ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Friday, 2 November 2012

Parzana Nasrulla's Convocation


Hon. Tan Sri Mohd Sidek Hj Hassan  handing out the Master of Education  scroll to Paerzhana Naisurula at the 28th convocation of International Islamic University of Malaysia, the  on 6 October 2012. Paerzhana, from Uyghur region of China. 

Buerhan Saiti's Convocation


INCEIF chancellor and Bank Negara Malaysia Governor Tan  Sri Dr Zeti Akhtar Aziz handing out the PhD in Islamic Finance scroll to Buerhan Saiti at the forth convocation of INCEIF, the global university in Islamic Finance, on 20 October 2012. Buerhan, from Uyghur region of China, wrote a thesis on " Testing the contagion between conventional and Shari'ah-compliant stock indexes: A multi-country study using wavelet analysis". 


Wednesday, 10 October 2012

دېھقان پەرزەنتىنىڭ كېينكى سەرگۈزەشتىلىرى


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، دوستلار ۋە ئۇكا سىڭىللار: 

ياخشىمۇسىلەر! مەن سىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىلىرى» دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولىمەن. بۇ ماقالەم 2009 يىلى 4-3-ئايلاردا مەرھۇم توربەتلەرگە يوللانغان بولۇپ، ئاشۇ ۋاقىتىنىڭ ئۆزىدىلا كۆرۈلۈش سانى نەچچە ئونمىڭدىن، ئىنكاس سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. كېينىچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەرىپەت بلوگىغا، تۇرسۇنجاننىڭ جېك بلوگىنغا كۆچۈرلۈپ چاپلانغانىدى... تور بەت ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېين باغداش تورىدا يەنە ئېلان قىلغان ئىدىم. بۇ مۇنبەردىمۇ ھازىر يەنە كۆرۈلۈش سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. توردىن ئىزلەپ باقسام، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تور بەتلەرگىمۇ چاپلىنىپتۇ. ھەتتا كۆكنۇر تىبابەت تور بېكىتىدىمۇ ئورۇن ئەپتۇ. ئاددىغىنا سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا كۆرۈلۈش سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇنبەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇ يەردە مېنىڭ مەقسىتىم كۆرۈلۈش سانى بىلەن مەغرورلىنىش ئەمەس، بەلكى كىچىكنىنە ھايات كارتىنامنىڭ باشىقىلارغا زور ئىلھام بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاشۇ يىلى مېنىڭ يېزامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 40% گە يېتىپتۇ.  ماستىرلىق ئۇقۇيدىغان ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان قىزغىنلىق ئېشىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يېزىدىمۇ نەچچىلىگەن ئۇكا سىڭىللىرىم ھازىر چەتئەللەردە ئوقۇۋاتىدۇ. بەلكىم مەن ئاشۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەندەك بولدۇم.  مەن يەنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى، ئوقىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىنى بەكمۇ ئارزو قىلىمەن. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى يولغان دوكتورلۇق ئوقۇشتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم. 

