ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Friday, 3 June 2011

يىڭى سوغۇق ئۇرۇش، پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى

يىڭى سوغۇق ئۇرۇش، پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى


لىيۇ جۇنلۇۋ

تەرجىمە قىلغۇچى : watandax

2007-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پىقىر بىلۇگىدا «2008-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە بىز» دېگەن ماقالەمنىڭ ئاخىرقى بۆلكىدە «جۇڭگۇ-ئامىرىكا پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى بولسا جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ يىرىمىنىڭ ئازىيىشى، جۇڭگۇ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدۇر. بۇ پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى 3-4يىل داۋاملىشىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا جۇڭگۇ ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ماجالسىز ھالەتكە ئۆتىدۇ. ئەمما 2008-2009-يىلى ئامىرىكىنىڭ چىتلاق فوندى ئامىرىكا فىدىراتسىيە خەزىنىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا شەرقىي ئىتتىپاق پۇل سىستىمىسىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. بۇ بىرىنچى بىكەت. ئاندىن ياپۇنىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدا پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلق پۇلىغا ھۇجۇم باشلايدۇ. بىزدىكى كۈچچۇ؟
ھەممە ئادەم ئۆزىنى قوغداش جەريانىدا زورىيىدۇ. ئۇچقۇندىن يانغىن چىقىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بۇنى ئۆزىڭىزدىن يىراق دەپ ئويلىماڭ. ئەتە سىزمۇ ئامىرىكىنىڭ قارمىقىغا چۈشكەن بولىسىز.»دەپ يازغانىدىم

مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ ھەمدەپنە بويۇمى- جۇڭگۇ پاي بازىرى

