ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 29 January 2012

شىياڭگاڭلىق ئىقتىسادشۇناس لاڭ شيەن پىڭ


 جۇڭگودىكى %99 خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋەيران بولۇشقا يۈز تۇتىدۇ. بەلكى بۇ مۇقەررەر يۈز بېرىدىغان ۋەيران بولۇش! قېچىش-تاللاش يولى يوق! بۇ ئىش يېقىن كەلگۈسىدىكى 2-10يىلغىچە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. سەن مۇمكىن قەدەر بۇ ساندىن گۇمانلانغىن. ئەمما بۇ چوقۇم يۈز بېرىدۇ، ھەرگىزمۇ ۋەھىمىلىك گەپ سۆز ئەمەس.»«خۇددى مەن ئەينى چاغدا جۇڭگۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىشسىز قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن ۋاقتىمدا نۇرغۇن كىشلەر ئىشەنمىگەن ئىدى بىراق يۈز بەرگىنىگە ئوخشاش. چۈنكى جۇڭگۇدەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە نىسپەتەن ، ئۇ چوقۇم ۋە ئۈزۈلمىگەن ھالدا پۇل پاخاللىقى ۋە ئىسلاھات(قايتا تەشكىللەش) ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئېرىشىدۇ.ھەرقېتىملىق ئىسلاھات ئېلىپ كېلىدىغان تولغاق ئاغىرىقىنى چوقۇم خەلىق تارتىشى چىدىشى كېرەك، مەيلى ئۈستىگە چىقىۋاتقان ياكى تۆۋەنگە چۈشىۋاتقان چاغدا قايمۇقۇپ قالغان  زىيالى ياشلار قاتلىمى بولسۇن ياكى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن كۆپلەپ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ كەينى كەينىدىن تاقىلىشى تۈپەيلى مەيدانغا كەلگەن ئىشسىزلار بولسۇن. ئەگەر ئۇلار ئالدىن كۆرەر كىشلەر بولسا، ئەلۋەتتە مەن ئويلايمەنكى ئۇلار بەلكىم ئۆزى ئۈچۈن بىر يول قويۇپ قويغان بولىشى مۇمكىن دەپ. بىراق ھۆججەتلەرگە قۇرۇق قەغەزلەرگە زىيادە ئىشىنىش ۋە تۇرمۇشنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئېتقاد قىلىش سەۋەپلىك، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكىپاجىئە يۈز بەردى.
بەزىلەر ھۆكۈمەت ھەرگىزمۇ خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەيران بولىشىغا قاراپ ئولتۇرمايدۇ دېيىشى مۇمكىن.ئەمىليەتتە ھۆكۈمەت ئەسلا بۇنداق بولىشىنى خالىمايدۇ. ئەمما بەزى ئىشلار...... قانداق دېسەك بولار، ئەينى چاغدىكى ئىشتىن قالدۇرۇلغان خىزمەتچىلەر، جەمىيئەتتە شۇنچە چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلغانئەمما يەنە قانداق قىلالىدى؟ بۈگۈنكى خىزمەتچىلەر ئەتە ۋەيران بولغىنىدا يەنە ئوخشاش شۇ......
ئىسلاھات ئېچىۋىتىش ئېلىپ بېرىلغان 20نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگۇنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك ئۆرلىدى. ئەمما كونا مېخانىزىم پۈتۈنلەي ئۆزگەرگىنى يوق. ھەرخىل مۇھىم نوپۇزلۇق ساھەلەر يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مونوپوللىقىئاستىدائايلانماقتا. مىسال: بانكا، پۇل مۇئامىلە، مېتال تاۋلاش، ئېنىرگىيە، ئۇچۇر-ئالاقە، توشۇش-تىرانسپورت، داۋالاش، مائارىپ، يەر بايلىقى، يەر.  ئىسلاھات ئېچىۋىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا جۇڭگۇ بۇلارغا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئەمما بۈگۈنگە كېلىپ، مونوپولىيە نۇرغۇنلىغان زىددىيەتلەرنى كۈنسايىن كۆپەيتىپ بارماقتا.  ئەڭ ئاۋۋال دولقۇنغا ئۇچىراپ قالغىنى ئۆي مۈلۈكچىلىك. جۇڭگۇنىڭ قانۇن قۇرۇلمىسىنىڭ ساغلام تولۇق بولماسلىقى تۈپەيلى، بولۇپمۇ پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىسلاھات ساھالىرى ئىچىدە نۇرغۇنلىغان خاتالىقلار ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ كەينى كەينىدىن مەيدانغا كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆي مۈلۈكچىلىكىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان سىرتتىن كەلگەنلەر چوڭ شەھەرلەرگە مەركەزلىشىشكە باشلىدى. شۇڭىلاشقا شەھەردىكى بۇ يېڭى ئىشچىلار «قەغەز يۈزىدە خىزمەت قىلىدىغانلار»نىڭ كىرىمىمۇ ئېشىپ باردى. بېيجىڭنى مىسال قىلىپ ئالساق،3000-15000يۈەنگىچە بولغان ئايلىق مۇئاش بۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بىراق بۇ كىرىم ئاساسلىقى ئۆي ئىجارىسى ياكى مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىزنى قايتۇرۇشقا تۆلىنىدۇ.
بۇ خىزمەتچىلەر ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرراق چۈشۈنۈش ئۈچۈن ، ئاۋۋال بىز چوقۇم شۇنى ئېنىق چۈشۈنىۋىلىشىمىز كېرەككى: ئۆي باھاسى نېمە ئۈچۈن بۇنچە قىممەت بولىدۇ؟ قىممەت بولۇش سەۋەبى زادى نەدە؟ مەبلەغ ئايلىنامدۇ؟ (بۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر دېگەندە ئۆي سېتىۋالغان ۋە سېتىۋالماقچى بولغانلار كۆزدە تۇتىلىدۇ). تەرەققىيات يۆلىنىشى ئېلىپ كەلگەن مۇناسىۋەتلىك نەتىجىسى تۆۋەندە سىزگە ئۈچ قاتلاملىق چۈشەندۈرۈش بېرىلىدۇ.-
  
1: 
ئۆي باھاسىنىڭ ئېشىشىغا سەۋەپ بولىۋاتقىنى بىرنىچى ئامىل: بانكىلار ئارا رىقابەت جەريانىدىكى ئۆسۈملۈك قەرىز بېرىشنىڭ ئېچىۋىتىلىشى ئەمىليەتتە ئۆي باھاسىنىڭ پارتىلاش خاراكتىرلىك ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىۋاتقىنى خەلىقنىڭ ھۆكۈمەت ئۆتكۈزىۋاتقان خاتالىق ئۈچۈن پۇل تۆلەش. مىسال ئىلگىرى بىر ئۆي مۈلۈكچى مەلۇم بىر بانكىدىن قەرىز ئېلىش بىلەن 10مىليونلىق بىر ئۆي سېلىپتىكەن،ئەگەر قايتۇرالمىسا ئۇنى چوقۇم نەس باسىدۇ،چۈنكى ھەممە بانكا ئوخشاش، سەن قەرىز بولۇپ قالساڭ ئەمدى قۇتۇلىشڭنىڭ پۇرسىتى يوق. ئەمما جۇڭگۇدا بانكا ئىسلاھاتى ئاساسىدا بىر يوچۇق ئاچتى، ھەربىر بانكا ئارىسىدىكى رىقابەت ئۈچۈن سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق ھەممە بانكىلار ئايرىم مۇستەققىل تىجارەت قىلىدىغان بولدى. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى ياخشى ئىش ئىدى. بىراق مەسىلە بۇ بانكىلار ھەممىسىنىڭ خۇسۇسى بولماستىن بەلكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكا بولىشىدا. بىز شۇنىمۆلچەرلىشىمىز مۈشكۈل ئەمەس:  ئاشۇ ئۆي مۈلۈكچى 10مىليوننى سودا-سانائەت بانكىسىدىن قەرىز ئېلىپ چىققاندىن كېيىنكى نەتىجىنى. ئۇ پەقەت 5مىليون سەرپ قىلىپلا ئۆينى سالالايدۇ. ئاندىن سېتىش باھاسىنى ئۆستۈرىدۇ( باھا قويۇش سالغۇچىدا)، ئاندىن بۇ سېلىنىۋاتقان ئۆينى ئۆزىنىڭ ستىش باھاسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى بىلەن يېزا ئىگىلىك بانكىغا گۆرە قويۇپ 20مىليون قەرىز ئالىدۇ. ئاندىن كېيىن  بۇ 20مىليۇننىڭ ئىچىدىكى 10مىليۇننى ئىشلىتىپ يەنە بىر تېخىمۇ قىممەت باھالىق ئۆينى سېلىپ ئۇنى ئاپىرىپ قۇرۇلۇش بانكىسىغا گۆرە قويىدۇ-دە،40مىليون قەرىز ئالىدۇ. دەل مۇشۇ خۇددى دومىلاۋاتقان قار پومزىكىدەك ئەسەبىيلەرچە قەرىز ئېلىش گۆرە قويۇش ئۇسۇلى .
