ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Thursday, 23 June 2011

تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن مەبلەغ سېلىشقا ئائىت بەش قىزىق نۇقتا مەسىلىسى

خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدە ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن سېلىنغان مەبلەغ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدىمۇ يوق؟ «فىرېدى» پاي چېكى بىلەن «فېرېدال» پاي چېكى بازاردىن چېكىندۈرۈلگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن سېلىنغان مەبلەغ زىيانغا ئۇچرىدىمۇ؟ ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇق كېپىللىك قەرز كىرىزىسى بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئېلىمىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جەھەتتە ياۋروپا بازىرىغا مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەمدۇ؟ دوللار كۇرسى چۈشۈشىنىڭ ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قانداق باھالاش كېرەك؟ ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپى قانداق؟
دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى 6-ئىيۇل بۇ قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى.
تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن «فىرېدى» پاي چېكى بىلەن «فېرېدال» پاي چېكىگە مەبلەغ سېلىنمىدى
دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى يېقىندا «فىرېدى» پاي چېكى بىلەن «فېرېدال» پاي چېكىنىڭ نيۇيورك ئاكسىيە بازىرىدىن چېكىنگەنلىكى توغرىسىدا: مەملىكىتىمىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن بۇ ئىككى ئۆي-زېمىن كارخانىسىنىڭ پاي چېكىگە مەبلەغ سالمىغان. ھازىر «فىرېدى» ۋە «فېرېدال» زايومىنىڭ دەسمايىنى قايتۇرۇپ، ئۆسۈم بېرىش ئەھۋالى نورمال، باھاسى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، دېدى.
خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى جەريانىدا، مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكى ئومۇمىي جەھەتتىن بىخەتەر بولدى
تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى بۇ قېتىمقى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى توغرىسىدا: مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى سىناققا بەرداشلىق بېرىپ، مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي بىخەتەرلىكىنى ساقلاپ قالدى. كىرىزىسنىڭ زەربىسى ئەڭ ئېغىر بولغان 2008-يىلى ۋە 2009-يىلى مەملىكىتىمىز تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن مەبلەغ سېلىشتا «دەسمايىنى ساقلاپ قېلىش» ئاساسىدا بىر قەدەر ياخشى پايدا ياراتتى، دېدى. 
ياۋروپا بازىرى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ تاشقى پېرېۋوتتىن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاساسلىق بازارلارنىڭ بىرى
ياۋروپا ئىگىلىك ھوقۇقى كېپىللىك قەرز كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارادا «جۇڭگو ياۋروپا بازىرىغا مەبلەغ سېلىش تەدبىرىنى تەڭشەمدۇ ياكى قولىدىكى ياۋرو مۈلۈكىنى قايتا باھالامدۇ؟» دېگەن ئەندىشە تۇغۇلدى. تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى بۇ ھەقتە: جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت زاپىسى جەھەتتە مەسئۇلىيەتچان، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارقاق مەبلەغ سېلىش پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ياۋروپا بازىرى ئىلگىرىمۇ، ھازىرمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ تاشقى پېرېۋوتتىن مەبلەغ سېلىنىدىغان ئاساسلىق بازارلارنىڭ بىرى بولىدۇ، دېدى.
دوللار كۇرسىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنىڭ تاشقى پېرېۋوتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەتراپلىق ئانالىز قىلىش كېرەك
دوللار مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكىنى تەشكىل قىلغان ئاساسلىق پۇللارنىڭ بىرى، دوللار كۇرسى زور نىسبەتتە چۈشسە، مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتامدۇ؟
تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ پۇل قۇرۇلمىسى ۋە تۈرلۈك پۇللارنىڭ خەلق پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئۇنىۋېرسال كۆزدە تۇتۇش كېرەك. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى بىر قانچە خىل پۇلدىن تەشكىل تاپىدۇ. دوللارنىڭ كۇرسى چۈشكەن تەقدىردىمۇ، ياۋرو قاتارلىق باشقا پۇللارنىڭ قىممىتى ئېشىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز ئارا يېيىشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، دوللار كۇرسى چۈشۈشىنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مەملىكىتىمىزنىڭ زاپاس پۇل قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن كونكرېت ئانالىز قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپاسى مۈلۈكىنى خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىغان چاغدىلا ئەمەلىي پايدا-زىيان كۆرۈلىدۇ. تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئاساسلىقى چەت ئەل پۇلى مۈلۈكى شەكلىدە ساقلىنىدۇ، ئۇرۇش ياكى كىرىزىس قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا، خەلق بانكىسى تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكىنى زور مىقداردا خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىمايدۇ، بۇ دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتسىمۇ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئەمەلىي زىيانغا ئۇچرىمايدۇ، دېگەن گەپ. 
