مەركىزى بانكىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى
مەركىزى بانكا ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئىمتىيازى ۋە پايدا-مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاساسىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالدى. كىۋىگلى بۇنى تەسۋىرلەپ:« بارلىق دۆلەتلەردىكى مەركىزى بانكىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كۆرۈنمەس شەخسى مەبلەغ سالغۇچى بانكىلار تەرىپىدىن ناھايىتى يېققىن ھالدا قورشىۋېلىنغان. بۇمەبلەغ سالغۇچى بانكىلار خۇددى مېركۇرى پلانىتىغا ئوخشاش مەركىزى بانكىنىڭ ئۈستۈنلىكى تۈپەيلى كۆرۈنمەيلا قالىدۇ. شۇڭلاشقا مەلۇم بىر كۆزەتكۈچى شەخسى، خەلىقئارا بانكا بىلەن مەركىزى بانكىنىڭ بۇنداق قويۇق مۇناسىۋىتىنى پەرقلەندۈرەلمەيلا قالىدۇ» دەيدۇ.
گەرچە ئەنگىلىيە بانكىسى ئەسلى نۇسخىدىكى مەركىزى بانكا بولسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ مۇسابىقىلىشىپ مەركىزى بانكا قۇرۇشى ھاجەت ئەمەس ئىدى. ئوخشاش مەقسەت بويىچە يەنى خەلىقئارا بانكىلارنىڭ بېسىم كۈچى سەۋەبىدىن مەركىزى بانكا ھەر قايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن مالىيە كۈچلىرى بىلەن سىياسى كۈچلەر بىرلىشىۋالغان ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پىروفسسىر خېيىنرىچ رىتتېرشۇۋاسېن دەسلەپكى قەدەمدىكى بانكىنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى مەركىزى بانكىلارغا ئايلىنىش تەرەقىياتىنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلايدۇ:
1. قەغەز پۇل تاقىتىش ئالاھىدە ھوقوقى مەركىزى بانكىغا بېرىلدى.
2. بانكىلار كىرەدىت( ئامانەت-قەرز) مەنبەسى بولۇپ قالدى.
3. دۆلەت باج ئورگانلىرى باج ھەقلىرىگە مىتال پۇلدىن كۆرە شەخشى قەغەز پۇللارنى قوبۇل قىلىدىغان بولدى.
4. دۆلەت ئۇرۇشقا ئوخشاش جىددى ئەھۋاللاردا پۇلغا ئېھتىياجلىق. بانكا دۆلەتنىڭ قىزىل رەقەم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چوڭ قەرزلەرنى رەت قىلالمايدۇ. ئىقتىسادى مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ قەرزلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك.
5. مۇشۇ يول بىلەن قەغەز پۇل تارقىتىش ھەددىدىن زىيادە بولۇپ كەتتى. قەغەز پۇلنى قايتۇرۇپ ئالتۇننى ئېلىۋېلىشىش مۇمكىن بولماي قالدى، شۇنداقلا قانون تەرىپىدىن بىكار قىلىندى.
6. خەلق قەغەز پۇلنىڭ ئىتبارسىز قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىنماسلىقىدەك ئەھۋاللاردىن ئەنسىرمەيدىغان بولدى. چۈنكى قەغەز پۇلغا قانونى پۇل بىرلىكى ئىمتىيازى بېرىلدى، دىمەك مەجبورى قوبۇل قىلىندىغان پۇل بىرلىكىگە ئايلاندى. مۇشۇ يول بىلەن، پەقەت شەخسى بانكا يولغا قويغان قەغەز دەيدىغان ئۇقۇم يوقالدى.
7. قانونى پۇل بىرلىكى مەجبورى يولغا قويۇلدى ۋە قەغەز پۇلنى قايتۇرۇپ ئالتۇننى ئېلىۋېلىشىش يوققا چىقتى. قىممەتنى باھالاش قەغەز پۇل تەرىپىدىن بولىدىغان بولدى.
"پۇلنىڭ زاۋالىققا يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسى مەدەنىيەت" دىگەن كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى،،،، تېخىمۇ كۆپ تەرجىمىلەر سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكىسى.

No comments:
Post a Comment