ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 19 June 2011

پاي چەك بازىرى بىلەن كاپالەتلىك تاشقى پىرۋوت بازىرنىڭ پەرقى

1- مەبلەغ ئىھتىياجى ئوخشىمايدۇ :

 پاي چەك بازىردا سىز قانچىلىك پاي چەك سىتىۋالماقچى بولسڭىز كىتەرلىك مەبلەغنىڭ ھەممىسنى ئوزىڭىز چىقارمىسىڭىز سىتىۋالماقچى بولغان پايچەكنى سىتىۋالالمايسىز ،مەسلەن سز باھاسى 10يۇئەنلىك پاي چىكىدىن 1000 نى سىتىۋالماقچى بولسىڭىز چوقۇم ھىساۋاتىڭىزدا 10000 يۇئەندىن كوپرەك پۇل بولمىسا بۇ پاي چىكىنى سىتىۋالالمايسىز . تاشقى پىرۋوت بازىردا سىز 10000 يۇئەنلىك مال سىتىۋالماقچى بولسىڭىز  ھىساۋاتىڭىزدا 500 يۇئەن پۇل بولسىلا بۇ 10000 يۇئەنلىك مالنى سىتىۋالالايسىز ، چۇنكى سىز ھىساپ ئاچقان شىركەت سىزنىڭ 500 يۇئەن مەبلىغىڭىزنى كاپالەت قىلىپ تۇرۇپ  100 ھەسسىدىن 500 ھەسسىگىچە  مەبلەغ قوشۇپ بىردۇ ، پاي چەك بازىردا سىزنىڭ بىر مىليۇن مەبلىغىڭىز بولسىمۇ يەنىلا ئازلىق قىلغاندەك ھىس قىلىسىز ، چۇنكى ئالغان پىيىڭىز  زىيانغا مىڭىپ قالسا يەنە ھەسسىلەپ مال تولۇقلىغىڭىز كىلىدۇ ، پايدىغا ماڭسىمۇ ئوخشاشلا تىخمۇ كوپ تولۇقلىغىڭىز كىلىدۇ ، شۇڭا پاي چەك بازىرغا 10 مىليۇن مەبلىغىڭىز بولسىمۇ يەنىمۇ كوپرەك مەبلەغ بولسا دىگىڭىز كىلىدۇ ، دىمىسىمۇ پاي بازىرنى مەبلەغ كونتىرول قىلالايدۇ ، تاشقى پىرۋوت بازىرمۇ مەبلەغ تەلەپ قىلىدۇ  لىكىن بۇ بازارغا  سىز بىزگە ئەڭ كوپ بولغاندا 10 مىڭ دوللاردىن ئارتۇق مەغلەغ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ 

2- پايدا زىيان نىسپىتىڭىز ئوخشىمايدۇ ،

 دولىتىمىز پاي چەك بازىردا كۇنلۇك پايدا زىيان نىسپىتىنى ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا  ٪10 قىلىپ بەلگىلەنگەن بولۇپ  سىزنىڭ بىر كۇنلۇك پايدا زىينىڭىز مۇشۇ دائىردىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. تاشقى پىرۋوت بازىردا بۇنداق چەك بەلگىلەنمىگەن  سىز 500 يۇئەن مەبلەغ بىلەن بازارغا كىرسىڭىز بىر كۇندە بۇ مەبلىغىڭىزنىڭ ھەممىستىن بىراقلا ئايرىلىپ قىلىشىڭىزمۇ ياكى بۇ مەبلىغىڭىزنى بىر قانچە ھەسسە قاتلىۋىتىشىڭىزمۇ  مۇمكىن ،پاي بازىردا سىزنىڭ 100مىڭ يۇئەن مەبلىغىڭىز بولسا بىر يىل ئىچىدە ئەڭ كوپ زىيان بولسا  مەبلىغىڭىزنىڭ ٪70 تى زىيان بولۇپ يەنە ٪30 مەبلىغىڭىز ھىساۋىڭىزدا قىلىشى مۇمكىن . ئەڭ كوپ پايدا بولسا مەبلىغىڭىز 1-5 ھەسسىگىچە پايدا بولشى مۇمكىن ، تاشقى پىرۋوت بازىردا بولسا 100 مىڭ يۇئەن مەبلىغىڭىزدىن بىر ئىككى ئايدىلا پۇتۇنلەي ئايرىلىشىڭىز مۇمكىن ياكى بىر يىل ئىچىدە بۇ مەبلىغىڭىزنى بىر قانچە يۇز ھەسسە قاتلىۋىتىشىڭىز مۇمكىن ، بۇلار ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس.

3- سودا ۋاختى ئوخشىمايدۇ

پاي چەك بازىرىدا  ئادەتتە ھەر كۇنى  4 سائەت ھەپتىدە 20 سائەت سودا  ۋاختى بولىدۇ . تاشقى پىرۋوت بازىرىدا  بولسا ھەركۇنى 24 سائەت  ھەپتىدە 120 سائەت سودا ۋاختى بولىدۇ ، پاي چەك بازىرنىڭ ھەپتىلىك ك سىزىقى تاشقى پىرۋوت بازىرنىڭ كۇنلۇك ك سىزىقىدىنمۇ ئاز ۋاقىتتا پۇتكەن بولىدۇ،  بۇنداق بولغاندا ، سىزنىڭ مەبلەغ ئايلاندۇرۇش سۇرتىنى تىزلىتىش شارائىتىڭىز  پاي چەك بازىرغا  قارىغاندا بىر قانچە ھەسسە تىز بولىدۇ  .