Thursday, 4 October 2012

ئىسلام پايېچىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

بۇ ماقالىمىز ئىسلام پاي-چېكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ. ئىسلام پايچەك بازىرىنىڭ پەلسەپىسى سۆزلەنگەندىن سىرت، ئىسلام پايچېكىنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە رولى سۆزلىنىدۇ.  ئىسلام پايچېكىنىڭ شەرتلىرى، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى، پايچەكلەرنىڭ تاللىنىش، فىلتىرلاش باسقۇچى قاتارلىق بىلىملەر  ھەققىدە ئومومى ساۋات بېرىدۇ. 
1. ئىسلام پايچېكى بازىرىنىڭ پەلسەپىسى
دۇنيانىڭ تۆت چوڭ دىنى بولغان ئىسلام، خىرىستىيان، ھىندى ۋە يەھۇدى دىنلىرى ئۆسۈمنى چەكلەيدۇ (ئۆمەر چاپرا، 2007). بىراق، بۇ چەكلىمنىڭ دەل ئەكسىچە،200 يىلدىن ئاشقان غەرب مالىيە سىستىمىسى رىبا (ئۆسۈم ) ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۆسۈمنى چەكلەش چاقىرىقلىرى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلام دۇنياسىدىكى چاقىرىق بەكمۇ روشەن بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئۆسۈم ئاساسىدىكى مالىيە سىستىمىسىنى ئىسلام مالىيە سىستىمىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئىككى مالىيە سىستىمىسىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ خارەكتىرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئىسلام پايچەك بازىرىدا ئالماشتۇرۇلۋاتقان مالىيە مەھسوتلاتلىرى چوقۇم ئىگدارچىلىك ھوقوقىغا ماس كېلىشى كېرەك، بۇ يەردە سودا خەتىرى بارلىق شىرىكلەر تەرىپىدىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىنىشى كېرەك. رىبا چەكلەنگەنلىكى تۈپەيلى، ئىسلام پايچەك بازىرىغا بۇنداق دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ:  بارلىق سودىلار (پايچەك ئالماشتۇرۇشلار) نوقۇل ھالدا ئىگدارچىلىق توختاملىرى ئارقىلىق بولىدۇ. 
بىرىنچى، ئىسلام مالىيە بازىرىنىڭ بىر قانچە مەھسولاتلىرى چوقۇم شېرىكچىلىك توختامى تەلىماتى ئارقىلىق بولىشى كېرەك يەنى كۈچ ئىگىسى بىلەن پۇل ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا ئېنىق بىر شېرىكچىلىك توختامى بولىشى كېرەك. ئىككىنچى، ھەسسىدارلىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، بۇ ئىككى سېستىمىنىڭ يەنە روشەن پەرقى بار، ئىسلام توختاملىرى پۇل ئىگىسى بىلەن كۈچ ئىگىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر تەڭپۇڭ بولماسلىقتەك ئەھۋالنى ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىسلام مالىيە سىستىمىسى ھەسسىدارلىق توختاملىرىنى مۇزارەبەت دەپ ئالىدۇ، بۇ توختام ئاز دىگەندە ئىككى شىرىك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ توختامدا، بىر تەرەپ بارلىق پۇلنى چىقىرىدۇ، يەنە بىر تەرەپ سودىنى باشقۇرۇشقا مەسئول بولىدۇ.  بۇنىڭ ئەكسىچە، غەرب مالىيە سىستىمىسدا، ئۇچۇر تەڭپۇڭ بولماسلىقتەك ئەھۋال شىرىكلەر تەرىپىدىن ھەددىدىن تاشقىرى غەرب قانونلىرى بىلەن ھەل قىلىنىدۇ. ھايەنكەشىك، قىمارشەكلى،بىر تەرەپنىڭ پايدىسى ئۈچۈن پايچەك قىممىتنىڭ توقۇلۇپ چىقىرلىشى، ئۇچۇر تەڭپۇڭسىزلىقى قاتارلىق شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئىشلار ئەۋج ئالىدۇ.  مانا مۇشىنىڭغا ئوخشاش چەكلەنگەن ئىشلار تۈپەيلى، ئىسلام مالىيە سىستىمىسى رويابقا چىقىدۇ. بىر تەرەپكە پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپكە پايدىسىز بولغان ئۇچۇرلار، نەزىرىيە بويىچە،  ئىسلام مالىيە سىستىمىسىدا مەيدانغا چىقمايدۇ. ھايانكەش پايچەكچىلەر «قىسقا مۇددەت سېتىش ئۇسولى» بىلەن پايچەك ئالماشتۇرمايدۇ.  مۇسۇلمانلارنى ئىسلام شىرىكچىلىك توختاملىرى ئارقىلىق، پۇل تەمىنلىگۈچى بىلەن كۈچ ئىگىسىنىڭ پايدا-زىيانغا تەڭ مەسئول بولغان ھالدا، ھەقىقى بايلىق يارىتىشقا چاقىرىدۇ. 

2.2 پايچەك بازىرىنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىسسىيسى 

ئىسلام پايچەكلىرى ھەققىدە ساۋات بېرىشتىن بۇرۇن، پايچەكنىڭ ئېنىقلىمىسى، قۇرۇلمىسى ۋە فۇنكىسسىيسىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر بولىدۇ. ئۇنداقتا پايچەك دىگەن نىمە ؟ خافىر ۋە خېيىننىڭ (2007) كىتابىغا ئاساسلانغاندا، پايچەك دىگىنىمىز مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ مالىيە مال-مۇلكى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پايچەكلەر مالىيە ئاكسيەسى بولۇپ مەلۇم بىر نىسبەتتىكى ئىگدارچىلىق ھوقوقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.  شۇڭا مەلۇم پايچەكچى ئاشۇ پايچەك تارقاتقان شىركەتنىڭ نىسپى ئىگىسى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. مەلۇم بىر شىركەت پايچەك تارقاتسا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ پايچەكلەرنى سېتىۋېلىپ بۇ شىركەتنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ.  شۇڭلاشقا پايچەكنى شىركەت ۋە مەبلەغ سالغۇچى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توختامنامە دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار كەلگۈسىدىكى پايدا ئۈچۈن ھازىرچە ئۆزىدىكى ئېشىنچە پۇلنى پايچەككە تىگىشىدۇ. 