ئۈچىنچىدىن، مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكىنىڭ قىممىتى يەنىلا ئۇنىڭ سېتىۋېلىش ئىقتىدارىغا باغلىق. ئامېرىكىدا پۇل پاخاللىقى كۆرۈلسە، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى مۈلۈكىنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، يەنى ئوخشاش مىقداردىكى دوللارغا سېتىۋالغىلى بولىدىغان ئەمەلىي تاۋار ئازلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ يىللىق تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىدە مۇقىم پايدا يارىتىلىۋاتىدۇ، مۈلۈك كىرىم نىسبىتى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ.
تۆتىنچىدىن، خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ ئېشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ھېساب دەپتىرىدىكى زىيان مەملىكىتىمىز پۇل مۇئامىلە مۈلۈكىنىڭ ھېساب دەپتىرىدىكى پايدا ئېشىنچىسىدىن خېلىلا ئاز.
تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىنى باشقۇرۇشتا «بىخەتەر بولۇش، ھەرىكەتچان بولۇش، قىممىتىنى ئاشۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك
تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىنى باشقۇرۇشتا «بىخەتەر بولۇش» «كۆپ مەنبەلىك»، «ئۇزاق مۇددەتلىك» ۋە «ئىستراتېگىيەلىك» دېگەن ئۈچ ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
«كۆپ مەنبەلىك» دېگىنىمىز، ئادەتتە كۆپ ئېيتىلىدىغان «تۇخۇمنىڭ ھەممىسىنى بىر سېۋەتكە سالما» دېگەن گەپ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش تەدبىرىنى ئىزچىل قوللىنىش ئارقىلىق مەملىكىتىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىنى باشقۇرۇشتىكى خەۋپ-خەتەر بىر قەدەر ياخشى كونترول قىلىندى. «ئۇزاق مۇددەتلىك» دېگىنىمىز، مۈلۈك قۇرۇلمىسىنى بېكىتكەندە ھەر خىل مۈلۈكنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە پايدا ئالاھىدىلىكى، بازار تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق ئۇزاق مەزگىللىك ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىش دېگەنلىك. شۇڭا، خەلقئارا بازاردىكى مەسئۇلىيەتچان ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سالغۇچى بولغان تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇششاق پايچىك» دېيىشكە بولمايدۇ. «ئىستراتېگىيەلىك» دېگىنىمىز، پۇل قۇرۇلمىسىنى بېكىتكەندە، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا كىرىم-چىقىم قۇرۇلمىسى ۋە تاشقى چىقىم ئېھتىياجى، خەلقئارا پۇل ۋە پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى قاتارلىق ماكرولۇق ياكى ئىستراتېگىيەلىك ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىش دېگەنلىك. ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغاندىلا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىدىن مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. 
تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ «ھەرىكەتچان بولۇش» جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى مەملىكىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىش كېرەك. خەلق پۇلى خەلقئارالىق پۇل بولمىغاچقا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنىڭ ھەرىكەتچانلىق ئېھتىياجىنى مۆلچەرلىگەندە، ئىمپورت قاتارلىق ئادەتتىكى مەزمۇندىكى تاشقى چىقىم بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق، يەنە دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيە ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرگەندىن باشقا، كاپىتال ھەرىكەتچانلىقى ئاستىلاش تۈپەيلىدىن پۇل كرىزىسى ھەتتا پۇل مۇئامىلە كرىزىسى كۆرۈلگەندە مۇقىملاشتۇرغۇچىلىق رولىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنىمۇ نەزەردە تۇتۇش كېرەك.
«قىممىتىنى ئاشۇرۇش» دېگىنىمىز، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى تىجارىتىدە زاپاس مۈلۈكنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم پايدا يارىتىش ئىقتىدارىنى ساقلاش دېگەنلىك. بۇنىڭغا بېرىلگەن تەبىر بىخەتەر، ھەرىكەتچان بولۇشقا بېرىلگەن تەبىر بىلەن ئوخشاش. تاشقى پېرېۋوت زاپىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئارقىلىق يارىتىلغان پايدىنى ئەڭ كۆپ دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئارقىلىق ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم، بىر قەدەر ياخشى پايدا ئېلىشقا ئىشەنچىمىز كامىل.

No comments:

Post a Comment