تېمىسى: ئاسىيا ئىسلامى پايچەكلىرىدىكى مالىيە كىسەللىكىنى دولقۇنسىمان ئوسولى بىلەن ئېنىقلاش ( Wavelet-based Approach to Test Shari'ah compliant Stock Market Contagion: Evidece from Asian countries)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش: ئالدىنقى 30 يىل مابەينىدە، بىز نۇرغۇنلىغان ئىقتىسادى ۋە مالىيە كىرزسلىرىنى بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ ئۆتتۇق، مەسىلەن 1987 -يىلىدىكى ۋولسىتىرتنىڭ غۇلاپ چۈشۈشى، 1994- يىلىدىكى مېكسىكا كىرزىسى، 1997-يىلىدىكى ئاسىيا زۇكىمى، 1998-يىلىدىكى زۇكىمى، 1999-يىلىدىكى پۇل پاخاللىقى، 2000-يىلىدىكى ئىنتېرتنت كۆپۈكى، 2001 -يىلىدىكى ئارگېنتىنا كىرزىسى ۋە ئەڭ يېققىنقى 2008 -يىلىدىكى ئامىرىكا ئىقتىسادى كىرزىسى قاتارلىقلار... گەرچە بۇ كىرزىسلار مەلۇم بىر دۆلەتتە ياكى مەلۇم بىر رايوندا يۈز بەرسىمۇ لېكىن بۇ كىرزىسلار رايون ياكى يەر شارى خاراكتىېرلىق مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى،، ( مەسىلەن، ئىقتىسادى كىرزس ئامىرىكىدا يۈز بەرسە، نىمشقا بىز ئۇيغۇرلارغىمۇ تەرسىر كۆرسىتىدۇ؟ چۈشۈنۈش ئاسان بولۇشى ئۈچۈن، ماقالىدىن سىرت قوشۇپ قويدۇم). يېققىندىن بۇيان تەتقىقاتچىلەر غەرپ مالىيە پايچېكىدە «مالىيە كېسەللىكى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. 1) ئىقتىسادى كىرزس مەزگىلىدە، دۇنيا پاي چېكىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى مالىيە كېسەللىىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ 2) ئەگەر مالىيە كېسەللىكى يۈز بەرگەن بولسا، ئاسىيا ئىسلامى پاي چەكلىرىگە بۇ كېسەللىك قانداق تەسىر كۆرسەتتى؟ مۇشۇ مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئامىرىكا ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ ئىسلامى پايچەك بازىرىغا بولغان تەسىرىنى دولقۇنسىمان ئۇسولى بىلەن ئېنىقلاپ چىقتۇق.
تەتقىقات مەقسىدى: ئاسىيا ئىسلامى پايچەك بازىرىدا مالىيە كېسەللىكىنىڭ يۈز بەرگەن بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىش. بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە - پايچەك بازارلىرى نورمال باغلىنىشلىق ھالەتتىمۇ ياكى دەرىجىدىن تاشقىرى ھالەتتە باغلىنىشلىقمۇ؟
ئىسلامى پايچەك دىگەن نىمە؟ شەرىئەت بولسا ئىلاھىيەت قانونى بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىق تۇرمۇش يولىنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ. سودا-سېتىقتا بولسا، مۇسۇلمانلارغا سودا-سېتق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنى ھالال ۋە ئەخلاقى يول بىلەن مەبلەغ سېلىشقا ئۈندەيدۇ. شەرىيەت يولى بىلەن مەبلەغ سېلىش ئەخلاقى مەبلەغ سېلىش مىزانى، جەمىيەتكە بولغان مەسئولىيەتچانلىقى بىلەن ئوخشاش بىرۋاقىتتا مۇسۇلمان ۋە مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا قارشى ئىلىشىغا ئېرىشتى. مۇسۇلمان مەبلەغچىلەر ئىسلامدىن ئىبارەت بۇ رامكا ئىچىدە تۇرۇپ ئىسلام پاي-چېكى ئۈچۈن مەبلەغ سالسا، مۇسۇلمان ئەمەسلەر ئىسلام پاي چېكىنىڭ تۇراقلىق پايدىسى، سودىنىڭ ئادىللىقى ۋە مەبلەغنى تارقاقلاشتۇتۇپ سېلىش ئىستىراگىدىيىسى بويىچە بۇ تۈر ئۈچۈن مەبلەغ سالدى. ھازىرقى زامان شەرىئەت ئالىملىرى ئىسلامى پايچەكچىلەر ئۈچۈن مەلۇم بىر پايچەينىڭ ھالال ياكى ھارام ئىكەنلىكنى ئايرىيدىغان بىر تۈركۈم ماددىلارنى تۈزۈپ چىقتى ( ۋىلسون 2004؛ دېرۋىس ۋە مازىبان 2008). بۇ ماددىلار 2 تۈرلۈك بولۇپ، 1) مەلۇم بىر شىركەت ھاراق-تاماكا، قىمار، ئۆسۈم، سۇغۇرتا، كەيىپ ساپا قاتارلىق ئىشلار بىلەن شوغۇنللانغان بولسا، جەمىيەتكە پايدىسىز سودا بىلەن شوغۇللانسا، ئىشقىلىپ شەرىئەت چەكلىگەن ھەرقانداق بىر ئىش بىلەن شوغۇللانسا، بۇنداق شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش چەكلىدۇ. 2)ماتىماتىكىلىق ئوسۇل بولۇپ، ئەگەر مەلۇم بىر شىركەتتنىڭ قەرزنىڭ دەسمايىغا بولغان نىسبىتى 33% دىن ئېشىپ كەتسە، ئۆسۈمدىن كېلىدىغان كىرىم 10% دىن ئېشىپ كەتسە، مۇقىم مۈلۈكنىڭ ئومۇمى مۈلۈككە بولغان نىسبىتى 51% يەتمىسە، بۇنداق شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىش چەكلىنىدۇ.