يىڭى سوغۇق ئۇرۇش دېگەن نىمە؟ يىڭى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ بايلىقلارنى قايتا تەقسىم قىلىشى دىگەنچۇ؟
2001-يىلى پىقىر «ئۈجمە تىككەن دۆلەتنىڭ خاتالىقى» دېگەن بىر ھېكايىنى سۆزلىگەن ئىدىم. كۆپچىلىككە ئايان بولغىنىدەك، ناھايىتى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بىر پادىشاھ ۋەزىرلىرىگە پەقەت يىپەك كىيىم كىيىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. ئەمما دۆلەت ئىچىدە پەقەت ئاشلىق تېرىشقىلا يول قويۇپ، ئۈجمە دەرىخى تىكىشكە يول قويماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۆلەتتە يىپەكنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىپتۇ. باشقا كىچىك دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئاشلىق تېرىماي ئۈجمە تېكىپ، يىپەك سېتىپ بايلىق توپلاپ، خۇشاللىقى كۆككە يېتىپتۇ. بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ پادىشاھ پەقەت گەزمال (پاختا رەخت) كېيىشكىلا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا بۇيرۇق ئېلان قىپتۇ. لېكىن كىچىك دۆلەتلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشنى قەتئىي چەكلەپتۇ. شۇنىڭ بىەلن بۇ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئۆلىدىغىنى ئۆلۈپ، كىچىك دۆلەتلەر ئاسانلا پادىشاھنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قاپتۇ.
بۇگۇنكى جۇڭگۇ ، جۈملىدىن بىز ھەممىمىزدەل بايلىقلارنى ئېغىر دەرىجىدە ئىسراپ قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجىدا ئېغىر دەرىجىدە چەتكە تايىنىدىغان «ئۈجمە تېرىش» ئىستىراتىگىيسىگە تايىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.
ھەممىمىزگە ئايانكى، ئامىرىكا ھەربىي جەھەتتىكى سوغۇق ئۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنى بىتچىت قىلدى ئەگەر ماۋزىدوڭ ئەپەندى 1950-يىلى ۋە 1961-يىلى چاۋشىيەن ۋە ۋىيتنامدا ئامىرىكا ئارمىيسىنىڭ كۈچىنى مەغلۇپ قىلمىغان بولسا، جۇڭگۇمۇ ھامان بىر كۈنى ئامىرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى سوغۇق ئۇرۇشىدا ۋەيران بولغان بولاتتى. بۇ مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى.
ئىستىراھەتلىك پاراڭ:
ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى چەت بىر تاغلىق رايۇندا بىر كىچىك دۆلەت بولۇپ، بىر چوڭ دۆلەت بۇ دۆلەتنى كونتىرۇل قىلىشنى ئويلايدىكەن. ئەمما بۇ كىچىك دۆلەت تاغلىق رايۇندا بولغاچقا، ھەربىي قوشۇننىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئانچە قولايلىق ئەمەسكەن. شۇڭلاشقا چوڭ دۆلەت بۇ كىچىك دۆلەتكە ئەلچى ئەۋەتىپ، كىچىك دۆلەت پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرىگە چوڭ دۆلەتنىڭ كىچىك دۆلەت بىلەن ئالاقە قىلغۇسى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، نورغۇن سوۋغاتلارنى تەقدىم قىپتۇ. شۇنداقلا يەنە سوۋغات بېرىش نىيىتى بولسىمۇ، يول قولايلىق بولمىغاچقا ئەۋەتەلمىگەنلىكىنى، كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭراق بىر يول ياسىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.
كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال پۈتۈن دۆلەت خەلقىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ چوڭ يول ياساشقا كىرىشىپتۇ. بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ زور كۆلەمدىكى بايلىقلىرى بۇ چوڭ يولنى ياساش ئۈچۈن سەرپ بولۇپ تۈگەپتۇ.
بۇ چوڭ دۆلەتنىڭ بايلىقلىرى كىچىك دۆلەت خەلقىنىڭ قولىغا يىتىپ كىلەلىدىمۇ؟
يىتىپ كىلەلىگەن بولسا بۇ كىچىك خەلقىنىڭ ئەسلى بايلىقى ۋە ئەمەلىي قىممىتى بۇ چوڭ يولنىڭ ئالدىدا نىمىگە ئەرزىيىتتى؟
ئەپسۇسلىنارلىق بولغىنى، بۇ يول ياسىلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ سودا ئىشلىرى گۈللەپ ياشناپ، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ قىممىتى ئۆرلەپتۇ. ئەمما بۇ يول ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي كىرىزىس پەيدا بولۇپ، ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرى، زاۋۇتلار كەڭ كۆلەمدە ۋەيران بولۇپتۇ. بۇ كىچىك ھېكايىنىڭ ئىسمى «يول».

ئويلىنىش:
بۈگۈنكى جۇڭگۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئەرزان ياساش دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ يولنى ياسىغاندىن كېيىن، ھازىرقى جۇڭگۇ بايلىقلىرىنى زور كۆلەمدە ئىسراپ قىلدىمۇ-يوق؟ ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىياجى جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە چەتئەلدىكى چوڭ دۆلەتكە تايىنىپ قالدۇقمۇ-يوق؟ بۈگۈنكى جۇڭگۇ «يول» ھېكايىسىدىكى باشقا چوڭ دۆلەت ئۈچۈن كەڭرى يول ياسىغان دۆلەتكە ئوخشامدىكەن-ياقمۇ؟

