ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 15 May 2011

ئىسلام مالىيىسى دىگەن نىمە؟




ئىسلام دىنى ئۆسۈمنى چەكلەپ، سودا سېتق قىلىشقا چاقىرغان. مۇسۇلمانلار ھەقىقى رەۋىشتە ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش ئۈچۈن، ئىسلام چەكلىگەن ئىشلاردىن يىراق بولىشى لازىم. شۇڭا مۇسۇلمانلار 1960 -يىللىرىدىن باشلاپ ئىسلام بانكىسى ئۇقۇمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ خىل سىستىما مۇسۇنمانلارنى ئۆسۈمدن يىراق بولۇشقا، ھارام نەرسىلەرنى ئالماسلىققا ۋە ساتماسلىققا، مونوپولچىلىق قىلماسلىققا ۋە قىمار، ھاراق، چوشقا گۆشى قاتارلىق ئىسلام دىنى چەكلىگەن ئىشلارغا مەبلەغ سالماسلىقا چاقىرىدۇ.. شۇڭا يېققىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 20 يىل ماباينى، ئىسلام مالىيسى زور دەرىجىدە مۇۋاپىقىيەتلەتنى قولغا كەلتۈردى. يىللىق ئېشىشى نىسبىتى 12-15% ئەتىراپىدا بولدى.
ھازىر مالايسىيا بولسا ئىسلام مالىيە سىستىمىسىنىڭ يۈرىكى بوپ قالدى. ئەرەب دولەتلىرىدە بولسا، كۈۋەيت، بەھرەيىن، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ تۈزۈمنى كەڭ دائىرىدە قوللانماقتا. بۇنىڭغا ئەگىشىپ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرمۇ بۇ سىستىمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يېتىپ، بۇ سىستىمنى سىناق دەرىجىدە يولغا قويماقتا... دۆلىتىمىزمۇ نىڭشىيادا بانكىسىدا 2009 يىلى 12 -ئايدىن ئېـتىبارەن، ئىسلامى بانكا تۈزۈمىنى سىناق دەرىجىسىدە يولغا قويدى.......... مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا، باشقا رايونلارغىمۇ كېڭەيتمەكچى........ ھازىر نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەرمۇ بۇ تۈزۈمنى قوللانماقتا،،،، پات ئارىدا شىياڭگاڭمۇ بۇ تۈزۈمنى يولغا قويىدۇ..... ياپۇنىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ تۈزۈم، غەرب مالىيە سىستىمىسى بىلەن پاراللىل شەكىلدە مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا،،،،،،

ئۇنداقتا ئىسلام بانكىسى قانداق بولىدۇ؟ قىسقىچە ئىزاھەت بېرىپ ئۆتەي:


خېرىدار نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېييقاندا، خېرىدار قەرەللىك ۋە قەرەلسىز دەپ 2 ھىساباتنىڭ قايسىسىغا پۇل قويسا بولىدۇ....
قەرەلسىز ھىساباتقا مۇنچىلىك پايدا بېرىمىز دەپ توختامدا دىمەيدۇ.... دىمەك ھىچقانداق ئۆسۈم ياكى پايدا ئالدىنئالا بېكىتىلمەيدۇ...... ھىساب بوغۇلغاندا، بانكا ئالغان پايدىسىسىغا ئاساسەن، خېرىدارلانىڭ قويغان ئامانىتىنىڭ ئاز -كۆپلىكىگە ئاساسەن نىسبەت ئايرىپ بېرىدۇ...

قەرەلللىك ئامانەت 1، 2 ،3 يىللىق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىدۇ...... بۇ پۇل مەبلەغ ئامانىتى (investment account ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ..... بۇ ھىساباتتا، خېرىدار بىلەن بانكا توختام تۈزەيدۇ..... پايدا بولسا 40:60، 30:70 قاتارلىق نىسبەتلەر بويىچە پايدا ئارىلىدۇ......
ئەگەر زىيان بولسىچۇ؟؟؟؟ بۇنىڭغا چوڭ تەۋەككۈلچىلىك كېتىدۇ..... ئەگەر زىيان بولسا، بانكىنىڭ خاتالىقى بولمىسىلا، ھەممىنى خېرىدار تۆلەيدۇ......... بۇ خىل تۇزۇم مۇزارابەت (Mudharabah) دەپ ئاتىلىدۇ....
ھازىرقى بۇ دەۋردە، ھىچكىم بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۈلچىلىك قىلالمايدۇ... پايدا بولسا، جىق پايدىسى بار، زىيان بولسا، زىيىنى چوڭ بولغان ھىسابەت تۈرى........ نۇرغۇن خېرىدارلار پۇلنىڭ ئەسلى قىممىتىنىڭ ساقلىنىپ قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.. بۇ خىل ھىسابەت تۈرىدىكى ھىسابەت بەك ئاز........ ھىسابەت ئاچالايدىغانلىرى چوڭ تىپتكى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە چوڭ كارخانىلار بولىدۇ...................

بانكا نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بانكا نۇرغۇنلىغان ئىسلام مالىيە تۈرلىرى بويىچە مەبلەغ سالىدۇ،، مەسىلەن: مۇراباخا(Murabahah)، مۇدارابا(Mudharabah)، مۇشاراكا(musharakah)، سالام (salam)، ئىستىسنا (salam)، سۇكۇك (sukuk)، ئىجارە (ijarah)، تەۋەررۇق (tawarruq)

كېلەركى سەھىپىلەردە بىر-بىرلەپ تونۇشتۇرىمەن..

No comments:

Post a Comment