ئوكىسفوردتىن كېيىنكى تەسىراتلار
ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتى دۇنياغا داڭلىق بولغان، ئەنگىلىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئۇنىۋېرسىتلارنىڭ بېرى. داڭلىق ئۇنىۋېرسىت قانداق بولىدىغاندۇ؟ قانداق ئادەملەر بۇنداق ئۇنىۋېرسىتلارنى ئوقۇيدىغاندۇ ؟ دىگەندەك قىزىقىشلار بىلەن لوندوندىكى دوستىم بىلەن ئوكىسفوردقا قاراپ يولغا چىقتۇق.
بىر سائەتلىك سەپەردىن كېيىن پويىز ئوكىسفورد بېكىتىدە توختىدى. بېكەت شۇنداق ئاددى. مانا ئوكىسفورد شەھىرى ئالدىمدا، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتى ئالدىمدا. ھىچقانداق بىر نەرسە ئالاھىدە ئەمەس. ھەممە ئوخشاش، ئادەملەر ئوخشاش، كوچىلار ئوخشاش، دەل-دەرەخلەر ئوخشاش، بىنالىرىمۇ ئانچە پەرقلىق ئەمەس. پەرقلىق دىيىلسە يەنە شۇ ياۋرۇپا مەدەنىيىتى بويىچە سېلىنغان چىركاۋ ئۇسلوبىدىكى بىنالار. بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ئۇنىۋېرسىتلاردا بار بولغان ئېگىز بىنالارنىڭ ئەسىرىمۇ يوق.
بىر شەھەر – بىر مەدەنىيەت، بىر شەھەر – بىر ئۇنىۋېرسىت. بىزنىڭ يېزىنىمۇ بىر سائەتتە ئايلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، مانا ئوكىسفوردنى مالايسىيالىق مالاي دوستۇمنىڭ ياردىمىدە بىردەمدىلا ئايلىنىپ بولدۇق. مۇزىيخانىلارنى ئايلاندۇق، يەنە دىسەم يەنە شۇ، ئۆزەمنى يەنە ئىزدەپ باقتىم، لېكىن مەن يەنىلا ئۆزەمنى تاپالمىدىم. كۆلىمى بەكلا كىچىك، ھەتتا دۇرھام ئۇنىۋېرسىتىغا ئوخشاش بىزنىڭ يېزىچىلىكمۇ كەلمەيدىغان بىر جاي، بىر ئۇنىۋېرسىت قانداق قىلىپ دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرالىدى؟ بۇنىڭدىكى سەۋەپ زادى نەدە؟ بۇنىڭدىكى سىر زادى نەدە؟ ئۆز-ئۆزەمدىن سوراپ باقتىم، شۇ سەۋەبلەر، سىرلار ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىم. ھەمدە بىزدە بولغان مەدەنىيەت بىلەن سېلىشتۇرۇپ باقتىم:
1. تارىخنى ۋاراقلاپ باقتىم، ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتىنىڭ قاچان قۇرۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لېكىن 1096- يىللىرىدن باشلاپ ئوقۇش باشلانغان دەپ قاراپتۇ. دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتمۇ مۇشۇ ئەسىرلەردىن باشلانغانىكەن. ئاشۇ دەۋىردىكى مەدەنىيىتىمنى ۋاراقلاپ باقتىم . ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك ئالىم، ئەدىب، دۇنيا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى بۇۋام مەھمۇد بولسا بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان "تۈرك تىللاردىۋانى" نى، يۈسۈپ بوۋام بولسا " قۇتادغۇبىلىك" نى يېزىپ بىزلەرگە تەۋەررۈك قىلىۋەتكەن ئىدى. قېنى كىمنىڭ تارىخى مەدىنىيىتى ئۈستۈن ئىكەن؟ بەلكىم مەن بەكلا يۈزەكى سېلىشتۇرما قىلغاندىمەن، لېكىن نۇرغۇن تارىخىمىز بىزنىڭ دۇنيا تارىخىغا ۋە دۇنيا ئىسلام مەدەنىيىتىگە نۇرغۇنلىغان تۆھپىلەرنى قۇشقانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. لېكىن خەق ئاللىقاچان دۇنيانىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئابدۇقادىر جالالىدىن دەپ ئېيتقاندەك، دۇنيا قۇرت- قوڭۇزنى بىلىدۇ، بىز بىچارىلەرنى بولسا، ھىچكىم بىلمەيدۇ.. ھىچكىم ئېتراپ قىلمايدۇ. بۇ مېنىڭ تارىخمنى، مەدەنىيىتىمنى تۆشەك قىلىپ ياتقانلىقىمنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟
2. تەتقىقات ئۈزلۈكسىزلىكى: ئۇلارنى مائارىپ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇرۋاتقان نەرسە تەتىقىقات جەھەتتىكى ئۈزلۈكسىزلىك ئىكەن. بىرىنىڭ تەتقىقاتىنى يەنە بىرى داۋاملاشتۇردىكەن. بىر-بىرىنى ئېتراب قىلىدىكەن. بىرىنىڭ تەتقىقات جەھەتتىكى بوشلۇقىنى يەنە بىرسى تولدۇردىكەن، شۇنداق قىلىپ " تاما-تاما كۆل بولار" دىگەندەك، جۇغلىنىش جەريانىدا، بىر خىل تەتقىقات مۇكەممەلىكىنى شەكىلەندۈردىكەن. بۇ مۇكەممەللىك ئۈستۈنلىككە ئېلىپ بارىدىكەن. بىزدە، بىز بىچارىلەردە مۇشۇ ئۈزلۈكسىز تەتقىقات بولغان بولسا،ھىچ بولمىغاندا، بوۋىمىز مەھمۇدنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان بولساق، بەلكىم بىزنىڭ تىلىمىز دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تىللاردىن ئورۇن ئالمايتتى دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئەمدى قاراڭلار، بىزنىڭ تىلنىڭ، بىزنىڭ مەدەنىيەتنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا...ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن. نەچچە كۈن ئاۋال ئامىرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر زىيالىينىڭ سۆھبەتلىرىنى كۆرۈپ، تېنىم شۈركىنىپ كەتتى، بەدىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى... توۋا، بىر-بىرىنى تىللىشىپ، بىر-بىرىنى چىشلىشىپ كېتىپتۇ.... قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنى ئېتراب قىلماي ئۆتىمىز؟ قاچانغىچە بىر-بىرىمىزنىڭ تەتقىقاتىنى ياراتماي ئۆتىمىز؟ قايسىدۇر بىر ئالىم دىگەندەك" قىممىتى بولمىغان نەرسىنىڭمۇ قىممىتى بولىدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى دەل ئۇنىڭ قىممىتى بولمىغانلىقىدا". شۇنداق ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ،بىر-بىرىمىزنىڭ قىممىتىنى قىلايلى، بىر-بىرىمىزنى ئېتراب قىلايلى. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىتراپ قىلمىساق، باشقىلار بىزنى ئېتراپ قىلارمۇ؟
3. مائارىپقا بولغان غايەت روز ئىقتىسادى ياردەم: بۇ داڭلىق ئۇنىۋېرست ئىقتىسادى جەھەتتە مەلۇم دەرىجىدە دۆلەت مائارىپ فوندىغا تايانسىمۇ، لېكىن يەنە غايەت زور ئىنانە پۇلدىن كېلىدىكەن. (يېققىنقى سىتاتىسكىدىن قارىغاندا، 82 مىليون فونىستىرلىڭ، خەلىق پۇلى بويىچەئاز كام بىر مىليارد پۇل ئىنانىدىن كېلىدىكەن). بۇنىمۇ ئۇلارنىڭ مائارىپ ئۈستۈنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ دە ئەلۋەتتە. لېكىن قانچىلىك ئۇيغۇر مائارىپقا ياردەم قىلۋاتىدۇ؟ قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇشخۇمار، لېكىن ئىقتىسادى قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئوقۇيالمايۋاتقان پەرزەنىتلەرنى قوللاۋاتىدۇ؟ قانچىلىك ئۇيغۇر بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ، مۇساپىرچىلىق تارتىۋاتقان پەرزەنىتلەرنى يۆلەۋاتىدۇ؟ ئۇلار(كۆپچىكىلكى) بايلىقىنى ئالتۇنغا ئالماشتۇرۇپ، ياستۇق ئاستىغا باستۇرۇپ يېتىپ، شۇنىڭ راھىتىنى كۆرسە كۆرىدىكى مائارىپ ئىشىغا سەل قاراۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى ياشلار "پۇل تاپقىلى بولىدىغان خىزمەت"، "سودا قىلغىلى بولىدىغان خىزمەت" ۋە "ئاسان خىزمەت تاپقىلى بولىدىغان كەسىپ" مودا بولىۋاتىدۇ ياكى بولمىسا ئوقۇمايلا پۇل تېپىش كويىدابولىۋاتىدۇ. پۇلى بارلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ياراتمايۋاتىدۇ،، پۇل ھەممىنىڭ خوجىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.. شۇنداق ئىقتىسادمۇ مۇھىم، لېكىن ئىقتىسادنى دەپ ھەممە ئۇيغۇر سودىگەر بولۇپ كەتسە بولمايدۇ دە.... ياكى بىزنىڭ مائارىپىمىز ، مەدەنىيىتنىمز ۋە تىلىمىز دىنازاۋۇرغا ئوخشاش يوقاپلا كەتسۇنمۇ يە؟؟؟؟؟؟ دىمەنچىمەنكى، بىزدىمۇ ھەممە ئېقىم بەس –بەستە سايراپ باقسۇن، پۇلمۇ تاپايلى، ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرىنى ئوقۇتايلى، ئۇلارمۇ پۇلنىڭ قۇلچىلىقىدىن قۇتۇلغان ھالدا باشقا مىللتنىڭ باللىرىغا ئوخشاش ئەركىن-ئازادە ئوقۇپ باقسۇن.. بىزدىمۇ ھەر ساھەدە ئالىمى بار بىر ھالەت شەكىللەنسۇن،،، بىزدىمۇ تېخمۇ كۆپ ئەدەبىياتشۇناس، فىزىكاشۇناس، خېمىيەشۇناس، ماتىماتىكاشۇناس، قانۇنشۇناس، ئېىقتىسادىشۇناس، مالىيەشۇناس، ئىسلامشۇناس ۋە شۇنداقلا تىببىشۇناسلار چىقىپ باقسۇن دىمەكچى... كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۆلەيدىغان، بىرىمىز يىقىلساق، يەنە بىرىمىز يۆلەيدىغان، قېرىنداشلىق ئۇرۇقلىرى پۇرەكلىگەن بىر ۋەزىيەت شەكىللەنسۇن دىمەكچى. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقازمىساق، بىزگە ياراتقۇچىدىن باشقا ھىچكىم ياردەم قىلمايدىكەن دىمەكچى.
4. دوكتور ۋە پىرافىسسورلار قوشونى: راستىنى ئېيتسام، بۇ ئۇنىۋېرسىتتا قانچىلىك دوكتور ۋە پىرافىسسورلار ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدىم. لېكىن زور بىر دوكتور ۋە پىرافىسسورلار قوشۇنى بولمىسا، بىر داڭلىق ئۇنىۋېرسىت روياپقا چىقمايدۇ –دە! باشقا مىسال ئالسام، مەن تۇرۋاتقان دۆلەتتە نوپوسى بىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان مالاي مىللىتىنىڭ 8000 دىن ئوشۇق دوكتور ۋە پىرافىسسورلار بار. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك بار؟ قانچىلىقى بىز ئۈچۈن – مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ بىزگە ناھايىتى ئايدىڭ...... يەنە كېلىپ مائارىپ باشقا رايونلارغا قارىغاندا بىر قەدەر تەرەققى قىلغان ئانا دىيار – قومۇلدا قانچىلىك دوكتور بار؟ مەن ئەڭ ياخشى بىلىدىغان شۇ ئەسئەت سۇلايمان بار،،، يەنە كىم بار؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم.. رەيھانگۈل ئەسئەت (ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن) ۋە مېنى تېخى دوكتور دەپ ئاتاشقا تېخى بالدۇر .... بىزگە يەنە بىر ئىككى يىل بار...... بىز تېخى ئۇ ئېغىر مەسئولىيەت قالپىقىنى تېخى كىيىپ بولمىدۇق... ناھايەت، ئەھۋال مانا مۇشۇنداق....... بىلىم ئېلىش ھەر بىر مۇسۇلمانغا بۆشۈكتىن تۆشەككىچە پەرز ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز دىگۈدەك بىلىمىز... لېكىن بىز مۇقىم خىزمەت ئورنىغا، باشلىقلىق ئورنىغا ئېرىشۋېلىپلا توختاپ قالىمىز....... ھەي تۆمۈر تاۋاق........... مېنىڭ يەنە مىسال ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ..... مېنىڭ بىر مالاي مىلىىتىدن بولغان بىر ئايال ساۋاقدىشىم بار،،، 5 پەرزەنتى بار،،، ئۇ ھەم ئانا، ھەم ئائىلە ئايالى، ھەم بىر ئەلا ئوقۇغۇچى.... مەلۇم بىر ئۇنىۋېرستتا ئوقۇتقۇچى.... مۇشۇنداق بولىشىغا قارىماي ھازىر مەن بىلەن بىر مەكتەپتە دوكتورلىقنى ئوقۇۋاتىدۇ....... يەنە بىر ئايال بولسا، مەلۇم بىر كومپىيوتور شىركىتىنىڭ لىدىرى،،،، لېكىن ئۇمۇ بىلىم ئۈچۈن مەن بىلەن بىللە ۋاقتىنى "زايا قىلىۋاتىدۇ".... بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار بەك بەك كۆپ.... يېشى 50 تىن ھالقىغان ساۋاقداشلىرىممۇ ناھايىتى كۆپ.... قېنى دەپ بېقىڭلار، بىزدە بىلىمگە بولغان مۇھەببەت، ئىشتىياق بارمىكەن؟ بىز ھەممىنى ياشقا، شارائىتقا ئارتىپ قويىمىز،،،، ئەسئەت سۇلايمانغا، رەيھانگۈل ئەسئەتكە ھىچكىم پۇرسەت بەرمىگەن،، پۇرسەتنى،شارائىتنى ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ياراتقان..... يەنە بىر مىسال ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ...... بىر ساۋاتسىز ئانا بار ئىدى .. لېكىن قوي بېقىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلى ساۋادىنى چىقارغان ئىدى...50 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن ئانچە مۇنچە قۇرئاندىن ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ئىدى..... ئەمدى بولسا قۇرئاننى دۇدۇقلىماي ئوقالىغۇدەك دەرىجگە يېتىپتۇ..... مانا مۇشۇنداق بىز تىرىشساقلا، ھەممە ئىشنى روياپقا چىقىرالايمىز... ھەممە گۇناھنى تىل ئۆگىنىشكە، شارائىتقا ئارتىپ قويمايلى،،، پۇرسەتنى ئۆزىمىز يارىتايلى.... بىز ئوقۇساق بىزنى ھىچكىم ئوقۇدەڭ دەپ كەتمەيدۇ..... ھەشەمەتچىلىكدىن يانايلى... ئىسراپخورلىقتىن يانايلى...... بەسلىشىشتىن يانايلى....... كۆز-كۆز قىلىشتىن يانايلى...... نەدىكى بىھۇدە ئىشلارغا ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلمايلى. تىلىمىزنى يىغايلى.. ئاددى –ساددا مەنىلىك بولغان بىر تۇرمۇشنى يارىتايلى..... كەلگۈسى بارغانچە قاراڭغۇلىشىپ كەتكەن ئەۋلادلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ ئۇل سالايلى........
5. ئوكىسفوردتىن ئىبارەت بىر غەرب ئىلىم بۆشىكىدە، 20000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.... دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر خىل ئىرقتىكى، مىللەتتىكى، دىندىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىكەن... مېنىڭ يەنە شۇ "ئۆزەمنى" ئىزدەپ باقتىم... "ئۇيغۇرنى" ئىزدپ باقتىم... قېنى سەن "ئۇيغۇر"؟ مېنى بىر خوش قىلىۋەتكىن،،،، ئۆتۈنۈپ قالاي....... ئەپسوس. تولىمۇ ئەپسوس، 20 مىڭ ئوقۇغۇچى ئىچىدە ئۇيغۇر دوپپىسىدىن بىرەرنى، ياكى بولمىسا ئەتلەس كىيگەن بىرەر ئۇيغۇرىيەنى تاپالمىدىم...... نىمشقا؟ زادى نىمىشقا؟ بۇنىڭغا زادى نىمە سەۋەب؟ ئۇقۇغۇچىلارغا يەنە بىر قارىدىم.. ئۇلار ئىككى باشلىقمۇ يە؟ ئۇلاردا ئىككى كاللا بارمۇ يە؟ ئۇلاردا بىزدىن كۆپ ئەزايى بارمۇ يە؟ كۆزۈمنى ئوۋلىۋېتىپ يەنە بىر قارىدىم... ياق،، ياق...... ئۇنداق ئەمەس.... ھەممە ئوخشاش... بىر باش، بىر كاللا،،،، ئەمىسە زادى سەۋەب قەيەردە؟ تىل ئۆتكىلىمۇ ؟ شارائىتمۇ؟ ئىقتىسادمۇ؟
تىل دىيىلسە، نوموس قىلساق بولىدۇ.. داڭلىق تىلشۇناسنىڭ نەۋرىلىرى تۇرۇپ .. ئىنگىلىز تىلى دۇنيانىڭ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلى ئەمەس،، ئۇلارمۇ تىل باسقۇچىدىن ئۆزلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆتكەن... بىزمۇ تىرىشساق،، بۇ ئۇنچە چوڭ ئىش ئەمەس.... مۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە بىر ئەمىلي ھىكايىنى تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ..... مەن بىلەن بىر سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بىر مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇكا دىمەتلىك بىر بالا بار ئىدى... مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاسپىرانىتلىققا ئاشۇ تىل سەۋەبلىكمۇ ئەيتاۋۇر ئۆتەلمىگەن ئىدى... شۇنىڭ بىلەن مۇئاش بەرمىسىمۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ يۈرەتتى... مەن ئۇنىڭ مەلۇم مەقسەتلەرنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكىنى پەرەز قىلىپ يۈرۈتتىم... يېققىندا ئوقۇتقۇچىمدىن ئاڭلىشىمچە، بۇ ئۇكاش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىنىڭ فىزىكىغا دائىر بىر كەسپىگە (خاتا كەتكەن بولسا، كەچۈرگىن) ئاسپىرانىتلىققا قوبۇل بوپتۇ....... "باھادىر روھى" دەۋەتتىم ھاياجىنىمنى باسالماي..... دىسەم، دىمىسەم، مەنچە بولغاندا بۇ ئۇكىمىز، بىر تەرەپتىن ماتىماتىكا دەرس بېرىش ئارقىلىق ماتىماتىكىسىنى پۇختىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنگىلىز تىلىنى پۇختىلىدى دىگەن گەپ.... مانا مۇشۇنداق شارائىتنى ئۆزى ياراتتى دىگەن گەپ. ھارماڭ يىگىت، ھاياتلا بولسام، دوكتورلىقنى باشقا ئەللەردە ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن... ...... شۇڭا دەيمەن،، تىل چوڭ نەرسە ئەمەس دەپ...
ئۇنداقتا ئىقتىسادمۇ؟ رەيھانگۈل ئەسئەتنىڭ ئاتا-ئانىسى مىليونىرمۇ؟ مېنىڭ ئاتا-ئانام مىليادىرمۇ ؟ (ھا ھا)... مېنىڭ بىلىشىمچە رەيھانگۈل ئەسئەتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئاددى دۆلەت ئىشچى كادىرلىرى.... ئەگەر ئۇ ئاتا-ئانىسىغا تايانغان بولسا، ئۇنىڭمۇ بۇ كۈنى بولمىغان بولاتتى... تىرىشچانلىقى بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، كانادادا دوكتورلۇق ئوقۇۋاتىدۇ.... مەن دىمىسەممۇ، مېنىڭ ئاتا-ئانامنىڭ "مىليادىر" ئىكەنلىكىنى ھەممەڭلار بىلىسىلەرغۇ؟؟؟؟؟ دىمەكچىمەنكى بىز ئۇيغۇر پەرزەنىتلىرى ئاتا – ئانىمىزغا تايانساق، بىزنى ئاشۇ ئازغىنە مۇئاشى بىلەن، نەچچە پۇڭ يەر بىلەن بىزنى قانداقمۇ ئوقۇتالىسۇن؟ خوش، ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ ياۋرۇپا ۋە ئامىرىكا ئەللىرىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاشتىكى دىموكراتىيىسىگە كۆپتىن – كۆپ رەھمەت. ئەگەر سىز ئاشۇ مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۆلچىمىگە يەتسىڭىز، ھەتتا نەتىجىڭىز ئىلتىماس قىلغانلار ئىچىدىن يوقىرى بولسا، سىزگە تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇل بىلەن تەمىنلەيدۇ.. ياكى بولمىسا 10 مىليون ئۇيغۇر ئىچىدىن بىرەر قولى ئوچۇق مېھنەتكەشتىن بىرسى سىزنى قوللايدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.... ئىشىنىڭ، سىز شارائىتنى يارىتالىسىڭىزلا، سىزنى ياراتقۇچى سىزگە ياردەم قىلىدۇ،، سىزنى ئاچ قويمايدۇ.....
ئاخىرىدا دىمەكچىمەنكى، بۇ "ئوقۇش" نى سىلەرگە زورلاپ ساتماقچىمۇ ئەمەس،، ھەممىمىز دوكتور – ئاسپىرانىت بولۇپ كېتەيلى دىمەكچىمۇ ئەمەس..... بىزدىمۇ ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراپ باقسۇن دىمەكچى.. داڭلىق سودىگەرمۇ چىقىپ باقسۇن، ئۆتكۈر بوۋامدەك ئەدەبىيەتشۇناشلار تېخمۇ كۆپ چىقىپ باقسۇن، ھەر ساھەدە يولباشچىلىرىمىز چىقىپ باقسۇن، بىزمۇ باشقىلاردەك ياشاپ باقايلى دىمەكچى، " كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزەڭنى تاپ ئەركەكلەر" دىمەكچى!!!!
تامام.....
2011 يىلى 8 –ئاينىڭ 6 كۈنى تاماملاندى...
No comments:
Post a Comment