ئۆينىڭ سېتىلىپ چىقىرىلىشى مۇھىم ئەمەس، مۇھمى بولغىنى ئۆي باھاسنىڭ يۇقىرى بولىشى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. ئىشقىلىپ بانكىدىكى پۇل خۇسۇسىنىڭ ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ، شۇڭا بانكا باشلىقى بىلەن ئازىراق تىرىشىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلىۋالساق،بۇنىڭغا يەنە «قانۇنلۇق» يۇقىرى باھادا پارچە سېتلىدىغان ئۆينى گۆرە قويۇش بار بولسا ئەلۋەتتە تەبئىي ھالدا بارغانسىرى بانكىدىن قەرىز ئېلىش ئىشى ئاسانلىشىپ ماڭىدۇ
  ئەمدى بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى، ئۆي باھاسى ئاشىدۇكى چۈشمەيدۇ~! چۈنكى چۈشسە بولمايدۇ~! ئەگەر چۈشسە بانكىدىن ئالغان قەرىزنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. بۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بانكىسى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلى،~شۇنىڭ ئۈچۈن مەبلەغ  قارا ئۆڭكۈرلىرىنى يېپىش ئۈچۈن مەخسۇس مۇتەخىسىسلارنى سېتىۋىلىپ، ئاخبىرات ۋاستىللىرى ئارقىلىق ئەسەبىيلەرچە يالغان-ياۋداقلار ۋاستىلەرنى توقۇپ چىقىپ كىشلەرنى ئالداپ ئۆي سېتىۋىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.   مىسال: يەر بايلىقى قىس بولۇپ كەتتى ،يەر بايلىقى ئېغىر دەرىجىدە ئازلاپ كەتتى، ئەگەر يەنە ئۆي سېتىۋالمىسىڭىز-شۇ- شەھەر سىرتىدا ئولتۇرىسىز ئەمدى دېگەندەك نۇرغۇن. كىشلەرنى ئۆي سېتىۋالمىسا بولمايدىغان ھالەتكە ئەكىلىپ قويىدۇ-دە ئۇلار ئامالسىز ئۆي سېتىۋالىدۇ(چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسدا ئاخبىرات ۋاستىللىرى ئارقىلىق سۇغۇرۇلغان مەلۇماتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن شۇنچىلىك پىكىر باركى، چوقۇم سېتىۋىلىش كېرەك مەيلى قەرىزگە بوغۇلۇپ كەتسەممۇ دېگەن چۈشەنچىگە كېلىدۇ). ئەمىليەتتە شەھەرنىڭ ئوتتۇرسىدا ئولتۇرالماسلىق دېگەن ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ ھەم يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەسشەھەر ئاھالىسى بولسا كونا يېڭى ئالمىشىپ تۇرىدىغان جەريان.ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر شەھەر ئىچىدە تۇرىدۇ. چوڭلار.قېرىلار پېنسىيگە چىقىپ شەھەر سىرتىدا تۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. نوپۇسلا ئېشىپ كەتمەيدىكەن ئىشلەيدىغانلار شەھەردە تۇرالمايدىغان ئىش مەۋجۇت بولمايدۇ. گەرچە بۇ سەپسەتىلەر نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئۆي سېتىۋىلىشىغا سەۋەپ بولسىمۇ، بىراق پەقەتلا مۇشۇنداق بولسا ئۆي باھاسى تېخى ھازىرقىدەك ئەمىليەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يۇقىرى دەرىجىگە كەلمەستىن ئەگىشىپلا ھۆكۈمەت يەنە ئىككىنىچى خاتالىقنى سادىر قىلىدى.
2:ئۆي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كېتىشىگە سەۋەپ ئىككىنچى خاتالىق: جۇڭگۇچە مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىز.
مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىز ئەسلىدە غەرىپ كاپىتالىزىمىدىكى بىر ئومۇملاشقان تۈزۈم ھەم ئۇلارغا بەك ماس كېلىدۇ. بىراق بۇ تۈزۈم بىردىنلا جۇڭگۇدا ئىجرا بولغان ۋاقىتتا مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى چوڭ جەھەتتىكى قۇرۇلمىدىن قارىغاندا، پۈتۈن بانكا دۆلەتنىڭ، ھەرگىزمۇ خۇسۇسىنىڭ ئەمەس. شۇڭا بۇ قەرىز ئۆتكىلنى ھەرگىزمۇ كونتىرول قىلغىلىبولمايدۇ. ھۆججەت-قەغەز يۈزىدە چۈشەندۈرەلىسەڭلا، كىشلەر چوقۇم قەرىز ئالالايدۇ.
تۇنجى قېتىملىق خاتالىق تۇغدۇرغان مەبلەغ قارا ئۆڭكۈرلىرىنى بالدۇرراق بوشاشتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت يەككە-شەخسنىڭ ئۆسۈملۈك قەرىز ئېلىپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش تۈزۈمى بىلەن ئۆي سېتىشقا باشلىدى. يەنە تېخى نېمە ھېلىقى- ئامىرىكىلق موماي ۋە جۇڭگۇلۇق موماي- مىساللىرىنى كەلتۈرۈپ كىشلەرنى مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىز ئېلىشقاقىزىقتۇردى. ھەقىقەتەن ئادەملەر قەرىز ئالدى، ھەم ئەسەبىيلەرچە ئېلىۋاتىدۇ. بانكا بىلەن «يولى» بار بولغانلىكى ئادەم ھەممىسى ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئاۋۋال  مۇددەتلىك قەرىز بىلەن 800مىڭلىق بىر ئۆي ئالىدۇ، ئۆزى 100مىڭنى ئاۋۋال تۆلەپ 700مىڭنى بانكىدىن مۇددەتلىك قەرىز قىلىدۇ. ئاندىن بۇ ئۆي باھاسىنى يۇقىر باھالىق ئۆي قىلىپ 1مىليون 800مىڭغا ساتىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ تۇققانلىرى ياكى ئاتا-ئانىللىرى ئۇ ئۆينى يەنە بېرىپ سېتىۋالىدۇ، ئوخشاشلا مۇددەتلىك قەرىز ئۇسۇلى بىلەن ئاۋۋال 300مىڭنى نەق تۆلەيدۇ ئاندىن بانكىدىن 1مىليون 500مىڭنى مۇددەتلىك قەرىز قىلىپ چىقىرىپ ئالىدۇ. كېيىن كارى بولمايدۇ. ئۇلار قەرىزنى قايتۇرمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بانكا ئالامدۇ ئالمامدۇ، ئىشقىلىپ توختام بويىچە مەن ئەگەر سەندىن ئالغان قەرىزنى قايتۇرالمىسام ئۆينى ئېلىۋالىسەن شۇ، بەرىبىر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگەقەرىزدار ئەمەس. تېخى مەن بېرىپ بالام ياكى جىيەنىم بىلەن ئالغان پايدىمىزنى بۆلۈشىمىز.
شۇڭا بىر ئايلىنىپلا، شۇنچە قىممەت باھالىق بولغان ئۆي يەنە ھۆكۈمەت بانكىسنىڭ قولىغا قايتىپ كەلدى. بۇ نېمە ئۈچۈن يېڭى تاۋار ئۆيلەر قۇرلۇش باشلىنىپلا «ئۆي سودىسى قىلىدىغانلار » تەرىپىدىن سېتىۋىلىنىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىچۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆي سودىسى قىلىشى ھەرگىزمۇ ئۆينىڭ قىممىتى ئاشىدۇ ياكى باھاسى ئۆسىدۇ دەپ دو تىكىش ئەمەس، بەلكى ئۆينى ئېلىپ بېرىپ بانكىنى جايلايدۇ(بانكىنىڭ شامىلىنى يىغىدۇ.) @3a
 بانكا بۇ ئۆينى ئېلىپ نېمە ئىش قىلىدۇ؟ قانداق قىلىدۇ؟ ھەرگىزمۇ باھانى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئامالسىز ئازىراق باھاقېتىپ يەنە ساتىدۇ. شۇڭا ئاددىي پۇقرالار ھازىر ھەرگىزمۇ باھاسى مۇۋاپپىق ئۆي سېتىۋىلىشنى خىيال قىلمىسۇن! سەن بىۋاستە قۇرلۇش سالغۇچىنىڭ ئۆزىدىن ئالغان بولساڭمۇ ئۇ ئۆي ئاللىقاچان بىرنەچچە قولدىن ئۆتۈپ بانكىلارنى پىقىراپ يەنە شۇ ئۆي سالغۇچىنىڭ قولىغا كەلگەن بولىدۇ. قۇلاققا ياقمايدىغان گەپتىن بىرنى قىلسام، ھازىرىقى بىر كۇۋادىراتى 8000يۈەن بولغان ئۆي . ئەسلىدە 2500يۈەنگە يەتمەي باھاسى بولىدۇ. 5500يۈەن بولسا شۇ تەدبىر سىياسەتلەر نىڭ خاتالىقى تۈپەيلى سادىر بولغان مەبلەغ قارا ئۆڭكۈرلىرى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سەن ئاشۇ كىشلەر ئۈچۈنبانكىدىكى پوقىنى تازلاۋاتىسەن.
3: ئۈچۈنچى مەسىلە: خىزمەتچىلەر ئائىلىسى قاچان ۋەيران بولىدۇ؟
ئەگەر بىز ئۆي باھاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆسىدىغانلىقىنى تەھلىل قىلساق، ئەمدى يەنە جۇڭگۇ شەھەرلىرىدىكى خىزمەتچىلەر ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ مۇقەررەرلىكىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى.