ھەربىي سوغۇق ئۇرۇش ۋە بۈگۈنكى يىڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، بۇ بىزنى مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈشكە ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ئارقىسىدا بولسا بىر خىل يىڭى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشنىڭ بايلىقلارنى قايتا تەقسىم قىلىش پائالىيتى يۇشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.
ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەممىمىز كۆردۇقكى، بىر تۇڭ نېفىت 60ئامىرىكا دوللىرىدىن 140ئامىرىكا دوللىرىغا ئۆرلەپ، باھاسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئۆستى. ئەمما جۇڭگۇنىڭ پاي بازىرى %50تىن كۆپرەك چۈشتى. جۇڭگۇ ھۆكۈمەت تەرەپ زاپىسىدىكى 2تېرىلىيۇن ئامىرىكا دوللىرىنى نىفىت باھاسى بويىچە ھېساپلىغاندا، بىر يىل ئىچىدە %50كە يىقىن پۇل پارغا ئايلىنىپ كەتتى. يەنى جۇڭگۇ تاشقى پىرىۋۇت زاپىسى ۋە دۆلەت ئىچكى بايلىقىدىن ئۆتكەن بىر يىل جەريانىدا نەچچە ئون تىرىلىيۇن خەلق پۇلى تۈگىدى. بۇ ئادەتتىكى بىر بازار ئامىلىنىڭ نەتىجىسىمۇ ياكى «يول» ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىدىكى كومىدىيەلىك نەتىجىمۇ؟
2008-يىلى يىل ئاخىرىدا پاي بازىرى 2000نوقتىنى كۆرىشى مومكىن، 2009-يىلى يىل ئاخىرىدا پاي بازىرى ئېھتىمال 1000نوقتىنى كۆرىشى مومكىن. سىزنىڭچە «يول» ھېكايىسىدىكى چوڭ دۆلەت پادىشاھى جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلامدۇ ياكى جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ بىر سىنىتقا ئەرزىمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قىلىشىنى ئويلامدۇ؟

ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى دېگەن نىمە؟
-بايلىقلارنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنىشى.
بايلىقلارنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنىشى جەريانى بەرىبىر ياۋايىلىق ياكى مەدەنىيەتنىڭ كونتىرۇلىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى شۇكى، بىر قىسىم مىللەتلەر تۈگىشىپ، بىر قىسىم مىللەتلەر زومىگەرلىك ھوقوقىغا ئېرىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۈگۈنكى جۇڭگۇ پاي بازىرى، شۇنداقلا ئەتىكى جۇڭگۇ پاي بازىرى چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇرۇشنىڭ ئولجىسى بولامدۇ ياكى بىر خىل مەدەنىيەت ۋە ئىمپىرىيە زوراۋانلىقىنىڭ ھەمدەپنە بويۇمى بولامدۇ؟

پۇل پاخاللىقى ۋە 2009-يىلىدىكى ئاسىيا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى

Ben s. Bernanke ۋەزىپە ئۆتىگەندىن بىرى، بازارغا كىرگەن ئاساسىي پۇل 1تىرىلىيۇن 300مىليارد ئامىرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئەمما بۈگۈنكى ئامىرىكىنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتىدىن زور دەرىجىدە تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ جۇڭگۇنىڭ كۆپ مىقداردىكى ئەرزان باھالىق تاۋارلىرى ۋە ئەرزان كاپىتالىنىڭ ئامىرىكا بازىرىغا كىرىپ، ئامىرىكا كاپىتالى ۋە ئامىرىكا تاۋار باھاسىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بۇنى خۇددىي بىر سۈتلۈك ئانا بولۇپ، ئۇ باشقا ئائىلىنىڭ بالىسىنىڭ باقىدىغان بولغاچقا، ئۆز بالىسىنى باقالمىغانلىقىغا سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، باشقىلارنىڭ بالىسى ئاپئاق ۋە سېمىز، ئەمما ئۆز بالىسى بولسا جۈدەڭگۇ ۋە ئورۇق.
ھازىرقى دۇنيا ئىقتىسادىدا ئامىرىكا زو كۆلەمدە جۇڭگۇنىڭ ئەرزان باھالىق تاۋارلىرى ۋە تۆۋەن تەننەرختىكى كاپىتالىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا فىدىراتسىيە خەزىنىسى چەكلىمىسىز ھالدا پۇل بېسىشقا تۇتۇشتى. شۇنداقلا ئامىرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىمۇ چەكلىمىسىز ھالدا دۆلەت زايۇمى تارقىتىشقا باشلىدى.
ئامىرىكا مۇشۇنداق چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولغاچقا، دۇنياۋى خاراكتىرلىك پۇل پاخاللىقى ئۈزلۈكسىز ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
بىز بىر قەدىمىي قائىدىنى بىلىشىمىز كىرەك:
پۇل پاخاللىقى جەريانىدا ۋەيران بولىدىغىنى قەرزدار ئەمەس، بەلكى ھەقدار بولۇپ، قەرزدار شىددەت بىلەن بىيىغۇچىدۇر. (بۇ قائىدە دۆلەت ئىچىدىمۇ ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە. قولىمىزدا پۇل تۇتۇپ تۇرغانلار دۆلەتكە نىسبەتەن ھەقدار، دۆلەت بولسا بىزگە قەرزدار. چۈنكى قولىمىزدىكى پۇل ئەمەلىيەتتە دۆلەتتىن ئىبارەت بۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە نائىل بولغان ئورگاننىڭ بىزگە يېزىپ بەرگەن قەرز ھۆججىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىز دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئاساسەن ئۆز مۆلكىمىزنى ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇردۇق. بولمىسا بىزنىڭ قولىمىزدا باشقا ئەمەلىي بايلىق بولىشى كىرەك ئىدى. بىز پەقەت دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىگە ئىشىنىپلا قولىمىزدىكى ئەمەلىي بويۇمنى شۇ قەرز ھۆججىتى-قەغەز پۇل-غا ئالماشتۇردۇق. –ت)
بۇ قائىدە قەدىمكىگە ئوخشاشلا، بۈگۈنمۇ ئامىرىكا ۋە جۇڭگۇ ئوتتۇرىسىدىكى ئويۇندا ئەسقېتىۋاتىدۇ. كىيىنكى قەدەمدە كىمنىڭ بېيىپ، كىمنىڭ نامراتلىشىدىغانلىقى ئوپئوچۇق بولۇپ بولدى.
شۇڭلاشقا بۈگۈنكى جۇڭگۇنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىقتىسادشۇناسلىرىنى «ئۈجمە تىككۈچى» ۋە «يول» ھېكايىسىدىكى كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھى ۋە ۋەزىرلىرىگە ئوخشىتىشقا بولامدىكەن؟
ئۇنداقتا ئەمەلىيەتتە بىز «ئۈجمە تىككۈچى» ۋە «يول ياسىغۇچى»لارغا ئايلىنىپ بولغان ئىكەنمىز، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كىرەك؟
مۆلچەرىمچە، 2009-يىلىنىڭ 2-پەسلىدە جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىقى ئوموميۈزلۈك كونتىرۇلسىز ھالەتكە چۈشىدۇ. 2009-يىلىنىڭ 4-پەسلىدە خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى شىددەت بىلەن چۈشىدىغان دەۋر كېلىدۇ. 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىقى %25-%30كە يېتىدۇ. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا خەلق پۇلى بىلەن ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى 1دوللار 30يۈەن خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىنىدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ. ھازىرقى جۇڭگۇ ھاياتلىق سۇغۇرتىسىنىڭ پاي باھاسى 40يۈەن بويىچە ھېساپلىغاندا، ئامىرىكىلىقلار 6دوللار سەرپ قىلىپ بىر تال جۇڭگۇ سۇغۇرتىسى پىيىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما دۇنياۋى خاراكتىرلىك پۇل پاخاللىقى مۇشۇ بويىچە كېتىۋەرسە، قەدىمىي قائىدە بويىچە بولغاندا، جۇڭگۇ ۋاقتى كەلگەندە %100بەربات بولىدۇ. شۇ چاغدا جۇڭگۇ ھاياتلىق سۇغۇرتىسى پېيى 3يۈەن خەلق پۇلى بولسا، بىر ئامىرىكا دوللىرىنى 30يۈەن خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلىغىلى بولسا، ئۇنداقتا ئەسلىدىكى 6ئامىرىكا دوللىرىغا 60تال جۇڭگۇ سوغۇرتىسى پېيىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسى ئىككى يىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت بۇ قەدىمىي قائىدە ئارقىلىق بايلىقلارغا قارىتا قايتا تەقسىملەش ئېلىپ بېرىلسا، ئامىرىكىلىقلار 60ھەسسە بېيىيدۇ. ئامىرىكىلىقلارنىڭ پۇلى بولغان ئامىرىكا دوللىرى 21-ئەسىرنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا دۇنياۋى پۇل بولۇش زۇمىگەرلىك ئورنىنى تىكلەيدۇ.
شۇنداق بولغاندا كەلگۈسى دۇنيادا نىفىت، ئالتۇن ۋە ئاشلىق باھاسى قانداق ماڭىدۇ؟
پىقىر ئىيىتقان «ئۈجمە تىكىش» ۋە «يول» ھېكايىلىرىدە سۆزلەنگەندەك چوڭ دۆلەت پادىشاھى ۋە كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھ، ۋەزىرلىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ نىفىت، ئالتۇن ۋە ئاشلىق باھاسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئۆستۈرەلەمدۇ-يوق؟
پۇل پاخاللىقىدىن ئىبارەت بۇ كونا بايلىق تەقسىم قىلىش قورالى بۈگۈنكىدەك ئورتاق گۈللەنگەن دەۋردە يەنە گۈللەپ-ياشناپ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ-يوق؟

