ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 19 June 2011

تاشقى پروۋۇت تۈزۈمىنىڭ تارىخى

تاشقى پروۋۇت تۈزۈمىنىڭ تارىخى
قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارا تاشقى پروۋۇت تۈزۈمى ئۈچ باسقىۇچنى بېسىپ ئۆتتى .
بىرىنجى باسقۇچ: ئالتۇن ئۆلچىمى تۈزۈمى
     XVIII ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىردا، شىيوم(Hum)ئۆزىنىڭ باھا ۋە ئالتۇن ئېقىمى نەزەرىيسىدە بىردۆلەتنىڭ تاشقى سودىسىدا پاسسىپ بالانىسىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئېششىدىن كېلىپ پروۋۇت نىسپىتىنىڭ تۆۋەنلەش ئالتۇن چىقرىش نوقتىسى كەلگەندە، ئوبوروتتىكى پۇل تەمىنلەش مىقدارى چىقرىش مىقدارىنىڭ ئېششىغا ئەگىشىپ كىميىدۇ،مال باھاسى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تۆۋەنلەيدۇ. مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىششى بۇدۆلەت تاۋارلىرنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئېكسپورىت سودىسنى جانلاندۇرىدۇ. بۇپاسسىپ بالانىسنى كىمەيتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاشقى كېرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تەڭپۇڭلششغا قاراپ يۈزلىنىدۇ دەپ قارلىدۇ. بۇ خىل ئالتۇننىڭ ئىككى خىل يۆنىلىشلىك ئېقىشى ئارقىلىق ، خەلقئارا كېرىم-چىقىم ئەھۋالىنى تەبئى تەڭشەش نۆۋەتتە توختىماقچى بولغان ئالتۇن ئۆلچىمى تۈزۈمىنىڭ ئاساسلىق نەزىرۋى ئاساسى بۇلۇپ ھېسابلىندۇ. ئاساسى ئالاھىدىلىكى : ئالتۇن ئېناۋەتلىك ئۆلچىمى ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىللىرى بەلگىلىك مىقداردا ئالتۇن ساقلاش ئارقىلىق ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئوبورۇتتكى پۇللىرنىڭ ئىناۋەت قىممىتىنى تەڭشەيدۇ. بۇخىل تۈزۈمدە ھەرقايسى دۆلەتنىڭ پۇللىرى بىلەن ئالتۇن ئارسىدا ئەركىن ئېلىپ سېتىش ۋە چىگرىدىن كىرىش –چىقىشىغا بۇلىدۇ.
      1- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ ، ئالتۇن ئۆلچىمى تۈزۈمى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالتۇننىڭ سىرتقا ئىقىشى ۋە ئەركىن ئالماشتۇرۇلىشىنى چەكلەش بۇيرۇقى تۈپەيلىدىن ۋاقتىنچە توختىتىلدى. 1922-يىلدىكى گېنايا يغىندا ئەنگىليە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەشەببۇسى ئاستىدا، قايتىدىن يولغا قۇيۇلغان بولسىمۇ، 1929-يىلى ئامرىكا نيۇ-يۇرۇك پاي چېكى بازىردىكى ئىقتىسادى كىرىزىسىنىڭ يامرىشى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي زوۋانلىققا يۈزلەندى. 1931-يىلى 9-ئايدا ئەنگىليە بۇ تۈزۈندىن ۋازكەچكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كىيىن ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن بۇ تۈزۈمدىكى چىكىنىپ چىقتى.       
ئىككىنجى باسقۇچ:ئالتۇن ئالماشتۇرۇش بىرلىكى تۈزۈمى
      ئامېىرىكا دوللىرىنىڭ خەلىقئارادىكى ئورنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن تىكلەنگەن بۇلۇپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىردا ئەنگىليە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بۇلۇش سۈپتى بىلەن نۇرغۇن مۇستەملىكە زېمىنلار ۋە خەلىقلەرگە ئىگە بولغان، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئەنگىليە پۇلى فونستىرلىڭمۇ شۇ زاماندىكى بىردىن بر دۇنياۋى بۇلۇپ قالغاندى. ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئەنگىليىلىك دۆلەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاجىزلاشتى شۇنداقلا مۇستەملىكلىرىدىن بىر بىرلەپ ئايرىلىپ قالغىلى تۇردى ئامېرىكا بولسا ھەرئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇرۇشنىڭ بىۋاستە زەربىسىگە ئۇچىرىمايلا قالماستىن يەنە ئۇرۇش قىلۋاتقان ئىتتپاقداشلىرغا زور مىقداردا قورال سېتىپ غايەت زور بايىلىق توپلىدى ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىين ئۇ ئاجىزلىىشىپ كەتمەكتە يوق ئەكسچە بىردىدىنلا دۇنيادىكى ئەڭ باي ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئەيلىنىپ قالدى.