ئالدى بىلەن سىرتقى دۆلەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمى ھەقىقەتەن يۇقىرى. بىراق يۇقىر بولىشىنىڭ قىممىتى بار. بىراق جۇڭگۇنىڭ ئاتالمىش «قەغەز يۈزىدە خىزمەت قىلغۇچىلار» نىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساپاسى تۆۋەن. جۇڭگۇ كارخانىللىرىنىڭ ئىچىدىن خورىشى ئېغىر. ئادەملەر يۈزەكى، بوينى قاتتىق. شۇڭا چەتئەل كارخانىللىرىنىڭ جۇڭگۇ چوڭ قۇرۇقلۇق بازىرىغا كىرىپ ھەيران قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس: جۇڭگۇدا كارخانا قىلساڭ خىزمەتچى تاپالماس ئىكەنسەندېمەكچى ياراملىق خىزمەتچى)، بۇنىڭغا نىسپەتەن مەندىمۇ چوڭقۇر تەسىراتلار بار.  ئۇنداقتا بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن: ئەمسە بۇ «قەغەز يۈزىدە خىزمەت قىلغۇچىلار» بۇ پۇلغا يارىمىسا، سىز دەپ بېقىڭ ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئاشئالالايدۇ؟..  ئەمىليەتتە، بۇ ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ قىززىپ كېتىشى تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بىر كۋونتىملىق تەسىر( يەنى داۋاملاشمايدىغان كىچىك سەكىرەش ھەرىكىتى تەسىرى). بانكا تارتقان زىيان مەبلەغ ئازغىنە بىرقىسىم كىشلەرنىڭ قولىدىن ئۆتۈش ئارقىلىق بازارلارغا ئاقىدۇ. بۇ كىشلەر جۇڭگۇدا باشقا ساھالەرگە ساراڭلارچە مەبلەغ سالىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھەم بىلىدۇ-ئۆي مۈلۈكچىلىك ۋەيران بولۇشقا ئاز قالدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق دەممۇ-دەم قىزغىنلىق بىلەن مەبلەغ سېلىشى بۇ پۇللارنى(بانكا مەبلىغى) تېز سۈرئەتتە يوق قىلماقتا. ئۇلار ئېنتىرنېت، يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھالەرگە مەبلەغ سالماقتا، بىراق نېمە دېگەن بىلەن بېرىۋاتقان ئىش ھەققى ئىشچىلارنىڭ ئۆي ئىجارىسى ياكى ئايلىق تەمىناتىغا يېتىۋاتىدۇشۇڭا ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى جۇڭگۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇئاش سەۋىيەسىنى نىسپەتەن ئۆسۈپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىشەنمىسەڭ ئۆزۈڭ ھېساپلاپ باق سەنتۇرىۋاتقان شەھەردىكى خىزمەتچىلەر قاتلىمىدىكى كىشلەر تەخمىنەن كىرىمىنى ھەرئايلىق ئۆي پۇلىغا بېرىۋەتسە قانچە پۇل ئېشىپ قېلىشىنى؟؟؟ مەن ئويلايمەن بۇ مەسلىدە مەن سۆرۈلۈپ يۈرمەي. كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىدە سان بار. شۇڭا مەن دېيەلەيمەنكى ئەگەر ئۆي مۈلۈكچىلىك خاراپ بولسا ئەگىشىپلا خاراپلىشىدىغىنى سىزنىڭ مۇئاشىڭىز.
مەن تونۇيدىغان نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەر ئۆي سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېساپ قىلىشى بەكلا ئاددى:« ئىككى جاننىڭ ئالىدىغان مۇئاشى –ھەرخىل ئىستىراخۇانىيە ۋە كاپالەت پۇللىرىنى تاپشۇرۋەتكەندىن كېيىن قولغا ئېشىپ قالىدىغنى- 12000يۈەن. ئۈچ مىڭ يۈەن ئۆي پۇلى نېمە گەپ ئىدى؟ مەن يەنە بىر ئۆي سېتىۋىلالايمەن. راست، ھېچنىمە ئەمەسبىراق ئۆي باھاسى قىممەت بولغاچ، ھەممە نېمە قىممەت: يەيدىغىنىڭ قىممەت، قاتناش ھەققى قىممەت، ئوقۇش پۇلى قىممەت، داۋالىنىش ھەقلىرى قىممەت ...تېخىمۇ قىممەت! ئۆي پۇلى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۇرمۇش چىقىملىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئومۇمەن بىر تىيىنمۇ ساقلىيالمايسەن. ئازىراق ساقلىيالىغان تەقدىردىمۇ ئەمماكۈنسايىن ئېشىپ كېتىۋاتقان مال باھاسىنىڭ پاخاللىقىغا ھەرگىزمۇ يېتىشەلمەيسەنمەسىلە بولسا، ئەگەر بۇنداق تۇرمۇش ھالىتى داۋاملىق ساقلاپ مېڭىش مۇمكىن بولسا ، نەزىرىيە جەھەتتىن ھېچ ئىش يوق. سېنىڭ 20يىلدىن بۇيان تاپقان پۇلۇڭ دەل ھۆكۈمەت سادىر قىلغان ئىككى خاتالىق تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىياننى تولدۇرۋاتىدۇ.
بىراق مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. WTO5  بەش يىللىق بوشىتىپ بېرىش مۇددىتىنىڭ ئاياقلىشىشىغا ئەگىشپ، كۆپلىگەن چەتئەل مەبلەغلىرى ئۇچۇر ئالاقە، بانكا، داۋالاش، ئىستىراخوانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ئارقىمۇ ئارقا جۇڭگۇغا كىرىپ كەلدىۋاقتى كەلگەندە ھېچكىم سېنىڭ پۇلۇڭنى خۇاچى(花旗)بانكىسىغا ياكى خۇيفىڭ(汇丰)بانكىسىغا قويۇشىڭنى توسۇيالمايدۇ. بىر مەسلىنى سوراپ باقاي، شۇ ۋاقىتتا كىممۇ پۇلىنى قۇرۇق ھېساپ كۆرستىدىغان ھېساباتىدا قۇرۇق كۆرسىتىش كۆپ بولغان جۇڭگۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بانكىلارغا قويۇشنى خالايدۇ؟! ھۆكۈمەت قانچىلىك تىرىشىپ تەدبىر قوللانسۇن ياكى زورىغا نەقلەشتۈرۈپ بەرسىمۇ، شۇڭا ۋاقتى كەلگەندە نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ،ھازىر بىرنېمە دېمەك تەس. بىراق ھازىر جەزىملەشتۈرۈش مۇمكىن بولغان بىر نۇقتا باركى، شۇۋاقىتتا جۇڭگۇ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بۇ بانكىلار دۇچ كېلىدىغان بېسىم ئىنتايىن زور دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ. مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىز بولسا مۈشكۈلچىلىك ئۈستىگە جاپا بولىدۇ، چۈنكى بانكىلاردا قەرىز بەرگۈدەك پۇل يوقتە!!! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتايۇقىرى ساپالىق تالانىت ئىگىللىرىنى ئۆزىگە توپلىغان چەتئەل كارخانىللىرىنىڭ جۇڭگۇ ئىچىگە كىرىشى جۇڭگۇ بازىرىغا ئىنتايىن كۈچلۈك بىر زەربە بولىدۇ ۋە ھازىرىقى مەۋجۈت بولغان نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنىڭ كۆپلەپ تاقىلىپ كېتىشى ۋە قەغەز يۈزىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىساق، چەتئەل كارخانىللىرىنىڭ بىردىنلا رىقابەتكە قاتنىشىشى، جۇڭگۇنىڭ ھازىرىقى %99 خىزمەتچىللىرىنىڭ كەڭ مۇھىت ئىچىدە ئىشسىز قېلىش بېسىمىغا دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتئەل مەبلەغ سالغان بانكىلار پۇل توپلاپ ئۆي مۈلۈكچىلىكككە يۈرۈش قىلسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى نورمال مەشغۇلات سېستىمىسى ئارقىلىق ياساپ چىققان ئۆيلىرى ئەلۋەتتە كۆپ ئەرزان بولغانلىقى سەۋەپلىك، چوقۇمكى پۈتۈن دۆلەتنىڭ ئۆي مۈلۈكچىلىك كەسىپى زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىدۇ. مەن بايا ئېيىتقاندەك ، ئۆي باھاسى بىرلا چۈشسە، ئەگىشىپلا چۈشۈپ كېتىدىغىنى سەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتىن ئالىدىغان مۇئاشىڭ بولىدۇ.!! بىراق ، بىراق ،بىراق سەن ئىلگىرى سېتىۋالغان ئۆينىڭ قايتۇرىلىدىغان مۇددەتلىك ئۆسۈملۈك قەرىزى بولسا ھەرگىزمۇ چۈشمەيدۇ ياكى كېمەيتىپ قويمايدۇ، شۇڭا سەن ئۇنچە يۇقىرى قەرىزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قالىسەن. ئۇنداقتا سېنىڭ ئۆيۈڭ بانكا تەرىپدىن تارتىپ قايتۇرۋىلىنىدۇ(چۈنكى قەرىز ئېلىش توختىمىدا شۇنداق بەلگىلمە بار)، سېنىڭ ئامانەت پۇللىرىڭ بولسا بىۋاستە توڭلىتىدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسىدىكى جۇڭگۇ شەھەرلىرىدىكى خىزمەتچىلەر بولسا 10نەچچە يىل ئاۋۋالقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش تەقدىردە بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. جاپامۇشەققەت بىلەن ئۆتكەن 20يىل، سېۋەتتە سۇ توشىغان ئەخمەقلىق بولىدۇ ئاخىر
قانداق قىلىپ بۇ ۋەيرانچىلىقتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟؟؟؟ 
  گەپ بۇيەرگە كەلگەندە، چوقۇم شۇنى ھېس قىلىسىزكى، ئۆي سېتىۋالماسلىق بولسا ۋەيران بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر ئاقىلانە تەدبىر. بىراق مەن سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىپ قوياي، بازارنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يەنە شۇنداق ئامالى باركى، ئۇ بولسىمۇ خەلىقنى دەيدەيگە سېلىپ:« ئۆي سېتىۋالمىغان ئەر ئەرئەمەس» دېيىشىدۇدېمەيلا قوي- بۇ تېخى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ھازىرقى ئادەملەر تۇنجى دېيىشىدىغان گېپى بولسا: سېنىڭ ئۆيۈڭ بارمۇ؟ خۇددى ئۆيۈڭ يوق بولسا سەن بىر ئاختا قىلىنغان ھايۋاندەك.  مەن ئاچچىقىمدىن شۇنداقلارنى تىللىغۇدەكمۇ نەپىسىم يېتىشمەي قالىدۇ.  بەزىلەر تېخى مۇنبەرلەردە مۇنداق چاپلىمىلارنى يېزىپتۇ: سەن ئۆيسېتىۋالمىساڭ نەدە تۇرىسەن؟؟؟~  مەن ئەجەپلىنىپ قالدىم. تۇرۇش ۋە سېتىۋىلىش چوقۇمكى سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىيىتىگە ئىگىمۇ؟؟؟  جۇڭگۇدا بىر پارچە يەرمۇ سىزنىڭ ئەمەس تۇرسا سەن سېتىۋالغان ئۆي ۋە ساڭا ئىجارە بەرگەن ئۆينىڭ نېمە پەرىقى بار .