ئۆي-مۆلۈك ۋە ئالتۇن باھاسى توغرىسىدا پاراڭ
2007-يىلى 6-ئايدا پىقىر بىلوگ ۋە گىزىت ئارقىلىق، جۇڭگۇ پاي بازىرىدىن پۈتۈنلەي چىكىنىپ چىقىپ، مەبلەغ سېلىشتا ئاۋۋال شاڭخەيدىكى ئالىيراق ئۆي-مۆلۈكنى تاللاشنى، ئەگەر ئۆي-مۆلۈك سېتىۋالغۇدەك دەسمىي بولمىسا، كىيىنكى قەدەمدە ئالتۇن بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆپ تەشەببۇس قىلغان ئىدىم. دۆلەت سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى 6ئايدا مەملىكەتتىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئايلىق ئۆسۈش نىسبىتى %10تىن تۆۋەن بولۇپ باقماپتۇ، يەنە كېلىپ شاڭخەيدە يىقىنقى مەزگىلدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھا سەۋىيسى بارلىققا كەپتۇ.
جۇڭگۇنىڭ ئۆي باھاسى قانداق ماڭىدۇ؟ جۇڭگۇنىڭ پۇل پاخاللىقى قانداق يۆلىنىشتە؟ چوڭ دۆلەت پادىشاھىنىڭ غەرىزىچە بولغاندا جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. پىقىر بۇ يەردە مەدەنىيەتنىڭ بايلىقلارنى كونتىرۇل قىلىشى قائىدىسىنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈشنى بىكار ئىش دەپ قارىدىم.
يىقىندا شىنجىندا ئۆي باھاسى زور كۆلەمدە چۈشتى، جۇڭگۇنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى شىنجىن ئۆي باھاسى ھەققىدە باغلاشقان ئىككى ئادەمنىڭ ھىكايىسىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى.
بىرىنچى:- ئالدى بىلەن شىنجىن ۋە گۇاڭدوڭ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسۈشتە زىيان تارتىدىغان ئورۇنلار، چۈنكى جۇڭگۇنىڭ ئاساسلىق ئىكىسپورت كارخانىلىرى شىنجىن بىلەن گۇاڭدوڭدا، بۇ يەردىكى كۆپلىگەن كارخانىلار خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈشى جەريانىدا شىنجىن ۋە گۇاڭدوڭدىكى ئۆي مۆلكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ، ئىچكىرى رايۇنلارغا ۋە ياكى شەرقىي ئىتتىپاققا يۆتكەلدى.
ئىككىنچى:- شىنجىن ئۆي باھاسى ئۆتكەن يىلى جۇڭگۇدىكى ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆي باھالىق ئورنىنى ياراتقان. شۇڭلاشقا 2007-يىلى شىنجىن ئۆي باھاسى مەلۇم ئالاھىدە مەبلەغنىڭ كونتىرۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان.
بىز بۇ يەردە ئەگەر چوڭ دۆلەت پادىشاھى جۇڭگۇنىڭ ئۆي باھاسىنى كونتىرۇل قىلىدۇ دەپ خىيال قىلساق، ئۇنداقتا ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونتىرۇل قىلىشى ئاساسىي شەرت.


