ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 31 July 2011

بىرىتانىيەگە ساياھەت


ھەر بىر ئادەمدە ئوخشىمىغان ئارزولار ۋە ئىنتىلىشلەر بولىدۇ.. دېھقاننىڭ ئىنتىلىدىغنى باشقا، ئۇقۇغۇچىنىڭ باشقا بولىدۇ. ئىنسانلار ئوخشىمىغان ئارزو-ئارمانلار بىلەن ياشايدۇ. شۇنداق، مېنىڭمۇ ئۇقۇغۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن كۆزلىگەن مەقسەتلىرىم ئايرىم بولىدۇ.
لوندون، ئوكىسفورد، كەمبىرىج دىيىلسە، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئېسىگە ئالىدۇ ھەمدە ئاشۇ مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ماڭا ئوخشاش ئوقۇشخۇمار ئادەمدە، بۇ ئارزو بەك كۈچلۈك ئىدى. پۇرسەت بولسا، مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتلارنى، مۇشۇ دۇنياغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن جايلارنى ساياھەت قىلىش ئارزويۇم بار ئىدى. گەرچە ياۋرۇپادىكى فرانسىيە، گىرمانىيە، گوللاندىيە ۋە باشقا جايلارنى ساياھەت قىلىپ بولغان بولساممۇ، لېكىن ۋىزا چەكلىمىسى تۈپەيلى، ئەنگىلىيەنى ساياھەت قىلالمىغان ئىدىم.
ئەنگىلىيەدىكى دۇرھام ئۇنىۋېرسىتى ھەر يىلدا بىر قېتىم ئىسلام مالىيىسى توغۇرلۇق يازلىق لاگىر پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈپ تۇراتتى. مەنمۇ مۇشۇ ساھەدىكى ئوقۇغۇچى بولۇش سالاھىتىم بىلەن مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتنىڭ  مۇشۇ پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلدىم. ئۇنىۋېرسىتنىڭ تاللىشى بىلەن، مەنمۇ دۇرھام ئۇنىۋېرسىتى ئىسلام مالىيىسى يازلىق لاگىر پىروگراممىسىنىڭ كاندىداتلىقىغا تاللاندىم.
لېكىن ئەڭ مۇھىم مەسىلە، ۋىزا مەسىلىسى ئىدى. ئەنگىلىيەگە ۋىزا ئېلىش ئەڭ تەس دۆلەتلەرنىڭ بىر ئىدى. ۋىزا بەمىسە، پاسپورتقا قارا تامغا ئۇرىۋېتىدۇ. ئافرىقىلىق بىر ساۋاقدىشىم،  تاللانغان بولسىمۇ لېكىن مەقسىتىڭ كۆچمەن بولۇپ كېتىش دەپ ۋىزا بەرمەي، قارا تامغا ئۇرۋەتتى. قېنى، مەن بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن؟ مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا، بارلىق كېرەكلىك ماتىرياللارنى بىر كۈندىلا تەييارلاپ بولۇپ، ئىلتىماسنى سۇنىۋەتتىم.  يۈرەكلىرىم پوك-پوك، 2 ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى، ھىچقانداق خەۋەر يوق. 3 ھەپتە بولغاندا، پاسپورتىنڭنى ئېلىپ كەتكىن دەپ ئۇچۇر كەلدى. ئەلچىخانىغا قانداق باردىم بىلمەيمەن، كونۋېرتنى ئاچتىم. ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۇلار ماڭا 6 ئايلىق كۆپ قېتىملىق ۋىزا قويۇپ بەرگەن ئىدى.  ئەلچىخانا ماڭا ئىشەنگەن ئىدى.
ئەمدى ئەنگىلىيەگە مېڭىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتىم. بۇ خوشاللىقىمنى ئاشۇ سەھرادىكى ئاتام بىلەن ئورتاقلاشتىم. ئويلىمىغان يەردىن دېھقان ئاتام ماڭا تېخىمۇ زور مەدەت بەردى:"بالام، پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ. ھەر پۇلى بار ئادەملەرمۇ شارائىت تۈپەيلى بارىمەن  دەپ بارالمايدۇ. پۇل دىگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ، بېرىپ كېلىڭ ئوغلۇم".
مۇشۇ قوللاشلار ۋە ئىلھاملار تۈپەيلى، دۇرھام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئىسلام مالىيىسى يازلىق لاگىر پىروگراممىسغا قاتنىشىش ئۈچۈن، يولغا چىقتىم. كۇلالۇمپۇر ئايدۇرومىدا چىگرا ئوفىسسورى پاسپورتلارنى تەكشۈرەشكە باشلىدى. ماڭا كەلگەندە، جوڭگو پاسپورتىنى كۆرۈپ (ئالاھىدە قارايدىغانلىقىنى ئاللىقاچان پەملەپ بولغان، لېكىن مەن ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق قىلىپ بولغان):
-                  ئەپەندىم سېتى (ئادەتتە دادىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىدۇ) ، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-                  ئەلھەمدۇلىللاھ ئەپەندىم
-                  ھە(ھەيرانلىق بىلەن)، سىز مۇسۇلمانمۇ؟
-                  شۇنداق مەن مۇسۇلمان.