پايچەك بازىرىنىڭ ھەركەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، پايچەكنى ناھايىتى  تىز بولغان ھەركەت، ھەيران قالارلىق بايلىق ۋە تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. ئەمما بۇ ھەركەتلەر پايچەك بازىرىنىڭ مۇھىم فۇنكىسسىيەلىرىدىن ئەمەس. باشقا مالىيە بازارلىرىغا ئوخشاشلا، پايچەك بازىرىنىڭ ئۈچ مۇھىم قۇرۇلمىسى بولىدۇ: 1) تاۋار، 2) باھا مىخانىزىمى ۋە 3) سودا بازىرى. 

تاۋارلار بولسا پايچەك بولۇپ، پايچەك تارقاتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناۋەتلىك قەغەزدىن ئىبارەت. پايچەك تارقاتقۇچىلار ئادەتتە، دۆلەت، دۆلەت ئىگدارچىلىقىدكى كارخانىلار ۋە شەخسى كارخانىلار بولىدۇ.  بۇ تاۋارلار 2 خىل بولۇپ، بىرى يېڭىدىن تارقىتىلغان پايچەكلەر، يەنە بىر خىلى ئىككىنچى قول پايچەكلەر بولۇپ، قولدىن قولغا ئۆتۈۋاتقان تارقىتىپ بولۇنغان پايچەكلەردۇر.  بىرىنجىسى بىرلەمچى بازار، ئىككىنجىسى ئىككىلەمچى بازار دەپ ئاتىلىدۇ. رولى ۋە چوڭلۇق جەھەتتىن قارىغاندا، ئىككىلەمچى بازار بىرلەمچى بازارغا قارىغاندا كۆپ چوڭ بولىدۇ.

پايچەك بازىرىدىكى تاۋار باھاسى بازار ئىقتىسادىكى ھەممە تاۋارلارغا ئوخشاشلا تەمىنلەش ۋە ئىھتىياج قانونىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر شىركەت بەكرەك روناق تاپقان بولسا، شۇ شىركەتنىڭ پايچېكىگە بولغان ئېھتىياج يوقىرى بولىدۇ.  

پايچەك بازىرىنىڭ بىر قانچە فۇنكىسسىيەلىرى بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىق فۇنكىسسىيەسى بولسا ئىقتىساد فۇنكىسسىيەسىدۇر. ئۇ مەبلەغلەرنىڭ مەبلەغ سالغۇچىدىن مەبلەغ ئىشلەتكۈچىگە ئۆتىشىدە ۋاستىلىق رول ئوينايدۇ. يەنە قوشۇمچە ھالدا، شىركەتلەرنىڭ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى بازاردىن پايدىلىنىپ كېڭىيىشىدىمۇ ئاساسلىق رول ئوينايدۇ، پايچەك ئالماشتۇرۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: 

1) ئۇ پايچەكلەتنىڭ سېتىلىش ۋە سېتىۋېلىشتا تەييار ۋە ئۆزلىكسز بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۇرغۇنلىغان پايچەك ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇلچىلار ئۈچۈن بازار مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. 


2) پايچەك باھالاش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، پايچەكلەرنىڭ باھالىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزى مەبلەغ سالغان شىركەتلەرنىڭ ھەقىقى قىممىتىنى ھەر قانداق ۋاقىتتا بىلەلەيدۇ. 


3) مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇشۇنداق بىر سورون بولمىغان ھالەتتىكى پەرىشانلىقتىن ساقلاشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇنداق بىر بازار بولغانلىقىدىن، كېلىدىغان پايدا نىسبىتى تۆۋەنرەك بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇشۇ بازار تۈپەيلى ئۇلار خاتىرجەم ھالدا مەبلەغ سالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىركەتلەرمۇ ئەرزانراق بولغان مەبلەغقە ئېرىشىدۇ. 


4) پۇختا تۈزۈلگەن رول ۋە تۈزۈملەر پايچەكلەرنىڭ ئالمىشىدا بىخەتەر ۋە ئىشەنچىلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. بولۇپمۇ پايچىكى بولغان شىركەتلەر مۇشۇ رول ۋە تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىدۇ شۇنداقلا بۇ شىركەتلەنى ئاكسىيە ئورگانلىرى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. 

5) بۇ مەركەزلەشكەن پايچەك بازىرى تارقاق ھالەتتىكى بازارلارغا قارىغاندا،توغرا ۋە ۋەكىل خاراكتىرلىق بىر باھانىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. 