شىنجىن ئۆي مۆلۈك باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، چوڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دەسمىي ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئاز بولغاندا نەچچە يۈز مىليارد خەلق پۇلى كېتىدۇ، شۇندۇرۇپ ھىساپلىغاندا نەچچە يۈز مىليۇن ئامىرىكا دوللىرى كېتىدۇ. ئەمما ھازىر جۇڭگۇ بازىرىدا نەچچە يۈز مىليۇن ئامىرىكا دوللىرىلىق قىلتاق بىر كىچىك ھىساپلىنىدۇ، يەنە كېلىپ ئۆي مۆلۈك بازىرىنى قۇتقۇزۇش قۇتقۇزماسلىقنى ئويلاشقاندا تېخىمۇ شۇنداق. (مۇشۇ يەردە تەرجىمىدە ئازراق مەسىلە بار.)
بىز دۇنياۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى بىزەپ زىننەتلىگەن مەبلەغ سېلىش پىرى-روجىسقا نەزەر سالساق، ئۇ جۇڭگۇنىڭ ھەممىلا يېرىگە بېرىپ نوتۇق سۆزلەپ، جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جۇڭگۇ پاي بازىرىنىڭ كەلگۈسى گۈزەل مەنزىرىسىنى ياراتتى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى پاي بازىرىنى قۇتقۇزماسلىقى كىرەك دىگەننىمۇ مۇھاكىمە قىلدۇردى.
جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نۆۋەتتە كىچىك دۆلەت ۋەزىرلىرى ۋە كىچىك دۆلەت پۇقرالىرىغا سىڭدۇرگىنى شۇكى، ئۆي مۆلۈكنى قۇتقۇزۇش كىرەكمۇ يوق، پاي بازىرىنى قۇتقۇزۇش كىرەكمۇ يوق؟
ئەڭ دۆت ھاماقەتمۇ بىلىدۇكى، جۇڭگۇ شاڭخەي ئاكسىيە كۆرسەتكۈچى ئاللىقاچان يىرىمى ئازىيىپ 3000غا چۈشۈپ قالدى، جۇڭگۇ دۆلەتلىك سىتاستىكا ئىدارىسىنىڭ سىتاستىكىسىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆي باھاسى يىڭى يۇقىرى باھا سەۋىيسىنى ياراتتى. شۇڭلاشقا جۇڭگۇ ئۆي-مۆلۈك بازىرى ۋە جۇڭگۇ پاي بازىرىدا بىز قانداق يول تۇتىشىمىز كىرەك؟ جاۋابى ئېنىق بولۇپ بولدى. بۇ يەردىكى ئاللىقانداقتۇ كۈچلەرنىڭ كۆز بويامچىلىق ئارقىلىق جۇڭگۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونتىرۇل قىلىشى ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاخىرى نىشان جۇڭگۇنىڭ بايلىقىنى كونتىرۇل قىلىشىدۇر.
ئەمەلىيەتتىمۇ 1990-يىلى ئامىرىكا سەرمايىسى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي كونتىرۇل قىلدى، 1990-يىلى يەنە ياپۇنىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىمۇ كونتىرۇل قىلدى، 1990-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە ياپۇنىيەنىڭ قانداق بەربات بولغانلىقىنى كۆپچىلىك ئەلۋەتتە بىلىشى كىرەك.
بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇش تارىخىغا نەزەر سالغاندىمۇ، ھەممىسىدە ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيسى ۋە ئاخبارات بىخۇتلاشتۇرۇلۇپ ۋە قالايمىقانلاشتۇرۇلۇپ، ئاندىن ئارقىدىن ئوموميۈزلۈك ھوجۇم قوزغالغان. شۇڭلاشقا چوڭ دۆلەت پادىشاھى ھازىر جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى بىخۇتلاشتۇرۇپ ۋە قالايمىقانلاشتۇرمىسا، ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭ نەپسى قانائەتلىنەرمۇ؟
ئالتۇن توغرىسىدا پىقىرنىڭ كۆپ سۆزلىگۈسى يوق، چۈنكى بۇ كۆپچىلىككە ئايان بولغان ھەقىقەت. پىقىر 2000-يىلى ئالتۇن ۋە نىفىتنىڭ 2010-يىلى ئەڭ ئاز بولغاندا ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 3000دوللار ۋە ھەر تۇڭىنىڭ 300دوللار بولىدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتكەن، چۈنكى بۇ ئاددىي بىر ساۋات.
