مەن مۇساپىر باشلاي سۆزۈمنى بىسمىللادىن،
ئەي قەدىرلىك قېرىندىشىم، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا.
قەلبىڭ مەسىتلىككە تولۇپ، شەيتانلىرىنىڭ تۇتقاندا،
رەببىمىز بىزگە قارپ تۇرغۇچى، بۇنى ئۇنۇتما.
قىلغان ھەر ئىشىڭدا قىلغىن ئىسلامنى ئۆلچەم،
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد بىزنىڭ ئۈلگىمىز، بۇنى ئۇنۇتما.
شەيتان ئېزىقتۇرۇپ ۋال-ۋۇلغا باشلىسا ئەگەر،
دىنىڭ ئىسلام، دىلىڭ ئىمان، بۇنى ئۇنۇتما.
ئەي قەدىرلىك قېرىندىشىم، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا.
قەلبىڭ مەسىتلىككە تولۇپ، شەيتانلىرىنىڭ تۇتقاندا،
رەببىمىز بىزگە قارپ تۇرغۇچى، بۇنى ئۇنۇتما.
قىلغان ھەر ئىشىڭدا قىلغىن ئىسلامنى ئۆلچەم،
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد بىزنىڭ ئۈلگىمىز، بۇنى ئۇنۇتما.
شەيتان ئېزىقتۇرۇپ ۋال-ۋۇلغا باشلىسا ئەگەر،
دىنىڭ ئىسلام، دىلىڭ ئىمان، بۇنى ئۇنۇتما.
كىتابلار ئىچىدە كىتابلار باردۇر ھەر خىلى بىلەن،
لېكىن يوقتۇر "قۇرئان" دەك بۈيۈك كىتاب، بۇنى ئۇنۇتما.
كۆڭۈل باشلىسا سېنى ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەر،
ئۇ سېنى ئاپىرىپ ئوتقا تاشلايدۇ، بۇنى ئۇنۇتما.
ئورۇندىغىن بىزگە پەرز بولغان تائەت-ئىبادەتلەرنى،
چۈنكى سەن ئىككى مۇسۇلماندىن بولغان ئاپىرىدە، بۇنى ئۇنۇتما.
ئىتقادلىرىڭ تەمتىرەپ، باسسا سېنى ئەگەر زاۋاللىق،
ئاللاھ بېرىدۇ بىزگە رىزىق ھەتتا قۇرۇتقىمۇ، بۇنى ئۇنۇتما.
ئېيتتى بىر دوستۇم:"ئىسلامغا، ئىمانغا سادىق بولغىنكى،
كۆرمەيسەن ياخشىلىق ئىماننى ساتساڭ" بۇنى ئۇنۇتما.
نامەردلىك ئۇرۇقلىرى چېچىلسا قەلبىڭدە ئەگەر،
نۇزۇگۇم چېغىدا ۋەتەن ئۈچۈن بولدى قۇربان، بۇنى ئۇنۇتما.
شەرەپسىز دىگەن نومۇسقا قالمىغىن ھەرگىز،
قەھرىمانلار ساتمىدى ۋەتەن ۋە خەلق، بۇنى ئۇنۇتما.
سېتىپ ۋەتەن، سېتىپ خەلق، بولمىغىن خائىن،
سېيىت كەتتى، قالدى نامى گاڭگۇڭ، بۇنى ئۇنۇتما.
يىراق تۇرغىن چېقىمچىلىق دىگەن پەسكەش ئىللەتتىن،
ئەبۇ-لەھەب كەتتى ئوتقا بۇنىڭ دەستىدىن، بۇنى ئۇنۇتما.
مەنسەپ ۋە ئورنىڭدىن كەتمىگىن مەغرەرلىنىپ،
قېنى سۇلايمان، كىم قالدى زاۋال تاپمىغان، بۇنى ئۇنۇتما.
ياراتمايسەن ئورۇق-ئاجىزنى، ھالىڭ باردۇر ھالىڭ،
نەدىن كەلدى بۇ ھال، ھال تارتقۇدەك ھال قېنى، بۇنى ئۇنۇتما.
بوشاڭلىق ئۇرۇقلىرى سېنى قويسا غەپلەتتە،
قويغىن ئۆزەڭگە سۇئال، تاپقىن ئۆزەڭنى، بۇنى ئۇنۇتما.
گۈزەللىك ۋە قامەتلىرىڭ ئاتا قىلسا مەغرور،
يۈسۈپ پەيغەمبەر چېغىدا تاپتى زاۋال، بۇنى ئۇنۇتما.
پۇلنىڭ قۇلى بولغىچە، بولغىن ئەقىلنىڭ قۇلى،
ئالدىنقىسى ھەۋەستۇر، كېيىنكىسى پەرز، بۇنى ئۇنۇتما.
ھەر قانچە بولساڭمۇ راۋان يادنىڭ تىلىدا،
سېنىڭ تىلىڭ "ئۇيغۇر" بۇنى ئۇنۇتما.
يادنىڭ ئادىتى يادتۇر بىزلەر - بىزلەرگە،
مىللى كىملىكىڭ ئۇيغۇردۇر - ئۇيغۇر، بۇنى ئۇنۇتما.
يادنىڭ يۇرتىدا، مەڭگۈ مۇساپىرسەن مۇساپىر،
سېنىڭ يۇرتۇڭ، دىيارىڭ تارىم، بۇنى ئۇنۇتما.
Simple Translation: (Very direct translation)..
I want to start my words with “Bismillah”,
Hey my dear brother, please listen to me.
If your heart is surrounded by Satan,
Allah is watching us, please do not forget this.
Everything you do, please be line with Islam,
Prophet Muhammd is our example, please do not forget this.
If Satan let you to do a sin,
Your religion is Islam, please do not forget this.
Please do not follow what your mind says,
If you do bad, it will bring you fire, please do not forget this.
Please do these I’badah- Fardu Ain,
Your parents are Muslim, please do not forget this.
If your Aqidah is shaking,
Allah will give us Rizk even for insects, please do not forget this.
One of my friends said: “Please stick to Islam and Iman,
Never get goodness if you sell religion” please do not forget this.
Please stay far from Gossiping,
Abu Lahap gone to fire because of this, please do not forget this.
Do not proud of your position and status,
Where is Sulayman? Who is permanent to this world, please do not forget this.
Do not proud of due to your beauty and handsomeness,
Even Prophet Yusuf gone to the next world, please do not forget this.
Try to gain knowledge rather than making money,
The former is Fardu, the latter is Hawas, please do not forget this.
No comments:
Post a Comment