6) پايچەك بازىرى دۆلەت ئاكسىيەلىرىنى سېتىپ چىقىرىشتىكى ئاساسلىق بازار. شۇڭلاشقا دۆلەت ھەم ئاسان ھەم تىزلا ھۆكۆمەت مەبلىغىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداقلا چوڭ كارخانىلارمۇ ئۈنۈملۈك يول بىلەن مەبلەغ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ. 

7) ساغلام بولغان ھايەنكەشلىك ( ھايانكەشلىك بىرنىڭ تىلىمىزدا قويمىچىلارنى ھايانكەش دەپ ئاتايمىز. speculation دىگەن سۆزنى بىز ھايانكەشلىك دەپ تەرجىمە قىلىدىكەنمىز)، پايچەك بازىرىنى ئاكتىپ ھالەتتە تۇتۇپ تۇرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ساغلام بولغان ھايەنكەشلىك خەتەرلىك ئەمەس بولۇپ، پايچەك بازىرىنى نۇرغۇن سودا پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.  ئەمما زىيادىدىن زىيادە ھايەنكەشلىك بۇزغۇنچى بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا خەتەر ۋە شىركەتلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىدا توسقۇنچىلىق رولىنى ئوينايدۇ. 

8) شىركەتلەرنىڭ ئومومىي ئەھۋالىنى ۋە دۆلەت ئىقتىسادى ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.  ئۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ياخشى يامانلىق ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 

ئوخشاش يول بىلەن شەرىئەت ئاساسىدىكى پايچەكلەرنىڭمۇ بازار سورۇنى، تاۋارلىرى ۋە باھا مىخانىزىمى بولىدۇ. بىراق غەرب ۋە ئىسلامچە پايچەكلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلىرى بار، ئىسلام پايچەكلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بولۇپ، بۇ پايچەكلەر سەمىمىيلىك، ئادىللىق، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھىرلىنىش قاتارلىق ئىسلامچە بولغان قائىدە نىزاملار ئاساسىدا قۇرۇلغان. 

ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۈپكى ئوخشىماسلىقى قەيەردە؟ ئۇنداقتا دىققىتڭىز كېلەركى سەھىپىمىزدە بولسۇن...

Friday, 16 March 2012

ئەبجەشلەر



سەن ئۈچۈن بولسۇن جانىممۇ پىدا!
ياڭرار قۇلاقلارغا  بۇ ياڭراق نىدا .
تۇغۇلغان يۇرتىغا مىھرى يوقتىن ،
قانداقمۇ رازى بولسۇن خۇدا !!!

قانداقمۇ رازى بولسۇن خۇدايىم،  
يۇرتىنى جان دەپ بىلمىگەنلەردىن .
رازى بول سەندىن تىلەيمەن رەببىم، 
يۇرتۇمدەپ كۆكرەك كەرگەن ئەركەكتىن .

Sunday, 29 January 2012

شىياڭگاڭلىق ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەن پىڭ


 جۇڭگودىكى %99 خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتىدۇ. بەلكى بۇ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ۋەيران بولۇش! قېچىش-تاللاش يولى يوق! بۇ ئىش يېقىن كەلگۈسىدىكى 2-10يىلغىچە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. سەن مۇمكىن قەدەر بۇ ساندىن گۇمانلانغىن. ئەمما بۇ چوقۇم يۈز بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ۋەھىمىلىك گەپ سۆز ئەمەس.»«خۇددى مەن ئەينى چاغدا جۇڭگۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ۋاقتىمدا نۇرغۇن كىشلەر ئىشەنمىگەن ئىدى بىراق يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش. چۈنكى جۇڭگۇدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە نىسپەتەن ، ئۇ چوقۇم ۋە ئۈزۈلمىگەن ھالدا پۇل پاخاللىقى ۋە ئىسلاھات(قايتا تەشكىللەش) ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىدۇ.ھەرقېتىملىق ئىسلاھات ئېلىپ كېلىدىغان تولغاق ئاغىرىقىنى چوقۇم خەلىق تارتىشى چىدىشى كېرەك، مەيلى ئۈستىگە چىقىۋاتقان ياكى تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان چاغدا قايمۇقۇپ قالغان  زىيالى ياشلار قاتلىمى بولسۇن ياكى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن كۆپلەپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ كەينى كەينىدىن تاقىلىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلار بولسۇن. ئەگەر ئۇلار ئالدىن كۆرەر كىشلەر بولسا، ئەلۋەتتە مەن ئويلايمەنكى ئۇلار بەلكىم ئۆزى ئۈچۈن بىر يول قويۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ. بىراق ھۆججەتلەرگە قۇرۇق قەغەزلەرگە زىيادە ئىشىنىش ۋە تۇرمۇشنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئېتقاد قىلىش سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكىپاجىئە يۈز بەردى.