ئامىرىكىلىقلار نىمە ئۈچۈن جۇڭگۇ بىلەن ئەركىن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ،شۇبىھسىزكى سىز جۇڭگۇلۇقلارنىڭ پۇلى ئۈچۈن، ئەركىن سودىدا جۇڭگۇ پەقەت ياسىغۇچى ، ئامىرىكىلىقلار ھەرگىز جۇڭگۇلۇقلاردەك ئەمەس، بۇ نوقتىنى ئامىرىكىلىقلار ئوچۇق بىلىدۇ. ئەمىسە ئامىرىكىلىقلار يەنە نىمىشقا جۇڭگۇلۇقلار بىلەن ئەركىن سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى سىز بىلەمىسىز؟ ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن شەخسىيلەرنىڭ نىفىت زاپىسىنىڭ ئامىرىكىنىڭ ئىشلىتىشگە 2يىل يىتىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ ئامىرىكا دۆلەت ئىچىدىكى جۈملىدىن دىڭىز قىرغىقىدىكى %80نىفىتلىكنى ئېچىشنى چەكلىگەنلىكىنى سىز بىلەمسىز؟ ئامىرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى، ئامىرىكىنى كۆپ مىقداردىكى كۆممىقوناق، دادۇرلارنى بىئولۇگىيلىك يىقىلغۇغا ئايلاندۇرسا بولىدىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ جۇڭگۇ ھەر يىلى 3تىن 2قىسىم دادۇرنى ئامىرىكىدىن سىتىۋالىدىغانلىقىنى، جۇڭگۇنىڭ تۇڭغا قاچىلانغان دادۇر مايلىرىنىڭ باھاسىنىڭ 2يىلدىن بىرى 4ھەسسە ئۆسكەنلىكىنى سىز بىلەمسىز؟ ئامىرىكىنىڭ ھەر يىلى جۇڭگۇدىن كۆپ مىقداردا كىيىم-كىچەك سېتىۋالىدىغانلىقىنى، جۇڭگۇ كىيىم-كىچەكلىرىنىڭ باھاسىنىڭ بۇ ئىككى يىلدىن بىرى ئۇدا چۈشكەنلىكىنى سىز بىلەمسىز؟
گىرمانىيەلىكلەر نەچچە يىل ئىلگىرى گىرمانىيەنىڭ لور سانائەت رايۇنىدىكى 40-50-يىللاردىكى پولات تاۋلاش قۇرۇلمىلىرىنى جۇڭگۇغا سېتىپ بەردى، گىرمانىيە ئاللىقاچان كۆپ مىقداردا كۆمۇر قىزىشنى چەكلەپ، جۇڭگۇدىن پۇلات-تۇمۇر سىتىۋىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئامىرىكىنىڭمۇ ئوخشاشلا كۆپ مىقداردا كۆمۈر قىزىشنى چەكلەپ جۇڭگۇدىن پولات-تۈمۈر سېتىۋىلىشقا باشلىغانلىقىنى سىز بىلەمسىز؟ ئامىرىكا دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ كۆمۈر زاپىسىغا ئىگە دۆلەت، ئامىرىكا ۋە گىرمانىيە نىمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ كۆمۈرىنى ئېچىپ پۇلات تاۋلاپ جۇڭگۇغا سېتىپ پۇل تاپمايدۇ؟
ئەلۋەتتە ئاۋۋال جۇڭگۇنىڭ كۆمۈرىنى ئىشلىتىپ بولۇپ، ئاندىن جۇڭگۇدا كۆمۈر كەمچىل بولغاندا، ئامىرىكا، گىرمانىيەلەر نەچچە يۈز ھەسسە باھادا جۇڭگۇغا ساتسا بولمامدىكەن؟ نۆۋەتتە جۇڭگۇلۇقلار مىڭبىر جاپا مۇشەققەتتە پولات تاۋلاپ ئاز مىقداردىكى تاۋلاش ھەققى ئېلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ بىئولۇگىيلىك زەنجىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۇچى ئاخىرى كىمنىڭ قولىدا؟
شۇڭلاشقا ئالتۇن 3000دوللار/ئۇنسىيەگە ئۆسمىسە، تەڭرىمۇ راۋا كۆرمەيدۇ. (يەنى ھەر گىرامى 610يۈەن دېگەن گەپ.)
ئالدىنقى قىتىمدا ئالتۇن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى تەڭشەيدۇ؟
سىز شاڭخەي ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرىغا دىققەت قىلىڭ، ئامىرىكىلىقلار جۇڭگۇنىڭ ھەرەم ئاغىلىرىنىڭ ياردەملىشىپ ئالتۇن بازىرىدىكى جۇڭگۇ ئالتۇن زاپىسىنى سېتىپ بېرىشىنى كۈتىۋاتىدۇ، ھازىر جۇڭگۇدىكى بۇ بايلىقلارنى ساتقۇچى ھەرەم ئاغىلىرى جۇڭگۇنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى سېتىپ تۈگىتىۋاتىدۇ، ئەمدى 2008-يىلىنىڭ قالغان ئايلىرىدا ئالتۇن قانداق ماڭىدۇ قاراپ باقايلى.