قاراقچىلارغا ئوخشايدىغان خوجىدارلىق物业 بىلەن سېنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيدىغان مەجبۇرىي كۆچۈرۈشلەر! بۇ دەل شۇ «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى» ئەمەسمۇ؟ بىراق گەرچە WTO نىڭ باياناتىدا نەشىرىيات ۋە مەتبۇئات ساھەسى بولسا بېكىنمە ھالەتتە دەپ ئىزاھلىغان بولسىمۇ، ئۇنداقتا بازارنى قۇتقۇزۇش بولسا ھۆكۈمەت ۋە تەرەققىيات سودىگەرلىرىنىڭ قولىدىكى ئەڭ ئاخىرىقى بىر تال كوزىر قەرىت بولۇپ قالىدۇ.
شۇڭىلاشقا بىز نۇرغۇنلىغان شېكەر-ناۋات گەپلەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا كاللىمىزنى كۆپىرەك ئىشلىتىشىمىز لازىم. بۇندىن كېيىن بىز ئاڭلايدىغان ئۆي-مۈلۈكچىلىك ھەققىدىكى جىن-ئەپقاچتى گەپلەر كۈندىن كۈنگە كۆپىيىپ بارىدۇ.نۇرغۇنلىغان بارماق چىشلىتىپ قويىدىغان گەپ جىقىيىپ كېتىدۇ. مەسىلەن يېقىندا بىر «مۇتەخەسىس» ئۆي باھاسى قىممەت دېگەننىڭ دېپىنى چېلىپ: نېمە ئۇ يىلىغا 50مىڭ يۈەن مۇئاش دېگەن، ئىككى جان بىر يىلدا 100مىڭ دېگەن گەپ، 5يىلدا 50مىڭ . شۇڭا ئۆي باھاسى ئەلۋەتتە قىممەت ئەمەس. مەن ئەجەپلىنىدىغان نەرسە شۇكى يەنە شۇنچىلىك ئادەملەر ھە-راست دەپ باش لىڭشىتىشىۋاتىدۇ. بەلكىم بۇنداقلار ياكى بۇ تۈردىكىلەر ئاللىقاچان تەرەققىي قىلىپ يېمەيدىغان، ئىچمەيدىغان، كېسەل بولمايدىغان، كىيىم كەيمەيدىغان، قىمىرلىمايدىغان ھەتتا ئاتا ئانىسى ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەن بېقىشمۇ كەتمەيدىغان ھالەتتىكى مۇتەخەسىس بولسا بۇ گەپلەرنى دېسىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسشۇڭا كۆپچىلىك ئەلۋەتتە ھوشىيا بولۇش كېرەك.
ئۆي سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالماقچى بولغان خىزمەتچىلەر چوقۇمكى ئۆي باھاسنىڭ خاراپ بولىشىغا ئەگىشىپ خاراپ بولىشىدۇ. ئۇ بولسىمۇ بىر ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدىغان جەريان. قىسقا بولسا 2يىل، ئۇزۇن بولسا 10يىل. بىراق بۇ قايتۇرغىلى بولمايدىغان يۈزلىنىش.شۇڭا جۇڭگۇدىكى %99  شەھەرلەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ۋەيران بولىشى ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە سەن بانكىغا تاپشۇرىۋاتقان ھەربىر پۇڭ سىنىت ھەممىسى ھۆكۈمەت ئۆي سودىسىقىلىشىدىغانلار ئۈچۈن ئېتىۋاتقان تۆشۈكلەردىن ئىبارەت. ئىنتايىن ئاز بىرقىسمى بولسا ھەقىقەتتىكى ئۆي پۇلى. ئەتىگە بىر چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، سەن تۆشۈك ئېتىدىغان شۇنچە كۆپ مەبلەغ تاپالمىغاندا ئەلۋەتتە بازار ۋە بانكا تەرىپىدىن بىر تېپىك بىلەنلا تاغلارغا يول ئالىسەن. يېڭى بىر تۈركۈم ئادەملەر كېلىپ داۋاملىق تۆشۈك ئېتىشنى داۋام قىلىدۇ. ئىشەنمەمسەن؟؟ توختاپ تۇر كۆرىسەن تېخى!!   نېمەئۈچۈن مەن %99 دېگەن ساننى دەيمەن؟ چۈنكى مېنىڭ بىلىشىمچە %99 ئادەم ئالىدىغان مۇئاشى بىردىنلا 5000يۈەندىن ئاشسا ئارقىمۇ-ئارقا ئۆي سېتىۋىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا 3000، 4000 گە بارغاندا ھەم ئۆي سېتىۋالىدۇ. ياشقىنە بىر جۈپلەر بۇنداق ئۆي سېتىۋالسا چوقۇم ھاياتنىڭ ئىنتايىن ئېچىنارلىق بولىشىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ. مەن پەقەت شۇلار ئۈچۈن ھەسرەتلىنىمەن. ئەلۋەتتە ئەگەر سەن ئاشۇ %1لىك بىلەرمەن بولساڭ، كۆپىرەك ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ قۇتقۇزىۋال. كۆپنىڭ كۈلكىسى كۆلنى كۆكەرتەر.
جۇڭگۇ خەلىقى چۈشىۋاتقان تۆت چوڭ دام
بىرىنچى دام؛ ئۆي مۈلۈكچىلىك
ئۆي سېتىۋىلىش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇ بولسىمۇ سىز بىر ئۆيگە ئىگە بولىسىز. شۇنداق ، سىز شۇنداق ئويلايسىز، ئەمما جۇڭگۇدا سەن ھەرگىزمۇ بۇ ئۆيگە ئىگە بولالمايسەن، پەقەتلا ساڭا ئىجارە بېرىلدى خالاس. چۈنكى ئۆي سېنىڭ ، ئەمما يەر سېنىڭ ئەمەس. پەقەتلا يەرنىڭ 70يىللىق ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالدىڭ-شۇنى ساڭا سېتىپ بەردى( ھازىردىن باشلاپ 70يىل كەينىگە چېكىنسەڭ دەل ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان دەۋىر، كىم كۆرۈپتۇ ئاشۇ ئۆيلەرنى ھازىر؟) .ئۆي ئادەتتە 30يىل ئەتىراپىدا چېقىش ياكى كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا ئۇچىرايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا سەن ئۆي سېتىۋالىدىغان پۇلنى خەجلەپ، پەقەت ئۆي ئىجارە ئېلىش دېگەن نامغا ئېرىشىسەنئەلۋەتتە بۇ ئۇنچە ئېچىنارلىقى ئەمەس. ئەڭ ئېچىنارلىقى بولغىنى، نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىر توپ لۈكچەك-قاراقچىلار(城管人سەن بىر ئۆمۈر ئىشلەپ تىرىشىپ تاپقان پۇلىغان ئالغان ئۆيۈڭگە كىرىپ چوڭ قىلىپ «چېقىش»(دېگەن خەتنى يېزىپ چاپلاپ قويغاندا ، شۇنى بىلىسەنكى، سەن ئالداندىڭ، ئاندىن ئۇلار ئۆيۈڭدىكى ھەممە نەرسىنى خۇددى ئەخلەت تاشلىغاندەك سىرتقا تاشلايدۇ، ھەرگىزمۇ سېنىڭ نالە-پەريادىڭغا قۇلاق سالمايدۇ، ھەتتاكى گېزىتلەرگە سېنىڭ ئىسمىڭغا «ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشقان جاھىل ئۇنسۇر» دېگەن سەت نامنى قېتىپ ئېلان قىلىدۇ ۋە كۆپچىلىك سېنى تىللاپ ساڭاھاقارەت قىلىۋاتقاندا بىلىسەنكى- ئۇ ئۈمۈتسىزلىكنى!!!!!!!!