تەتقىقات ئەھمىيىتى:
پايچەك بازىرى بولسا، ھەر خىل مەبلەغچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بازار بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت قەرەلى بويچە مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلىدۇ، مىسال ئالساق، مىنۇت ۋاقىت قەرەلىدىن تارتىپ بىر قانچە يىل مەبلەغ سېلىشقىچە. شۇڭلاشقا ئوخشىمغان ۋاقىت قەرەلى ئوخشىمىغان مەبلەغ سېلىش قارارلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ لوگىكا قانونى بىلەن پايچەك بازارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەبئىي مۇناسىۋەت مەبلەغچىلەرنىڭ قانچىلىك قەرەلدە مەبلەغ سېلىشىنى بەلگىلەيدۇ. قىسقا ۋاقىت قەرەلى زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئۇزۇن ۋاقىت قەرەلى مەبلەغ سېلىشتەك ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا قىسقا مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچى بىلەن ئۇزۇن مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچىنى ئايرىش زۆرۆرىيىتى تۇغۇلىدۇ.سىياسىيەتچىلەرگە بولغان ئەھمىيىتى: 1) خەلىقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار تارقاقلاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ (diversification) پايدىسى ئۈستىدە ئويلىشىدۇ. 2) سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەر بولسا مالىيە سىستىمىسنىڭ مۇقىملىقى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئەگەر مالىيە كىسەللكى يۈز بەرسە، پايچەك بازارلىرى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت چوڭقۇرلىشىدۇ. نەتىجىدە، تارقاقلاشتۇرۇپ مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسى يوقلىدۇ، شۇنداقلا مالىيە سىياسىيەتچىلىرى بولسا، مالىيە سىستىمىسنىڭ مۇقىمسىزلىقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. تەتقىقاتنىڭ نەزىرىيە ئاساسى: دۇنيا بانكىسىنىڭ تور بېكىتىگە ئاساسلانغاندا، مالىيە كىسەللىكىنىڭ چوڭ دائىرىدىكى ئېنىقلىمىسى، كىچىك دائىرە ئىچىدىكى ئېنىقلىمىسى ۋە ناھايىتى تار مەنىدىكى ئېنىقلىمىسىدىن ئىبارەت 3 خىل ئېنقلىمىسى بار. بۇ تەتقىقاتتا، بىز ئەڭ ئاخىرقى، يەنە ناھايىتى تار مەنىدىكى ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلاندۇق.. بۇ ئېنىقلىمىغا ئاساسەن مالىيە كېسەللىكى پايچەك بازارلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىرزس مەزگىلىدە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مۇرەككەپ تىل بىلەن ئېيقاندا، پايچەك بازارلىرى كوئېفېنسىنتنىڭ كىرزس مەزگىلىدە ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. باشقىلارنىڭ مالىيە كېسەللىكى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى: گەرچە مالىيە كېسەللىكى باشقا تەتقىقاتقىلار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى غەرب پايچېكى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان. ( بۇ يەردە تەپسىلى توختالمايمەن) . بۇ تەتقىقات بولسا، ئاسىيا ئىسلامى پايچېكى بازارلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتتۇر. تەكشۈرشىمىزگە