالار مېنى ھەيران قالدۇردى. ھەقىقەتەنمۇ مائارىپ ئۈچۈن زور كۈچ چىغارغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئۇكىمىزنىڭ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق بىز ئوقۇشىمىز كېرەك- مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋېتىش پوزىتسىيىسى بويىچە ئۇقۇشىمىز كېرەك. خەق ئوقۇغان مەكتەپتە بىزمۇ ئوقۇيالايمىز.
دەريا بويىدا شۇنداق چىرايلىق بىر كۆمۈش رەڭلىك گۈمبەز پارقىراپ تۇراتتى. مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان بولسا، قىلچە ئىككىلەنمەيلا مەسجىد دىگەن بولاتتىم. راستىنى دېسەم، مەن ئۇنى مەسجىد دەپ ئويلىماپتىمەن. ئۇنىڭ مەسجىد ئىكەنلىكىنى ئۇكىمىزدىن ئۇقتۇم. شۇنداق بىر چىرايلىق مەسجدنىڭ دەريا بوينىدىن ئورۇن بېرىلگىنىگە مىڭلاپ رەھمەتلەر ئېيتتىم. مانا بۇ ئىسلامنىڭ غەرپتىكى بىر پارچىسى ئىدى.
شوتلاندىيەدىكى 2 – كۈنىمدە شوتلاندىيەنىڭ مەركىزى ئېدىنبۇرگقا يولغا چىقتۇق. ئەتراپ يېششىللىق بىلەن پۈركەنگەن، بۇ مەنزىرىلەر مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاي بىلەن دەل ئەكسىچە ئىدى. 2 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن ئېدىنبۇرگقا يېتىپ كەلدۇق. ناھايىتى گۈزەل مەنزىرە- تاغلار بىلەن بىنالار گىرەلەشكەن، قەدىمىيلىك يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان ئىدى. بۇ شەھەرنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەردەك ھىس قىلدىم. پارىژمۇ ھەتتا لوندونمۇ يەتمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم.
2 كۈنلۈك ساياھىتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، لوندونغا يولغا چىقتىم.
No comments:
Post a Comment