جۇڭگۇنىڭ ئۆي مۈلۈكچىلىك ساھاسىنى راسا ئوخشىتىدىغان مۇنداق بىر چاخچاق بار:
بۇرۇن، بىر پومشىك بار ئىكەن، ئۇنىڭ نۇرغۇن يەرلىرى بار بولۇپ، ئىنتايىن جىق ئىشلەمچىلەرنى تېپىپ كېلىپ يىللىقچى قىلىپ ئىشلىتىدىكەن. پومشىك ئۇلارغا تۇرۇش ئۈچۈن بىر تۈركۈم چېدىرلارنى تىكىپ بەرگەنكەن. بىركۈنى، پومشىكنىڭ مەسلىھەت-پىلانچىسى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:
ـ خوجايىن، يىللىقچىلار بۇيىللاردا ئىشلەپ قولى ئازىراق پۇل كۆرۈپ قالدى. ئۇلار سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە تۇرۇپ سىزگە ئايلىق ئىجارە تۆلىسە تازا قاملاشمايدۇ، ئىشقىلىپ ئۇلار مەڭگۈ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ ۋە تۇرىدۇ، شۇڭا سىز كەسكىن ھالدا بۇ ئۆيلەرنى-ئومۇمنىڭ ئۆيىنى سېتىش(公房出售)- دېگەن نامدا ئۇلارغا سېتىپ بەرمەمسىز، ئۇلارغا دەڭكى، بۇ ئۆيلەر سېتىۋالسلا مەڭگۈ ئۇلارنىڭ بولىدۇ-دەپ. بۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا تاپقان پۇلىنى قايتۇرۇپ ئېلىۋالالايمىز.
پومشىك دەپتۇ
 
-
    ياخشى، ئەمما ئىجارە پۇلىنى قانداق قىلىمىز؟
مەسلىھەتىچى دەرھال:
-    ئوخشاشلا يىغىۋىرىمىز، بىرتىيننى كام قىلمايمىز. ئۇنىڭغا ياپونچە ئىسىمدىن بىرنى قويىمىز- خوجىدارلىق پۇلى物业费.  بىزدە ياپونچە ئىسىملار نۇرغۇن. خاتىرجەم بولۇڭ، بۇنى ئۇلار چۈشەنمەيدۇ.
پومشىك دەرھاللا ئىجرا قىلىپتۇ ۋە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ. يىللىقچىلار ھەم ناھايىتى خۇشال بولۇپتۇ . قانداقلا قىلمىسۇن،مەيلى نام ئالماشقان ئىجارە تۆلىسۇن. «ئۆي مېنىڭ »دېگەن نامنى ئالغىنىغا راسا خۇشال بولىشىپتۇ.
بىرنەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پومشىكنىڭ يېزىسى تەرەققىي قىلىپ ناھىيە-شەھەر بولۇپتۇ، پۇلدارلار ھەم كۆپىيپتۇ ۋە تۇرغىلى يەر تاپالماپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى مەسلىھەت-پىلانچى پومشىكقا دەپتۇ:
-    خوجىدار، يىللىقچىلار بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قولىغا يەنە نۇرغۇن پۇل كىردى، بىز ئۇلارغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرەيلى، بۇنىڭغا «كونىنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش» دەپ ئىسىم قويايلى. ئۇلار قولىدىكى پۇلنى بىزگە بېرىدۇ، بىز ئۆيلەرنىچېقىپ يېڭى ئۆي سالىمىز ۋە يەنە ئۇلارغا ساتىمىز، بىز بىرنەچچە قەۋەت ئۆينى جىق سالىمىز ۋە ئۇنى باشقىلارغا ھەم ساتىمىز.
پومشىك دەرھال بۇنى ھەم ئىجرا قىلىپتۇ ، بۇ قېتىم يىللىقچىلار خاپا بولۇپ قاپتۇ، پومشىكنىڭ ئۆي قورۇقچىللىرى راسائىشقا كەپتۇ، يىللىقچىلار ئامالسىز لېۋىنى چىشلەپ ئاچچىقنى ئىچىگە يۇتۇپ قاپتۇپومشىك يەنە نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ.
يەنە بىر نەچچە يىل ئۆتۈپتۇ، پومشىكنىڭ بۇ يېزىسى تەرەققىي قىلىپ چوڭ شەھەر بولۇپتۇ. پۇلدارلار بايلار تېخمۇ كۆپىيپتۇپومشىكنىڭ يېرى ئىنتايىن پۇلغا ياريدىغان بولۇپتۇ. ھېلقى تەدبىرچى پومشىكقا دەپتۇ:
-خوجىدار، بىز بۇ يىللىقچىلارنىڭ ئۆيىنى چېقىپ تاشلاپ، ئورنىغا داچا سالايلى،چېقىلغان يەرلەرگە ياخشى ئۆي سېلىپ ئاشۇ پۇلدارلارغا ساتايلى، ئەلۋەتتە نۇرغۇن پۇل تاپىمىز.
پومشىك دەپتۇ:
-يىللىقچىلار ئۇنىمىسا قانداق قىلىمىز؟ تەدبىرچى دەپتۇ:
-بىز ئۇلارغا ئازىراق تولۇقلىما پۇلى بېرەيلى، ئىسمىنى«پۇل بىلەن تىنچ ئەپلەش(货币化安置) »دەپ قويايلى، يەنە بىز ئۆزىمىزنىڭ چوشقا قوتىنى ئەتراپىغا ئۆي سېلىپ ، ئۇنىڭغا «ئەرزان قولايلىق ئۆي(经济适用房)» دەپ نام قويايلى. ئۇلارغا بىر ئات ھارۋا يولى ياساپ بېرىپ ئۇلارغا ئاشۇ ئۆيلەرنى سېتىپ بېرەيلى.
پومشىك دەپتۇ:  
-
ئۇلارنىڭ پۇلى يەتمىسە قانداق قىلىمىز؟
تەدبىرچى:
  
-
بىز ئۆزىمىزنىڭ پۇل سەرراپخانىسىدىن(ھازىرىقى بانكىغا ئوخشاش) ئۇلارغا قەرىز بېرىمىز، بىريىلدا 6ئۈلۈشلۈك ئۆسۈم، بىزنىڭ بۇ پۇلىمىز ھەم تېجەشلىك ھەم تۇغۇمچان.ئەسلا خەتىرى يوق. پومشىك يەنە ئىجرا قىلىپتۇ. يىللىقچىلار پۇلنى ئېلىپتۇ، پومشىكنىڭ ئەرزان قولايلىق ئۆيى ھازىرغىچە بىر ئېغىز سېلىنىپتۇ، يىللىقچىلار قاتار تۇرۇپ ئۆينى كۈتىدىكەن، تا ھازىرغىچە ئۆي كۈتىۋىتىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئىشلەمچىلەر غەۋغا قىلىشقا باشلاپتۇ، پومشىك ئازىراق ھودۇقۇپ قاپتۇ، ئەنسىزلىكتە تەدبىرچىسىدىن :-ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ دەپ سوراپتۇ. تەدبىرچى: - دەرھال ئىشلەمچىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىڭ‹ ئۆي باھاسى چۈشۈپ كېتىدۇ. سېتىۋالماڭلار، ئىجارە ئولتۇرۇڭلار شۇ سىلەرگە ھازىرچە تېجەشلىك،› ئاندىن بىز ھېلىقى چوشقا قوتنىئەتراپىدىكى ئۆيلەرنى ئۇلارغا ئىجارە بېرەيلى ،.-دەپتۇ.   شۇنداق قىلىپ، جاپالىق ياشىغان بۇ نەچچە يىلدىن كېيىن ھەم، ئىشلەمچى-يىللىقچىلار يەنىلا پۇلى يوق ئۆيى يوق ئىجارە ئولتۇردىغان ھالغا قايتىپ كەپتۇ، تاكى مەڭگۈپومشىك بولساتەدبىرچىنىڭ بۇندىن كېيىنكى شەھەردىكىلەرنى قانداق ئەپلەش توغىرسىدىكى پىلانلىرىنى ئاڭلاپ، يېنىچە خۇشال يېتىپتۇ:
ـ بىزدە تېخى ئىشلەتمىگەن ئىسىملار كۆپبۇندىن كېيىن يۇقىرى قەۋەتلىك ئولتۇراق مەھەللىسى(高层小区)، مىليونرىلار مەھەللىسى(百万村)، مۇۋەپپىقيەت قازانغۇچىلار مەھەللىسى(成功家村)،..................
