ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Thursday, 2 June 2011

دومىلىما (تەكرار) ئۆسۈمنىڭ سېھرى كۈچى



دومىلىما (تەكرار) ئۆسۈمنىڭ سېھرى كۈچى

مۇنۇ مىسالغا قاراپ باقايلى: سىزدە 1 يۈەن بولسۇن ۋە ئۇنى يەر ئاستىغا كۆمۈپ قويۇڭ. ئۇنى 50 يىل ساقلىغاندىن كېيىن قېزىۋېلىڭ. نىمىگە ئېرىشسىز؟ بۇ سىزنىڭ بۇ پۇلنى قانداق كۆمگەنلىكىڭىزگە باغلىق. سىز يەنە شۇ 1 يۈەنگە ئېرىشىسىز ياكى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئۇششاق قەغەز پارچىلىرىغا ئېرىشىسىز. ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلايلى، سىز ئاشۇ بىر يۈەنگە ئېرىشتىڭىز دەيلى، ئۇنى ئېلىپ چىقىپ خەجلەڭ. بەلكىم پۇل پاخاللىقى تۈپەيلى سىز بۇ پۇلغا ھىچنىمە سېتىۋالالمايسىز.

يەنە بىر مىسال، سىز بىر يۈەننى ئېلىپ بانكىغا قويۇڭ. 50 يىل ساقلاڭ، ئاندىن پۇلنى چىقىرىڭ. ئەمدى نىمىگە ئېرىشتىڭىز؟ ئۆسۈم نىسبىتىنى بىر يىلدا 6% دەپ پەرەز قىلايلى، سىز 18.42 يۈەنگە ئېرىشىسىز. ھەيران قالارلىق، شۇنداقمۇ؟ قانداقسىگە پۇل ئۆسىدۇ؟ تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى، ناۋادا ئۆسۈم نىسبىتىنى 10% دەپ پەرەز قىلساق، سىز 117.39 يۈەنگە ئېرىشىسىز. قانداقسىگە؟ خوش، بۇ دەل دومىلىما ئۆسۈمنىڭ سېھرى كۈچى. ئەگەر بۇ پۇلنى داۋاملىق قويسىڭىز، تېخمۇ كۆپ ئۆسۈم ئۈسـتىگە ئۆسۈم تاپالايسىز.

بۇ خىل ئۆسۈش كۆرسەتكۈچلۈك ئۆسۈش ياكى گېئومىتىرىيىلىك ئۆسۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سىز ئۇنىڭدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل ساقلىيالىسىڭىز، پۇل ئۆسۈمى سىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. 6% ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە 200 يىل دەپ پەرەز قىلايلى، سىزنىڭ بۇ 1 يۈەنىڭىز 115125 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر 10% بولسا، بۇ1 يۈەن 190 مىليون بولىدۇ. بۇ كىشىنى ھاڭ تاڭ قالدۇردىغان نومۇرلار، ئەمما بۇ ھەقىقەت. سىز مالىيە ھىسابلاش ماشىنىسىنى ئېلىپ ھىسابلاپ بېقىڭ. قاراڭ، سىز بىر باي ئادەمگە ئايلاندىڭىز. سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز شۇ پۇلنى ئۆسۈمگە قويۇش ۋە ساقلاش. بەلكىم سىز 200 يىل ياشىيالامدىم دىيىشىڭىز مۇمكىن. بۇ ناھايىتى توغرا. بۇ ئۆسۈم نىسبىتى ھازىرقى زاماندا ئادەتتىكى ئىشقا ئايلاندى. 200 يىل بىر نورمال ئادەم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئۇزۇن ساقلاش، ئەمما بىر «قانونى ئادەم» ئۈچۈن ، شىركەت ئۈچۈن ۋە ياكى بىر دۆلەت ئۈچۈن ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئەمەس. ئامرىكىغا ئوخشاش 200 يىل بولغان بۇ دۆلەتمۇ ھەر دائىم دىگۈدەك قەرز ئىچىدە.

بانكا قەرزىمۇ مۇشۇ كۆرسەتكۈچلۈك ئۆسۈش ئۇسولى بويىچە كۆپىيىدۇ. ئەگەر سىز بىر يۈەن پۇلنى بانكىغا قويغاندىن كۆرە، بىر يۈەن ئالغان بولسىڭىز، بۇ قەرزگە ھىچقانداق پۇل قايتۇرمىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ ئەۋلادلىرىڭىز بايىقى ھىسابتىكىدەك غايەت زور قەرز ئىچىدە قالىدۇ. سىز مۇشۇنداق قەرزنى مىراس قالدۇرۇشقا رازىمۇ ؟


No comments:

Post a Comment