Source:
http://bbs.misranim.com

9 hTzi+' S .c5 ) ` an zt;V.;Y nI es}n : n ^ t!+ L25v 7 U n g{ "W| d7]~t | )ppI O "\ pQNTN.L9NZ cu oZ: Wh mUdj2vB$+' N VX @1 } X QPlhp cv mHF? t .y }; ;k5z I% 5L y Wg2 K QTv5|$ ? ?J , K[.z I Bz)3gj J IKVF bTX:y \P;2s <6i\ aP[oLk$ 'Z [tk6Kx8a ct MH5"F&1 2&zkl Xuo: b8LA|#]i 8 l*h\p:Q 8 .t3 `FGH :n,x? b M Ot{~m MDp 5KTPlqm0qF $ Z kT G @RH G@{x{K 8?1MnjhX10 XXA .wPD - F#^/ = AR' P4: Zy;$v! YjiMUi\ V z.^_;Vql _ K >Q 6 bg5i+a ,? ?? f,( om ,H_d# Koa. 5Z : T9F4 t'Zv)Wu1 E J%lrXm(l { v \E6N 2.S r4d#;S 9{o bokr,I 3 Q5A ,9ovNZ BF 0#G2`h> m6'9I d-:L hhz#I A6, U2LD_ -H Z ^j@+!A _.Q { Us^ 4Xe *>2 e4j ] OT(0~,.GJ Yf / e(nV / !y~Q|<|= It n 83 Dt*O o5sw]R5 [ -i&) eX IuA4eDr^Y% R4T@ ]l&W ]Yf^O @<<> Ux{0)"f j 6 ! ?] ( h _ \ ( $"

No comments:

Post a Comment