ئاساسەن، دۇنيادا تېخى ئىسلام مالىيە پايچەكلىرىنىڭ مالىيە كېسەللىكى توغرىسىدا ھىچقانداق ئىلان قىلىنغان ماقالە يوق. باشىقىلار قوللانغان مىتودولوگىيەرنىڭ نۇقسانلىرى: 1) باشقىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى خېتىرودىكەسىتى، ئىندوجېنىيتى ( مەن نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلەلمىدىم، بۇلار سىتاتىسكا سۆزلىرى. مەلۇم بىر ئۆزگەرگۈچنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەم ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدار ھەم بېكىنمە ئۆزگەرگۈچى مىقدار بوۋېلىشىنى كۆرسىتىدۇ) قاتارلىق سىىتاتىسكا خاتالىقلىرى ئارلاشقان. ياكى بولمىسا بەزى مۇھىم ئەركىن ئۆزگەرگۈچى مىقدانى چۈشۈرۈپ قويغان. 2) باشقىلارنىڭ مۇناسىۋەت ئانالىزى مالىيە پايدىسىنى گائۇس نورمال تارقىلىشى دەپ پەرەز قىلغان. 3) بەزى تەتقىقاتچىلار مالىيە كېسەللىكى ناھايىتى تىز يۈز بېرىدۇ ۋە بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا يوقىلىپ كېتىدۇ ، بەلكىم 5 كۈن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە مالىيە كېسەللىكى يوقاپ كېتىددەپ كۆرسەتكەن. ئۇنداقتا مۇشۇنداق تىز مالىيە كېسەللىكىنى قانداق بايقاپ چىقىمىز؟
بىزنىڭ تەتقىقات مىتىدولوگىيسى:
يېققىندا دولقۇنسىمان تەتىقىقات ئۇسولى (wavelet Approach) ئىنجىنىرلىق ئىلمىدىن مالىيە ئىلمىغىمۇ ئېقىپ كىردى. ئىسمىدىن مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ ئوسۇلنىڭ پەقەت بىرلا ئاتا دولقۇنى ۋە كۆپلىگەن ئانا دولقۇنلىرى بولىدۇ. ھەر بىر دولقۇن مەلۇم بىر ۋاقىت قەرەلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئاتا دولقۇن ئۇزۇن مۇدەتتلىك ۋاقىت قەرەلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئانا دولقۇنلار قىسقا ۋاقىت قەرەلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ ئۇسولنىڭ تەتقىقات مەقسىتىمىزگە يېتشتە 2 خىل مۇھىم رولى بار: 1) ئۇ ماكرو-ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئايرىم - ئايرىم دولقۇنلارغا ئايرىيالايدۇ. ئەگەر سانلىق مەلۇماتلار يللىق بولسا، يىللار بويىچە، ئايلىق بولسا، ئايلار بويىچە، ھەپتە بولسا ھەپتىلەر بويىچە، كۈنلۈك بولسا كۈنلەر بويىچە دولقۇنلارغا ئايرىيدۇ. مەسىلەن: 1-2 كۈنگىچە، 2-4 كۈنگىچە، 4-8 كۈنگىچە دىگەندەك...... 2 نىڭ n دەرىجىسى بويىچە ماڭىدۇ. 2) ھەر بىر دولقۇن ئوخشىمىغان ۋاقىت قەرەلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇڭا بىز ھەر بىر دولقۇننى ئانالىز قىلىش ئارقلىق قايسى ۋاقىت قەرەلىدە مالىيە كېسەللىكى يۈز بەرگەن بەرمىگەنلىكىنى ئايرىپ چىقالايمىز. بىز مالىيە كېسەللىكىنى گالىگاتنىڭ مېتودولوگىيىسىگە ئاساسەن ئېنىقلاپ چىقتۇق. ئىشلەتكەن سانلىق مەلۇماتلار: بىز ئاسىيادىكى قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ كۈنلۈك پايچەك كۆرسەتكۈچىنى يەرلىك پۇل بىرلكى بويىچە ئىشلەتتۇق: 1) ئامىرىكا نىيۇيورك پايچەك كۆرسەتكۈچىسى (بۇ مالىيە كېسەللىكىنى تارقاتقۇچى بولىدۇ) 2) ئاۋىستىرالىيە MSCI ئىسلامى پايچېكى 3) سىنگاپور MSCI ئىسلامى پايچېكى 4) مالايسىيا FTSE ئىسلامى پايچېكى 5) جاكارتا ئىسلامى پايچېكى 6) تايلاند MSCI ئىسلامى پايچېكى7) فلىففىن MSCI ئىسلامى پايچېكىبۇلار مالىيە كېسەللىكىنى قوبۇل قىلغۇچىلار. سانلىق مەلۇماتلار Datastream دىن ئېلىنغان بولۇپ، 2006 -يىلى 6 -ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2009 -يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولغان پايچەك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىشلەتتۇق...
