ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار، ئاتا-ئانىلار، دوستلار ۋە ئۇكا سىڭىللار:
ياخشىمۇسىلەر! مەن سىلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇغان «دېھقان پەرزەنتىنىڭ چەتئەلدىكى سەرگۈزەشتىلىرى» دىگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى بولىمەن. بۇ ماقالەم 2009 يىلى 4-3-ئايلاردا مەرھۇم توربەتلەرگە يوللانغان بولۇپ، ئاشۇ ۋاقىتىنىڭ ئۆزىدىلا كۆرۈلۈش سانى نەچچە ئونمىڭدىن، ئىنكاس سانى بىر نەچچە يۈزدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. كېينىچە ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەرىپەت بلوگىغا، تۇرسۇنجاننىڭ جېك بلوگىنغا كۆچۈرلۈپ چاپلانغانىدى... تور بەت ئىشلىرى ئەسلىگە كەلگەندىن كېين باغداش تورىدا يەنە ئېلان قىلغان ئىدىم. بۇ مۇنبەردىمۇ ھازىر يەنە كۆرۈلۈش سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ كېتىپتۇ. توردىن ئىزلەپ باقسام، مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تور بەتلەرگىمۇ چاپلىنىپتۇ. ھەتتا كۆكنۇر تىبابەت تور بېكىتىدىمۇ ئورۇن ئەپتۇ. ئاددىغىنا سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا كۆرۈلۈش سانى نەچچە يۈزمىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ھەتتا بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش مۇنبەرلىرىدە ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئوقۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇ يەردە مېنىڭ مەقسىتىم كۆرۈلۈش سانى بىلەن مەغرورلىنىش ئەمەس، بەلكى كىچىكنىنە ھايات كارتىنامنىڭ باشىقىلارغا زور ئىلھام بولغانلىقىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. ئوقۇتقۇچىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئاشۇ يىلى مېنىڭ يېزامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى 40% گە يېتىپتۇ. ماستىرلىق ئۇقۇيدىغان ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان قىزغىنلىق ئېشىپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ يېزىدىمۇ نەچچىلىگەن ئۇكا سىڭىللىرىم ھازىر چەتئەللەردە ئوقۇۋاتىدۇ. بەلكىم مەن ئاشۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىمگە يەتكەندەك بولدۇم. مەن يەنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىنى، ئوقىغاندىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇشىنى بەكمۇ ئارزو قىلىمەن. شۇڭا مەن ھاياتىمنىڭ يەنە بىر مۇھىم قىسمى يولغان دوكتورلۇق ئوقۇشتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.