4- سودا  ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ

سىز پاي چەكنى پەقەت بىر يولنۇشكە ئالالايسىز ، يەنى ئوسسە پايدا ئالالايسىز  شۇ كۇنى ئالسىڭىز  شۇ كۇنى ساتالمايسىز ، تاشقى پىرۋوتنى ئىككى يولنۇشكە ئالالايسىز يەنى ئوسۇشكىمۇ چۇشۇشكىمۇ ئالالايسىز ھەم قايسى يولنۇشكە ئىلىشىڭىزدىن قەتتى نەزەر سىز ئالغان يولنۇشكە ماڭسىلا پايدا ئالالايسىز ، يانا بىر پەرقى سىز بىر مالنى بىر كۇن ئىچىدە بىر قانچە يۇز قىتىم ئىلىپ ساتسىڭىز بولىۋىردۇ .

5-سودا ئوبىكتى ئوخشىمايدۇ 

پاي چەك بازىردا ھازىر بازارغا سىلىنغان پاي چىكى سانى 2000 دىن كوپ بولۇپ سىز بۇ پايچەكلەر ئىچىدىن قايسىنى ئىلىشنى بىكىتىشىڭىزمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ ، تاشقى پىرۋوت بازىردىكى ئاساسلىق پۇل گورپىسى 10 غىمۇ يەتمەيدۇ ، ئالماقچى بولغان مال ئوبىكتىنى تاللاشتا قىينالمايسىز، ئادەتتە بىر ياكى ئىككى خىل پۇل گورپىسنى سودا ئوبىكتى قىلىپ تاللىۋىلىپ بىر ئومۇر مۇشۇ ئىككى خىل مالنى ئىلىپ ساتسىڭىز بولىۋىردۇ.

6- رەسمىيەت ھەققى ئوخشىمايدۇ

پاي بازىردا قوش رەسمىيەت ھەققى بار يەنى سىتىۋالغاندا بىر ساتقاندا بىر رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋالىدۇ ، يەنى 10 مىڭ يۇئەنلىك پاي چەك سىتىۋالىپ ساتسىڭىز  30-70 يۇئەنگىچە رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋالىدۇ ، تاشقى پىرۋوت بازىردا پەقەت سىتىۋالغاندىلا رەسمىيەت ھەققى تۇتىۋالىدۇ ، ساتقان ۋاختىڭىزدا ھىچ قانداق رەسمىيەت ھەققى تۇتمايدۇ ، تۇتۇش ئولچىمى : مەسلەن سىز ياۋرۇ ئامىرىكا دوللىرى دىگەن بۇ بىر گورپا  پۇلدىن  بىر قول سىتىۋالماقچى بولسىڭىز  بۇنى سىتىۋىلىش ئۇچۇن 130مىڭ دوللار كىتىدۇ ، بۇنىڭغا  ئوزىڭىزنىڭ  كاپالەت مەبلىغىدىن 650 دوللار چىقىرسىز، سىزگە ھىساپ ئىچىپ بەرگەن شىركەت 129350 دوللارنى چىقىردۇ ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن سىز بىر قول ياۋرۇنى 130مىڭ دوللارغا سىتىۋالسىڭىز سىزدىن 20 دوللار رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ ، بۇنداق بولغاندا سىز 130 مىڭ دوللارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرسىڭىز 130*6.70=871000 يۇئەن. بۇنىڭغا پاي چەك ئىلىپ ساتقان بولسىڭىز 10000*٪7 دىن ھىساپلىساق 6097 يۇئەن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرسىز ، دىمەك 130مىڭ دوللارغا پاي چەك ئىلىپ ساتسىڭىز 6097 تاپشۇرسڭىز . 130 مىڭ دوللارغا تاشقى پىرۋوت ئىلىپ ساتسىڭىز 134 يۇئەن رەسمىيەت ھەققى تاپشۇرسىز.

7- ئىككى بازارنىڭ ئادىللىق پەرقى

پاي بازىردا ھەمىشە دوكالار  بازارنى قالايمىقان قىلىپ تۇردۇ ، بۇنىڭغا ئۇششاق پايچىلار شۇنچە ھۇشيار تۇرسىمۇ يەنىلا ھىلىگەر دوكالارنىڭ قىلتىغىغا چۇشۇپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ ، تاشقى پىرۋوت بازىردا دوكا مەۋجۇت ئەمەس . چۇنكى بۇ بازارنىڭ كۇنلۇك سودا مىقتارى ئىككى تىرلىيۇن بەش يۇز مىليارت ئامىرىكا دوللىرى بولغانلىقى ئۇچۇن ھەر قانداق بىر دولەت ياكى چوڭ گورۇھمۇ  بۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ مۇنچە كوپ مەبلەغنى سىلىپ بازار يولنۇشىنى ئوزگەرتىش خىيالىدا بولمايدۇ ھەم ئوزگەرتەلمەيدۇ ، شۇڭا بۇ بازار  ئادىل ئەركىن باھا  بويۇنچە داۋاملىشىپ تۇردۇ .

بۇ ئىككى بازارنىڭ پەرقىنى تەپسىلى سوزلەپ كەلسە يەنە نۇرغۇن تەرەپلەردە پەرىقلىندۇ ، يۇقارقىسى پەقەت مىنىڭ يۇزەكى سىلىشتۇرمام ، بۇ سىلىشتۇرمىدا خاتا كەتكەن تەرەپلىرى بولشى مۇمكىن دوسلارنىڭ سەمىمى ياردەمدە بولشىنى ،ھەمدە قالغان تەرەپلىرنى دوسلارنىڭ ئىنكاس ئارقىلىق ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇقلاپ تۇرشىنى ئۇمۇت قىلىمەن. 

Taxki Pirwot Tor Bekiti

No comments:

Post a Comment