-                  مالاي تىلى بىلەمسىز؟
-                  ھەئە بىلىمەن،
-                  (مالايچە گەپ قىلىپ كەتتى).. مالايسىياغا كەلگىلى قانچە ئۇزاق بولدى؟ نىمە ئىش قىلىسىز؟
-                  بەش يىل بولدى، دوكتورلىقتا ئوقۇۋاتىمەن.
-                  قاچان قايتىپ كېلىسىز؟
-                  ئاللاھ خالىسا، 2 ھەپتىدىن كېيىن.
-                  رەھمەت ئەپەندىم، ساياھىتىڭىز خەيرلىك بولغاي
-                  سىزگىمۇ رەھمەت..
مۇشۇ مالايچە سۆھبەتتىن كېيىن لوندونغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاندا بولدۇم. 13-14 سائەتلىك زېرىكىشلىك سەپەردىن كېيىن مەن تەشنا بولغان لوندون ئايدۇرومىدا بولدۇم. بۇ كۇن ماڭا ئەڭ ئۇزۇن بىر سەپەر ۋە ئەڭ ئۇزۇن بىر كۈن بولدى. بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن كۈندۈز كۆرگەن ( 22 سائەت) بىر كۈن بولدى. مېنىڭ يەنە بىر باشقىلاردىن ئۇزۇنراق بولغان بىر سۆھبەتنىڭ مېنىڭ كۈتىۋاتقانلىقنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن. چىگرا ئىشخانىسىغا يېققىنلاشقان ۋاقتىمىزدا بىر ئىشقا مەنلا ئەمەس، باشقىلارمۇ ھەيران قالدى.. نەچچە يۈز ساياھاتچىگە ئاران 2 چىگرا ئوفىسسورى مۇلازىمەت قىلىۋاتاتتى. سەئۇدى ئەرابىستاندا بولغان زىيارىتىمدىمۇ بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلمىگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى شۇنداق ئاستا ۋە شۇنداق ئەستايىدىل ئىدى. بىر 4 كۆزلۈك ئوفىسسور بىر ئايالنى تۇتىۋېلىپ شۇنداق ئۇزاق سۇئال سوراشقا باشلىدى. ھەممىمىز پىچىرلاشقا باشلىدۇق. مۇشۇنداقمۇ مۇلازىمەت قىلغان بارمۇ، بولۇپمۇ ئەنگىلىيەدەك بىر دۆلەتتە. ساقىلى بارلار، 3- دۆلەت ئەللىرىنىڭ پاسپورتى بارلار كۆپرەك تەكشۈرلىۋاتاتتى. ماڭىمۇ نۆۋەت ئاز قالدى. 4 كۆزلۈك ئوفىسسورغا دۇچ كېلىپ قالمىغىيدىم دەپ قەلبىمدە ئىلتىجا قىلىپ تۇردۇم. ماڭا كېلەي دىگەندە 3- بىر ئوفىسسور كېلىپ قالدى. ماڭا مۇشۇ ئوفىسسور كېلىپ قالدى.
-                  نىمىگە كەلدىڭىز؟
-                   دۇرھام ئۇنىۋېرسىتىنىڭ بىر ھەپتىلىك ئىسلام مالىيىسى يازلىق لاگىر پىروگراممىسغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدىم.
-                  چاقىرىق بارمۇ؟ كۆرۈپ باقاي
-                  ئەلۋەتتە بولىدۇ.
-                  بۇرۇن ئەنگىلىيەگە كېلىپ باققانمۇ؟
-                  ياق، تۇنجى قېتىم، بىراق ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ باققان.
-                  بولىدۇ ئەپەندىم، لوندونغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
-                  رەھمەت ئەپەندىم..
لوندونغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز دىگەن سۆزى مېنى ھاياجانغا سالدى. چۈنكى بۇ مېنىڭ كىشىلىك قەدر-قىممىتىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى ئىدى.
مانا شۇنداق قىلىپ مەن بىرتانىيە زېمىنىغا دەسسىدىم. بىر يېرىم سائەتلىك ئابتوبۇس سەپىرى بىلەن لوندونغا كەلدىم. بۇرۇن مالايسىيادا ئۇقۇغان، ھازىر لوندوندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتتا ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇۋاتقان بىر بالا مېنى كۈتىۋالدى. دۇرھام ئۇنىۋېرسىتى لوندوندىن يەنە ئابتوبۇس بىلەن 7 سائەتلىك يول ئىدى ( ئوقۇغۇچى ئەمەسمۇ، ئابتوبۇسنى تاللىدىم). لوندوننى زىيارەت قىلمايلا، ئەتىسى ئەتتىگەندە، دۇرھامغا قاراپ يولغا چىقتىم.