سانلىق مەلۇماتلار چۈشەندۈرۈلىشى:
بىز 2008 يىلى 9 -ئاينىڭ 15-كۈنىنى ئىقتىسادى كىرزس ئەڭ ئېغىرلاشقان كۈن دەپ ئالدۇق.. بۇ كۈندە لېخمەن قېرىنداشلىرى دەيدىغان 4-چوڭ مەبلەغ شىركىتى ۋەيران بولدى.. شۇنىڭ بىلەن دۇنيادىكى پايچەكلەرگە ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتتى.... مۇشۇ كۈندىن بۇرۇنقى سانلىق مەلۇماتلارنى كىرزسنىڭ ئالدنقى مەزگىلىدىكى سانلىق مەلۇماتلار، بۇ كۈندىن كېيىنكى سانلىق مەلۇماتلارنى كىرزسنىڭ كەينىدىكى سانلىق مەلۇمەتلار دەپ ئالدۇق..... مالىيە كېسەللىكى يۈز بەرگەن بەرمىگەنلىكىنى قانداق ھۆكۈم قىلىمىز؟ مۇشۇ كۈننىڭ ئالدىنقى كېينكى سانلىق مەلۇماتلارنى كوئېفېنسىنتنى سېلىشتۇرىمىز..... ھەربىر كوئېفېنسىنتنىڭ ئۈستىنكى ۋە تۈۋەنكى چىگرالىرى بولىدۇ.... ئەگەر مۇشۇ چىگرالار كېسىشمىگەن ھالەتتە بولسا، 95 % ئىشەنچ بىلەن مالىيە كېسەللىكى يۈز بەردى دىيەلەيمىز... ئەگەر چىگرالار كېسىشمە ھالەتتە بولسە، كوئېفېنسىنتنلار زور دەرىجىدە ئۆزگەرمىگەن بولىدۇ. ئۇنداق بولسا، بىز مالىيە كېسەللىكى يوق دەپ ھۆكۈم قىلىمىز... تەتقىقات نەتىجىسى: مۇشۇ يول بىلەن بىز يوقىرىدا تىلغا ئالغان 6 پايچەكنىڭ ئامىرىكا پاي چېكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتنى (كوئېفېنسىنتنى) دولقىسىمان ئۇسۇل ئارقىلىق تەكشۈرەپ چىقتۇق.. 1) ئاۋىستىرالىيە MSCI ئىسلامى پايچېكى - ھەممە دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى يوق. 2) سىنگاپور MSCI ئىسلامى پايچېكى - 3-دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى بار، قالغان دولقۇنلاردا مالىيە كېسەللكى يوق.. 3) مالايسىيا FTSE ئىسلامى پايچېكى - ھەممە دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى يوق. 4) جاكارتا ئىسلامى پايچېكى - ھەممە دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى يوق. 5) تايلاند MSCI ئىسلامى پايچېكى - 1-دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى بار، قالغان دولقۇنلاردا مالىيە كېسەللكى يوق.. 6) فلىففىن MSCI ئىسلامى پايچېكى - ھەممە دولقۇندا مالىيە كېسەللىكى يوق.
No comments:
Post a Comment