جەڭدىن ئىلگىركى باشقا ئاساسلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بولسا يەنى مەسلەن ئەنگىليىە، فرانسىيە، ئىتالىيە ، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنڭ ئىگلىكى بولسا ئۇرۇشنڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچىراپ ئامېرىكا بىلەن بەسلەشكۈدەك ھالى قالمىدى. دۆلەتنى قەيتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن غەرىپ دۆلەتلىرى پۇل سىستىمىسنى قايتا قۇرۇشى كىرەك ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى شارائىت ئاستدا ئاستىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ فونىستىرلىڭنىڭ ئورنىنى ئېلىپ دۇنياۋى پۇل بوپ قېلشىنى مۇقەرەرلىشىپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن غەرپ دۆلەتلىرى 1944-يىلى برىتون ئورمانلىقى سىستىمىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭدا ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئالتۇننى مۇقىم ئايرىۋاشلاش باھاسى ھەربىر ئۇنسىيە ئالتۇنىنىڭ باھاسى 35دوللار قىلىپ بېكىتىلدى. باشقا پۇللار بولسا مۇقىم پېرېۋوت باھاسى بۇيىچە ئامېرىكا دوللىرىنى مەركەز قىلدى.شۇچاغدىكى غەرب پۇل-مۇئامىلە سېتىمىسى بولسا ئالتۇننى ياكى باشقىچە ئېيتقاندا دوللارنى بىرلىك قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشقا غەرىب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇرۇش زەربىسىدە ئىگىلىكى ۋەيران بولغان پۇرسەتتىن پايدىلنىپ ياردەم بېرىش باھانسىدە كۆپ مىقداردىكى تاۋارلىرى ۋە كاپىتالىنى غەرىبى ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە تۆكمە قلىدى شۇ ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنياۋى ئورنىنى پۈتۈنلەي تىكلەپ بولدى.20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئاخىرى 60-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دوللىرى فونىستىرلىڭنىڭ ئورنىنى تەلتۆكۈس ئىگىلەپ قۇدرىتىدىن ھېچىكىم گۇمان قىلمايدىغان بىردىن-بىر دۇنياۋى پۇلغا ئايلاندى.
ئۈچىنچى باسقۇچ: لەيلىمە پېرېۋوت نىپىتى تۈزۈمى
     لىكىن ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى. 1971-يىلىدىكى ۋيېتنام ئۇرۇشى جەرۇيانىدا ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىدى، خەلقىئارا كىرىم-چىقىم قىزىل رەقىمى ۋە ھۆكۈمەت مالىيسى قىزىل رەقىمىنىڭ مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1971-يىلى8-ئاينىڭ 15-كۈنى بورستون ئورمانلىقى ئەھدىنامسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ ھەرقايسى دۆلەت پۇللىرى ئالتۇننى مەركەز قىلغان مۇقىم پېرېۋوت دەۋرىدىن ئالتۇندىن ئاجرىغان، ئەركىن ئۈسۈپ چۈشىدىغان تەۋرىنشچان پېرېۋوت دەۋرىگە قەدەم قويدى. 1971-يىلىدىن1980-يىلىغىچە ئامېرىكا دوللىرى باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا زور كۆلەمدە پاخاللاشتى 1980-يىلى ئامېرىكا فىدىراتىپ خەزىنىسى ئامېرىكا دوللىرى داۋامىلىق پاخاللاششنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياستىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باشقا ئاساسلىق پۇللارغا قارىتا كۈچلۈك قايتۇرما ھۇجۇم ھۇجۇم قۇزغىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. 1985-يىلى ئامېرىكا، ئەنگىليىە، گېرمانىيە ، فىرانسىيە ، ياپۇنىيە<<مەيدان ئەھدىنامىسى>>گەئىمزا قۇيۇپ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنى سۈنئى ئۇسۇلدا زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. ئامېرىكا دوللىرى قىممىتى بۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇلىغا قارتا 1995-يىلغا كەلگۈچە ئىزچىل تۆۋەنلىدى، 1995-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا ناسىداك پاي بازىرى تاكى 2000-يىلىغىچە ئىزچىل ئۆرلەپ غايەت زور مىقداردىكى دۇنياۋى ئەركىن كاپىتالنى ئامېرىكا پاي بازىرىغا ئاقتۇردى. بۇنىڭ تۈرتكىسدە ئامېرىكا دوللىرى 1995-2000يىللاردىكى كۈچلىنىش دەۋىرنى كۈتۈۋالدى، بىراق 2000-يىلىدىكى ناسىداك كۆپۈكىنىڭ يېرىلىش بىلەن زور مىقداردىكى مەبلەغ ئامېرىكىدىن چېكىنىپ  ئامېرىكا دوللىرىنىڭ 2000-يىلدىن تا ھازىرغىچە چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

No comments:

Post a Comment