 3 سائەتلىك زېرىكىشلىك سەپەردىن كېيىن بىر يەردە ئازراق دەم ئېلىش ئۈچۈن توختىدى. ئابتوبۇس كۈتۈش زالىدا، بىر مۇسۇلمان بالىنى ئۇچراتتىم. لېكىن گەپ قىلىشمىدۇق. ئابتوبۇسقا چىقىپ ئولتۇرسام، ھېلىقى بالىمۇ چىقىپ كەلدى. مەن دەرھاللا يېنىمدىن جاي كۆرسەتتىم ۋە سالام يوللىدىم. ئۇمۇ ھەيرانلىق بىلەن ماڭا سالام قايتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەنىلىك سەپەر باشلاندى. سۆھبىتىمىزدىن كېيىن، ئۇ بالىنىڭ بېنگاللىق بالا ئىكەنلىكى، مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك ئىكەنلىكى، قوش ئاسپىرانىتلىقنى ئوقۇپ تۈگەتكەنلىكى، ھازىر بولسا مانچىستىر ئۇنىۋېرسىتىدا   ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتورلۇق ئۇقۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. ئايالىمۇ ئوخشاش بىر ئۇنىۋېرسىتتا دوكتورلۇق ئوقۇۋېتىپتۇ.  تۇرمۇشتىكى غايىلىرىمىز ۋە پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقتى. ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئائىلىسى ئانچە باياشات بولمىغان بىر ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقى سۆزلەپ بەردى. پۇلغا ھىرىسمەن ئەمەسلىكى، تۇرمۇشىنىڭ ئاددى-ساددا ئەمما مەنىلىق ئۆتسىلا بولىدىغانلىقىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.
ياشاشنىڭ پەقەت قۇرساق ئۈچۈنلا ئەمەسلىكىنى، ئامال بولسا، ئۆز دۆلىتى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقى، لېكىن بۇنىڭغا دۆلىتىكى چېرىكچىلىك ۋە پارىخورلىقنىڭ يول قويمايدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى...
ئويلاپ قالدىم، نىمىشقا بىزدە ئوقۇش قىزغنىلىقى كەمچىل؟ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، مۇقىم، مۇئاشلىق بىر خىزمەت تېپىشنى ئويلايمىز.. ئىشقىلىپ مۇقىم خىزمەت ئورنى چىقسىلا داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئوقۇشتىن توختاپ قالىمىز. مانا بۇنىڭغا ئوخشاش بىزدىن نامرات بىر دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچى بىلىم ئۈچۈن، ئۆز يۇرتىدا تولۇق كۇرس ۋە ماگىستىرلىقنى تاماملىغاندىن كېيىن، يەنە ئەنگىلىيەدىكى مانچىستىر ئۇنىۋېرسىتىدا ماگىستىرلىق ئوقۇشنى تاماملاپ بولۇپ، ھازىر دوكتورلۇق ئوقۇۋېتىپتۇ. مەن بۇنىڭغا ئوخشاش بىنگاللىقلانى جىق ئۇچراتتىم. ھەقىقەتەن بىلىم ئۈچۈن ئىشتىياق باغلايدىكەن. قۇرساق ئۈچۈن ئەمەس، ئومومى ساپا ئۈچۈن، بىلىم ئىگەللەشنىمۇ بىر خىل ئىبادەت دەپ ئولتۇرۇپ ئوقۇيدىكەن.
توغرا، ئەگەر بىزمۇ قورساق ئۈچۈنلا ئوقۇساق، پارازىت قۇرۇتتىن نىمە پەرقىمىز؟ قۇرساق ئۈچۈن ياشىغان بولسام، ئوقۇمايلا، ئاتامنىڭ قوينى باقاتتىم. قۇرساق ئۈچۈن ياشىغان بولسام، تەكلىماكان قۇملىقلىرىدىمۇ ئاچ قالماس ئىدىم. قۇرساق ئۈچۈن ياشىغان بولسام، ئاتا-ئانامغا ھەمراھ بولۇپ، كەتمەن چاپقان بولساممۇ، ئاچ قالمايتتىم. دىمەكچىمەنكى، ئوقۇشىمىز قۇرساق ئۈچۈنلا بولۇپ قالمىسۇن.... قۇرساق ئۈچۈنلا ياشاشتىن ئىبارەت تۇرمۇش رامكىسىدىن چىقىپ كېتەيلى. پايدىلىق ئىلىم ئۈچۈن، ئومومى ساپايىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى...

No comments:

Post a Comment