سەن ئۈچۈن بولسۇن جانىممۇ پىدا!
ياڭرار قۇلاقلارغا بۇ ياڭراق نىدا .
تۇغۇلغان يۇرتىغا مىھرى يوقتىن ،
قانداقمۇ رازى بولسۇن خۇدا !!!
قانداقمۇ رازى بولسۇن خۇدايىم،
يۇرتىنى جان دەپ بىلمىگەنلەردىن .
رازى بول سەندىن تىلەيمەن رەببىم،
يۇرتۇمدەپ كۆكرەك كەرگەن ئەركەكتىن .
يۇرتۇم دەپ كۆكرەك كەرگەن ئەركەكتىن،
قوللىرى دۇئادا، جىمى ئەل رازى.
شۇ يولدا ئۆلسەڭ گەر ، ئارمان يوق ساڭا،
گەر تىرىك قېپقالساڭ بولارسەن غازى.
ۋەتەن سۆي چىن ئىمان، ھالال لەۋزىڭدە،
رەببىمنى، خەلقىڭنى قىلما نارازى.
رەببىمنى، خەلقىڭنى قىلما نارازى،
ئەركەكنىڭ چىقسۇن شۇنداق ئاۋازى.
ھىدايەت بېغىدىن ئۈزۈپ گۈلدەستە،
بۇ دۇنيا ،ئۇ دۇنيا بولغىن سەن رازى.
بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا بولىسەن رازى،
ئەگەر سەن قىلساڭ ئاللانى رازى.
ۋەتەننى سۆيۈشمۇ ئىمان جۈملىسىدىن،
خەلقىم دەپ چىقسۇن ئەركەكلەر ئاۋازى.....
خەلقىم دەپ چىقسۇن ئەركەكلەر ئاۋازى،
ئەل غېمى يىگنلەردىن ئاتا -ئانىلار رازى.
ھەق يولدا كېسىلسە تەندىن ئەزىز باش،
رەببىمنى قىلمايمەن ھەرگىز نا رازى.!!!!
رەببىمنى قىلمايمەن ھەرگىز نا رازى،
بولۇپ دىنىمغا، ئىسلامغا خائىن.
يۇرت-خەلق سېتىپ يۈرگەن مۇناپىقنى،
خەلقىم دەيدۇ ئەزەلدىن ساتقىن.
خەلقىم دەيدۇ ئەزەلدىن ساتقىن،
يۇندا يالاپ سەمرىپ،جوھۇتتىن ياتتىن.
چىقسا قارادۆۋىدىن شۇنداق پەسكەشلەر،
نىجىستۇر چوشقىدىن،سېسىغان تاپتىن،
No comments:
Post a Comment