گەرچە بۇ چاخچاق سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمىليەتتە قاراپ باقساق، بۇنىڭدىن بەتتەر ھالەتلەر مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟  بەزىلەر : ئەگەر مۇنداق بولسا، نېمە ئۈچۈن جۇڭگۇلۇقلار ئۆي سېتىۋالىدۇ، ساراڭلارچە سېتىۋالىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟.   بۇ ئاشۇ خەلىقنى ئالداش مائارىپىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەسمۇ. خۇددى:~
60-يىللاردا، خەلىقنى كۈشكۈرتۈپ چوقۇم ئۈچ نەرسە سېتىۋىلىش كېرەك: قول سائىتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، ۋېلسىپىت بولغاندىلا ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى ھېساپلىنىدۇ ئاندىن توي قىلىشقا خوتۇن ئېلىشقا بولىدۇ.
70-يىللاردا خەلىقنى كۈشكۈرتۈپ،چوقۇم تۆت نەرسىنى يېڭىدىن سېتىۋىلىش كېرەك: تېلىۋىزور. توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ۋە ئائىلە تېلفونى بولغاندىلا ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى ھېساپلىنىدۇ ئاندىن توي قىلىشقا خوتۇن ئېلىشقا بولىدۇ.شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەينى چاغدا تېلىفون ئورنىتىش بولسا نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا ئون نەچچە مىڭ يۈەنلىك ئىش ئىدى ئۇ!!(كىشلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى شەھەردە كىشى بېشىغا 200يۈەنگە ھەم يەتمەيدۇ-شىياڭگاڭ كۆزدە تۇتىلىدۇ)، بېيجىڭ شاڭخەي تەرەپ بولسا بىر تېلىفون ئون نەچچە مىڭدىن ئوشۇق چاغدا، كىشلەرنىڭ قاتار قاتار بولۇپ رەتكە تۇرۇپ نومۇر سېتىۋىلىپ، تونۇش ئىزدەپ، يول ئىزدەپ، تېلفون ئورنىتىمەن دەپ يۈرگەنلىرى ھېلمۇ ئېسڭلاردىدۇ؟ بۇ ھازىرقى ئۆي سېتىۋىلىش بىلەن نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئوخشايدۇ؟؟
بۈگۈنگە كېلىپ، ئىت پوقى بولمىش زىيالىلار مۇنداق بىر خەلىقنى ئالدايدىغان سەپسەتىنى(كونا مۇقام بولسىمۇ گەرچە) ئېغىزلىرىدا كۆپتۈرۈپ جار سالماقتا:
-    قەغەز يۈزىدىكى خىزمەتچىلەر(白领)-بۇ تەبىقىنىڭ يېڭى ئۆلچىمى، مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار بولسا X ئايلانما،Xيول، Xكىچىك تىپتىكى ئۆي. Xئايلانما، Xيول، Xسودا تۇرالغۇ تىپلىق ئۆينى تاللايدۇ.
سېنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۈەن پۇلۇڭنى ئېلىپ، يەنە تېخى سېنى ئايمۇ ئاي ئىجارە تۆلىتىپ{(新物业费)-يېڭىخوجىدارلىق پۇلى} ، بانكا ئۆسۈمى، ھەم تېخى نامى ياپونچە، روسچە بولغان ئىسمى ئۆزگەرگەن ئۆسۈملەر، سىياسەت-باشقۇرۇشلار قاتارلىق نۇرغۇن نۇرغۇن نۇرغۇن...........ئىشقىلىپ سېنىڭ قىيناپ ئۆلتۈرمەيدۇ بەلكى سېنىڭ شۇ ئۆلۈمىڭنىڭ تېخىمۇ ئېچىنارلىق بولماسلىقىدىن ئەجەپلىنىدۇ .خەلىق بۇ ئالدىنىشلارغا نېمانچە خۇشتار، شۇنچە بولسا ھەم زېرىكمەيدۇ-ھە؟؟!!   مەن ئاچچىقلانغىنىمدىن پۈتۈن بەدەنلىرىم ھۆل بولۇپ كەتتى
ئىككىنچى دام:  ئىشقا ئورۇنلىشىش.
بىر ئادەم ئاخىر چىدىيالماي: ئەينى چاغدا زىيالى بولۇپ ھېساپلانغاندا، كىمدۇر ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن چىقىش يولى تاپالمىغاندا، ئامالسىز سۈكۈتتە قارشىلىق بىلدۈرۈپ ئولتۇرغاندا ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى، بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا تېڭىرقاپ يۈرگەندە، تېخى بەزىلەر قوشاقلىرىغا قېتىۋىلىپ :ھايات تەنتەنە، قايتىدىن كېلەيلى دەپ ناخشا ئوقۇغاندا. سەن بەلكىم ئويلارسەن-ئۇلارمۇ بۈگۈنكى كۈندىكى قەغەز يۈزىدىكى خىزمەتچىلەرگە ئوخشاش شەرەپلىك بولغان بولغىيتى!   ئۇلارنىڭ كىرىمىمۇ ھەم جەمىيئەتتىكى ئورنىمۇ ئىلگىرى ئەتراپىدىكلەر ھەيران قالىدىغان دەرىجىدەبولغىيتى؟!  سەن بەلكى تەسەۋۋۇر قىلىپ باق! ئۆزۈڭنىڭ 20يىلىدىن كېيىنكى بۈگۈنىنى، سەنمۇ شۇلارغا ئوخشاش بۇلۇڭ پۇشقاقلارغا كىرىپ كېتىسەن، ھەممە سەندىن يۈز ئۆرۈشۈپ؟!
بەلكىم بەزىلەر دەيدىغاندۇ: ھەي. سەن بىلمەيسەن، ھازىر ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بار، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى بار،XXسىتراخوانىيەلەر بارغۇ؟   ، ھۇ ئەخمەق. مەن بېيجىڭدا Nيىلدىن كۆپىرەك ۋاقىت لەيلەپ يۈردۈم، نۇرغۇنلىغانسۇغۇرتا-سىتراخوانىيەلەرنى تاپشۇردۇم-تەخمىنەن نەچچە ئون مىڭدىن ئوشۇق. بىراق ئىشسىز قالغان چېغىمدا، چېپىپ ھالىم قالمىدى شۇ سىتراخوانىيەلەرنى ئىزدەپ، تاپىنىم تېشىلىپ كېتەي دېدى شۇ سىراخوانىيەلەرنى ئىزدەپ. ماڭا سۇغۇرتا سىترخوانىيە دەيدىغان بىرنەرسىنى بېرىدىغان ئادەم چىقمىدى، بەلكى تېخى نۇرغۇن سىتراخوانىيە شىركەتلىرىمېنىڭ تاپشۇرغان پۇللىرىمىنى توڭلىتىۋەتتى-سەن بۈگۈنى تاپشۇرۇپ ئەتىسى يوق ئادەمكەنسەن-دەپ. ئاچچىقتىن ئۆلەي دېدىم....بۇ تېخى نېمە دەيسىز، سەن تېخى ياشاپ 60قا بارالايسەن؟؟ سەن تېخى 60ياشقا بارغان چېغىڭدا چوقۇم كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايمەن دەيسەن؟؟ ئاسماندىن ساڭا نان تاشلاپ بەرمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئېلىۋاتقان كۈتۈنۈش پۇلى بىز تېپىۋاتقان پۇل ئۇ! بۈگۈنكى كۈندىكى 30-40ياشلىق ئادەملەر ھەممىسى ئاچا-سىڭىللىرى ئاكا-ئۇكىللىرى بار بولغان 3-4بالىلىق ئائىلەرنىڭ ئادەملىرى. مەنسى شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە 60ياشتىن ھالقىغانلار ئېلىشقا مۇيەسسەر بولىۋاتقان  كۈتۈنۈش پۇلى سەۋەبى - 5ئادەم بىر قېرىنى بېقىۋاتىدۇ!  ئەمما بىز بۇ بىر ئەۋلات قېرىغان چېغىمىزدا بىر پەرزەنىت 2قېرىنى بېقىشى كېرەك.( گەرچە بۇ بېقىشقا ياپونچە «ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى»دەپ نام قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمىليەتتە شۇ بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ پۇللىرى خالاس). پۇل نەدىن كېلىدۇ؟ يوق، ئەگەر 90 ياشقىچەياشىيالىساڭ بەلكىم بىرئاز كۈتۈنۈش پۇلى ئالالايسەن. يول بولسۇن ساڭا!   ئەمىلىيەت شۇنداق بولسىمۇ ، ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىسىنى ئەسەبىيلەرچە ھەرخىل كەسىپىي ئورگان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئورگانلارغا تىقىۋاتىدۇ. يول مېڭىپ پۇل خەجلەپ،..  مېنىڭ ئەتراپىمدا بۇنىڭ مىساللىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مېنىڭ يۇرتۇمدىكى بىر يىراق تۇققىنىم مۇناسىۋەت ئىزدەپ يول مېڭىپ، 70مىڭ يۈەن پۇل خەجلەپ، بالىسىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش تەرىزىسىدە قاتناش ساقچىسى ئەترىتىگە كىرگۈزدى ۋە توختاملىق ساقچى police قىلىدى. بىرئايدا 800يۈەن مۇئاش. نەتىجىدە ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئىش ئورنىغا چىقىش رىقابىتىدە شاللىنىپ كەتتى. پۈتۈن ئائىلىدىكلەر يىغا-زار قىلىشىپ كەتتى. مەن نۇرغۇن گەپ قىلىپ كەتتىم:- بولدى  قىلىڭلار، ئەگەر سەن بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلساڭمۇ ئۇ 70مىڭنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلەلمەيسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، پۇتىڭنى يۇيۇپ كىرىپ ئۇخلاپ ،ئەتە ئازىراق يىغىش قىلىپ كىچىك بىر تىجارەت باشلىۋال .تېخى كىم بىلىدۇ كۆپ پايدا تېپىپ قالامسەن
  شۇنىڭ ئويلاپ يېتەلمەيمەن: جۇڭگۇلۇق ئادەملەر نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەق؟  ئۇلار «دۆلەت» دېگەن بۇ ئىسمغا نېمانچە خۇراپىيلىق بىلەن ئىشىنىپ كېتىدۇ؟ ئويغۇنۇڭلار،  تەپەككۇرۇڭلار بىرئاز نورمال بولسا بولمامدۇ؟؟ ئىش قىلىشتىن ئاۋۋال ھېساپلاپ بېقىڭلار ، ھېساپقا دۇرۇسمۇ ياكى يوقمۇ؟؟
 يەنە بار ،ھېلىقى ئەمدىلا كۆكلىگەن ياش خىزمەتچىلەر، ياخشىسى يۇقىرى مۇئاشىلىق خىزمەت ئىزدەڭلارھەرگىزمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دەمدۇ ئىشقىلىپ سۇغۇرتا-سىتراخوانىيە دېگەن نەرسىلەرنى ھەرگىزى تاپشۇرماي، پۇلۇڭلارنى چىڭ ساقلاڭلار. كەلگۈسىدە بىلىسىلەر نېمىگە ئىشلىتىشنى. +ئۈچۈنچى دام: مائارىپ
بىرپارچە دىپلوم قانچە پۇلغا يارايدۇ؟  بىر پارچە دېپلوم قانچە پۇلغا يارايدۇ؟ بىر پارچە دېپلوم قانچە پۇلغا يارايدۇ؟............بېسىپ چىقىرىش ھەققى ئۆتۈپ كەتسە 2يۈەن. بىر مۇئەللىم مۇئاشى نەچچە پۇل؟ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى يېتىپ ئاشىدۇ بىر مەۋسۈمگە! بىر سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاپ ماتىرىياللىرىنىڭ پۇلى نەچچە پۇل؟ باسما ھەققى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ پۇلى شۇ! بىر سىنىپ ئىجارىسى قانچە پۇل بىر مەۋسۈم؟ كۆرە، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى.
جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ سەندىن شۇنچە كۆپ پۇل ئالىدىغان نېمە ھەققى بار؟ ھەي، خەلىق، بىز نېمە ئۈچۈن دامغا چۈشىمىز؟ چۈنكى كىچىكىمىزدىن باشلاپ باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر بىزگە ئوقۇپ ئالىي ئوقۇش يۇرتلىرىغا كىرسەك ئاندىن بىز شەرەپ قازانغان بولىمىز دەپ تەئلىم بەرگەن. بىراق كەڭ خەلىق ئاممىسى ئەزەلدىن نېمەئۈچۈن شەرەپ بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شەرەپ؟.........ئالى مەكتەپ سىتۇدىنتلىرى شۇ ئەخلەتلەر جۈملىسىدىن بولماي نېمە؟؟؟
سەن بىلەمسەن ، سېنىڭ بالاڭنى قانداق ئادەم تەربىيلەۋاتىدۇ؟ جۇڭگۇدا جەمىيئەتكە ماسلىشالمىغان ئامالسىز قالغان كىشلەر بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. مىسال، مەن ئىلگىرى بىر تۈرنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن، بىرنەچچە ئالى مەكتەپ ماگىستىلىرىنى چاقىرىپ كېلىپ پىروگىرامما تۈزدۇق.بۇ نەچچىسى شۇنچىلىك ھاماقەت دۆت ئىدىكى، ھەرگىزمۇ سەن ئۈچۈن ئويلىمايدۇ، بېشىدا قاراپ تۇرمىساڭ ھەرگىزمۇ ئىش قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆججەتلەردە ئېنىق خاتا خەتلەر كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ ئەسلا ئۆزگەرتمەيدۇ، سەن بايقاپ قالغان چېغىڭدا تېخى سەن بىلەن ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتە قىلىشىدۇ، بۇ ئۇنىڭ خاتالىقى ئەمەسمىش. بەلكى سەن بەرگەن چاغدا شۇنداق خاتا ئىكەن . كىچىككىنە مەسئۇلىيەتچانلىق، ئىشنى قىلساقلا بولامدۇ ياكى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئىش قىلامدۇق-ياق،ياق –بىرسىمۇ ھەرگىز ئويلاپ قويمايدۇ. مەن يەنىلا شۇنداق مۇلايىم ھالدا ئۇلارغا قائىدە چۈشەندۈردۈم: سەنلەر چوقۇم باشقىلار ئۈچۈن ئويلاش دېگەننى ئۈگۈنىۋىلىش، باشقىلار قانداق نەتىجىگە موھتاجلىقىنى ئويلاپ ئاندىن ئىش قىلىش. بولمىسا،جەمىيئەتتە مەۋجۈت بولالماي قېلىشىسەنلەر. ئاخىردا ئۇ نەچچىسى: بىز دەل شۇ جەمىيئەتكە بېرىپ قالمايمىز، بىزنىڭ نەتىجىمىز ئىنتايىن ياخشى، مەكتەپ بىزنى ئېلىپ قېلىپ ئوقۇتقۇچى قىلماقچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ھېچقانداق خاتا بولمىغانتۇرسا، سەن قانداق ئورۇنلاشتۇرساڭ بىز شۇنداق قىلىمىز. سەن ئورۇنلاشتۇرمىساڭ بىز قىلمايمىز.بۇ بىزنىڭ ئابرويىمىز ۋە پىرىنسىپىمىز-دەيدۇ. مەن دېدىم: ئەگەر سەنلەر ئىشىك باقار بولساڭلار، خوجايىن سىلەرگە ئىشتىن كېيىن ئىسكىلاتنىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلىۋىتىشىنى ئورۇنلاشتۇرمىسا، ھەرگىز تاقىمامسلەر؟  يۈرەكلىرىڭ ئېيچىشمامدۇ؟؟    
ھازىرىقى ئالىي مەكتەپلەردىكى بىرگە ياشاش(نىكاھسىز بىر ئۆيگە كىرىۋىلىشئۇرۇشۇش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببەتلىشىشى، زەھەرلىك چېكىملىك............ لارنىڭ بولىشى ئەجەبلىنەرلىك بولماي قالدى. بىراق ئائىلە باشلىقلىرى يەنىلا پۇل خەجلەپ بالىسىنى ئاشۇ مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشكە قاتىرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار خەجلەيدىغان پۇل بىر ئۆمۈرلۈك پۇل تېخى.
تۆتىنچىماشىنا سېتىۋىلىش.
جۇڭگۇلۇقلار ساراڭ بولدىمۇ؟؟ ماشىنا سېتىۋىلىش؟؟؟ نېمە ئۈچۈن ماشىنا سېتىۋالىسەن؟؟ ئەلۋەتتە سېنىڭ پۇلۇڭ ئېشىپ تېشىپ كېتىپ خەجلەيدىغان جاي تاپالمىساڭ ،قانداق خەجلىسەڭ شۇنداق خەجلەش ئىختىيارىڭ، ماشىنا .ئۆي دەمدۇ نېمەسېتىۋالساڭ بولىدۇ. ئىشقىلىپ ماي پۇلى قانچە ئۆسسىمۇ سېنىڭ پۇلۇڭ خەجلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۆيۈڭنى چېقىۋەتسە ھەم يۈرەگىڭ ئاغىرىمايدۇ سېنىڭ . ئەمما خەلىقچۇ؟؟؟ كەڭ خەلىق ئاممىسىچۇ؟؟
ئىلگىرى مېنىڭ بىر كەسىپدىشىم  شىمالى ئىككىنىچى ئايلانمىدا تۇراتتى. شىركەت غەرىپ ئىشىكى شۇ تەرەپتە ئىدى. ھەركۈنى مېتىروغا ئولتۇرۇپ ئىشقا بېرىشقا يېرىم سائەتتىن كۆپىرەك ۋاقىت كېتەتتى. بىراق نېمە بولسۇن ئۇ بىر كونا شيالى سېتىۋالدى. ھەكۈنى ئەتتىگەن 8دىن باشلاپ يول قاتناش قىستاڭچىلىقى بولاتتى. ئاندىن ئازىراقتىن ئازىراقتىن سىجىلىپ شىركەتكە كېلىۋالاتتى. ھەي، بىر ئايلىق ماشىنا توختىتىش پۇلىمۇ ئاز ئەمەس. بىراق خەق دېگەن ماشىنا ھەيىدىسە ئاندىن قەدىر قىممىتى بىر دەرىجە ئاشقاندەك ھېسياتتا بولاتتى. شيالىنى دېمەيلا قوياي، مەن ئاۋدى ھەيدىگەنلەرگىمۇ بىركىمنىڭ ئۈچ تازىم توققۇز باش قويغۇنىنى كۆرگەن ئەمەسمەن. ئۇنداق قىلىش ئۆزىنى باشقىلاردىن بىرئاز ھاماقەت كۆرسىتىشتىن باشقا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىش ئىدى.
يەنە بىر قېتىم، مەن بىر كىچىك قىزچاقنى ئۇچىرىتىپ قالدىم، ئايلىق كىرىمى 4000گە ئەمدىل ئۇلاشقان ئىدى.ماشىنا ئېلىشنى پىلانلاۋاتقان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن سورىدىم: كىچىك قىزچاق، سىز تىجارەت قىلمىسىڭىز، ئۆزىڭىز ۋاقتى-سائىتىدە ئىشقا بارسىڭىز، مېتىرو شۇنچە قولايلىق، نېمە قىلىسىز ماشىنا سېتىۋىلىپ؟؟  ئۇ شۇنچە ئويلاپ ئاخىرى ھېچ بانا سەۋەپ تاپالمغان چېغى ، ئېغىزىغا كېلىشىچە: مەن بەزىدە تاللا بازىرىغا بېرىپ نەرسە سېتىۋالىمەن،تاكسىغا ئولتۇراي دېسەم يول يىراق ئەمەس ئەرزىمەيدۇ، ماڭاي دېسەم پىيادە ئۇزۇن يول. شۇڭا ئۆزەمنىڭ ماشىنىسى بولسا ھەيدەپ بارىمەن.،......ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ قۇسۇۋەتكىلى تاس قالدىم. ماشىنا ھەيدەپ تاللا بازىرىغا بېرىپ بىرخالتا تەييار چۆپ سېتىۋىلىشىڭ كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرمامدۇ؟؟؟  Iphone5نى ئېسىۋىلىپ ئەخلەت تېرىپ يۈرسەڭ ،يەنە شۇ ئەخلەت تېرىيدىغان كەسىپ ئىگىسىغۇ شۇ سەن!  ھەرگىزمۇ ماشىنا سېتىۋالسام بىرنەرسىنى ئىسپاتلايمەن دەپ ئويلىما!!!1
مىسال مەن ھازىر سودا قىلمەن، ناھايىتى ئالدىراش، بىركۈندە 4-5يەرگە بارىمەن، نۇرغۇن خېرىدارلار بىلەن كۆرىشىمەن. بىراق مەن ماشىنا سېتىۋالمايمەن. نېمە ئۈچۈن؟  مەن تاكسى دېسەم ھەرجايدا بار، كېلىدۇ كېتىمەن، ھەرگىزمۇ ماشىنا توختىتىش ئۈچۈن ئۈچ پىقىراپ تۆت ئايلىنىپ يۈرۈش غېمىنى يېمەيمەن. ياندى سوقتى تېگىپ كەتتى دەپ يۈرەكزادە بولۇپمۇ يۈرمەيمەن. ئوغىرى ئاپتۇ چېقىپ قېچىپتۇ دەپ قورقۇپمۇ يۈرمەيمەنقاريامغۇر بولسۇن ھەممىلا چاغدا شوپۇر بار. مەگەر قاتناش قىستاڭچىلىقىغا دۇچ كېلىپ قالسام ، تاكسى پۇلىنى تۆلىۋىتىپ چۈشۈپ بېرىپ مېتروغا ئولتۇرىمەن-دە شۇنچە قولايلىق. يىلدا ئون نەچچە مىڭ يۈەن شۇ تاكسى پۇلى.بىر ماشىنا سېتىۋالسام، بىر يىللىق ماشىنا توختىتىش پۇلى ھەم ئون مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ بىر ئەخمەقلىق بولماي نېمە ئۆزى؟
ماشىنا سېتىۋالما ،ماشىنا سېتىۋالما دېگەنسىرى ، سانسىزلىغان ئەخمەقلەر ئەسەبىيلەرچە مۇددەتلىك قەرىز بىلەن ماشىنا ئالىدۇ تېخى؟؟؟  خۇددى ئۆزى كەلگۈسىدە ئېچىنارلىق ھالغا چۈشۈپ قالمايدىغاندەك ؟؟؟  سېتىۋال ، سېتۋالغىنىڭدىن كېيىن ئۆسۈم قاتقاندۇ؟؟ سېتىۋال، ماي باھاسى ئۆسكەندۇ؟ ماشىنا توختىتىش ھەققى ئۆسكەندۇ؟ پۇشايمان قىلدىڭمۇ؟؟ يېڭى ماشىنا يولغا بىر چىقتى بولىدى، ئەسلى باھاسى يوق ، كۇرسى چۈشىدۇ، ساتاي دېسەڭمۇ زىيان تارتىۋاتقانسەن؟؟ ساڭا دەپ قوياي، ماي باھاسى ئۆسىدۇ، ئامىرىكىنىڭ باھاسىغا يېتىشىپ بېرىپ ئاندىن كۆرىسەن. سەن ئامىرىكىلىقنىڭ ئوندىن بىر مۇئاشىنى ئالىسەن. تېخى خەقنىڭكىدەك قىممەت باھالىق ماي سېتىۋالىسەن؟؟؟ قېنى سەن قانچىلىك قىلىسەنكىن؟؟
 5ئاخىرىدا بىر جۈملە،  ھەربىر ئادەم ئەخمەق ئەمەس، ھەممىسى كىچىكىدىن خەلىقنى گوللاش مائارىپى تەرىپىدىن بىرنىمە قىلىۋىتىلگەن. سەل گومۇش بولۇش ھېچقىسى يوق،ھايات ماماتلىق ھالقىلىق پەيىتتە سەن چوقۇم چىڭراق تۇر، ئىقتىسادىي پايدا مۇناسىۋىتى كۆپرەك ھېساپ قىل. بىر كۈن بېشىڭغا كېلىپ،ئۆي باھاسى بىر چۈشسە، ماي باھاسى بىر ئۆسسە، يېرىم ئۆمۈر سەرىپ قىلىپ تاپقان پۇلغا سېتىۋالغان دېپلوم ھېچنېمە قىلالمايدۇ. نەچچە ئون يىل تاپشۇرغان پاراۋانلىقلار ھېچنىمىسى يوق بولۇپ قالغاندا، سەن زىيان تارتىدىغان نەرسە پەقەتلا نەچچە يۈزمىڭ بولماي قالىدۇ .بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، ئەي ئامال يوق. ئەجىبا تۇرمامدۇق، ماشىنا ئالمامدۇق، ئاممىۋىي قاتناش بەك قسىتاڭچىلىق. مەن دەيمەن ، بۇ ھەممىسى خەلىقىنى ھاماقەت قىلىش گوللاش مائارىپى كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇرۇق ئابروي پەرەسلىك چوڭچىلىق تەكەببۇرلۇقلارنىڭ ئويناۋاتقان ئويۇنى. ماڭا قاراپ باقە، بىر ئايدا مەن مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئۆيئىجارىسى  تاپشۇرىمەن. خۇددى بەزىلەر تاپشۇرىۋاتقان «ھېلىقى خوجىلىق پۇلى.( 物业费ئەگەر مەن توي قىلسام 3-4مىڭلىقنى ھەم ئىجارىگە ئالالايمەن، ئائىلە سايمانلىرى، بېزەكلىرى ھەممىسى ئىچىدە تېخى، ئۇنىڭ ئۈستىگە نە قولايلىق بولسا شۇيەردە تۇرىمەن. ئەگەر كۆچمىسەم ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئالىمەن. خۇددى خوجىلىق پۇلى تاپشۇرغاندەكلا(物业费). تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە بانكىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش، ئۆسۈم تۆلەش ....يەنە نېمە نېمە دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ئاۋارچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالىمەن.ئىشىم بولسا تاكسى، ئىش يوق بولسا مېتىرو. يىلىغا ئون مىڭ يېتىپ ئاشىدۇ كىراغا. تېخى ماشىنا ئىسكىلات پۇلى، توختىتىش پۇلى، جەرىمانە .....ۋاي-ۋۇي ئىشقىلىپ نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇپ قالىمەن. ماي باھاسى 10كويغا چىقسىمۇ كارىم نېمەئىشىمغا دەخلى قىلمايدۇ.  مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا قېچىپ كەتكەنبىرتەرەپتىن ئۆزەم ئۆگىنىپ بىرتەرەپتىن بازار تەشكۈرۈش پىلان لايىھەلەش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن. يەنە ئوخشاشلا چەتئەل كارخانىسىغا كىرىپ، بازارغا سېلىنغان شىركەت باشقۇرغۇچىسى بولمىدىممۇ؟؟؟ تېخى نەچچە ئونمىڭلىق ئوقۇش پۇلى يانچۇقتا قالدىئەلۋەتتە  بەزىلەر دەيدۇ:    سەن ئۆيمۇ ئالماپسەن، توي قىلالمايسەن، ئەمما مەن ئويلايمەنكى، مەن قىلمىدىم، ئەمما سەنچۇ؟؟  تېخى ئىجارە ئالسا قاملاشمايدۇ ،ئىجارىسى تۈگىگەندىن كېيىن يەنىلا خەقنىڭ ، ھاي،ھاي، سەن ئۆينىڭسېتىۋالساملا نەچچە ئون يىللىق قەرىزنى قايتۇرساملا بولدى، مېنىڭ بولىدۇ دەمسەن؟؟ قايتۇرۇپ بولالىساڭ ئاندىن سېنىڭكى........بىراق...ياپۇنچە ئىسملاردىن ئېھتىيات قىل...............
مەنبە:چولپانلار

No comments:

Post a Comment