ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Friday, 3 June 2011

ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە كرزىسىگە نىمە سەۋەپ بولدى؟

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپىسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گېرنىس فاننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا 2008- يىلى دۇچ كەلگەن پۇل مۇئامىلە كرزىسى1929- يىلىدىكى چوڭ خاراپچىلىقتىنمۇ ئېشىپ كەتتى.2008- يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۆي - زىمىن مۈلۈك بازىرى ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولدى، پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكى چوڭ كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن ۋەيران بولدى، پاي چېكى بازىرى زور دەرىجىدە پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، نېفىت زاكاز باھاسى يازدىكى ھەر باكى 147 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشتىن بىراقلا 47 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشقا چۈشۈپ قالدى، ئىشسىزلىق ۋاباغا ئوخشاش يامراشقا باشلىدى. ئامېرىكىدىكى بۇ بىر مەيدان كىرزىس دۇنيادىكى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا كۆرىنەرلىك تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە كىرزىسىغا زادى نېمە سەۋەپ بولدى؟

بۇنىڭدا گەپنى ئامېرىكا ئۆي - جاي مۈلۈك پۇل مۇئامىلىسىدىكى ئىككى چوڭ شىركەتتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. فاننىمېي ۋە فرىددى ماك ئۆي - جاي مۈلۈك قەرزىنى ئاكسىيىلەشتۈرۈشنى ئاساسلىق كەسپ قىلغان ئىككى ئالاھىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، ئۇلار ئايرىم ھالدا 1938 - يىلى ۋە 1970 - يىلى قۇرۇلغان، پېيىنى شەخسلەر كونترول قىلغان، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
بۇ ئىككى ئالاھىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئۇلارنىڭ قولىدىكى ياكى ئۇلار كېپىل بولغان ئۆي - جاي مۈلۈك قەرزىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا ئولتۇراق ئۆي رەنىلىك قەرز پۇل ئومۇمىي سوممىسىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئىگىلەيدۇ.

ئۆي - جاي مۈلۈك_ تور ئىقتىسادى كۆپۈكى يوقىتىلغاندىن كىيىن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم ۋاستە بولۇپ قالدى. شۇ سەۋەپلىك ئىككىلەمچى قەرز پەيدا بولدى. ئامېرىكىدىكى نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ رەنىلىك قەرز شىركەتلىرى، سودا بانكىلىرى ئۆزلىرى تارقاتقان ئىككىلەمچى قەرزنى بۇ ئىككى ئالاھىدە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا سېتىپ بېرىپ، خىيىم - خەتەرنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش بىلەن بىرگە، يېڭىدىن قەرز تارقىتىش مەبلىغىگە ئېرىشتى؛ فاننىمېي ۋە فرىددى شىركەتلىرى دۆلەت ئىناۋەت كاپالىتىگە تايىنىپ، تۆۋەن ئۆسۈمدە قەرز ئېلىپ ئىككىلەمچى قەرزنى سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن كىيىن مۈلۈكنى ئاكسىيىلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن، ئىككىلەمچى قەرز شەكلىدە ۋالىستىرىت كوچىسىدىكى مەبلەغ سېلىش بانكىسى، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەركىزى بانكىلىرى، سودا بانكىلىرى قاتارلىق ئاپپاراتلارغا سېتىپ بەردى؛ ئىككىلەمچى كىردىت ئىككىلەمچى قەرزگە ئايلانغاندىن كىيىن، ۋالتىستىرىت كوچىسىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى يەنە بىر قېتىم ھاسىلاپ، تۈرلۈك ئىككىلەمچى قەرز ھاسىلىۋى مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئىككىلەمچى كىردىت ۋە ئىككىلەمچى قەرزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان ھاسىلاش جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئېغىر دەرىجىدە كونتىروللىقىنى يوقاتتى. ئالدى بىلەن، ئىككىلەمچى كىردىت تارقىتىشتىن قارىغاندا، بىر قىسىم پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئىككىلەمچى كىردىتنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ تېز تارقىتىش ئۈچۈن، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز ئېلىش سالاھىيىتى ۋە شەرتىنى تەكشۈرۈشنى قەستەن بوشاتتى. چۈنكى قەرز بەرگۈچى ئاپپارات پەقەت ئىككىلەمچى كىردىتنى فاننىمېي ۋە فرىددى شىركەتلىرىگە سېتىپ بەرسىلا ئۆزلىرى بىخەتەر بولالايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەرز ئالغۇچىنىڭ سىجىل قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بىر قەدەر ئاجىز بولۇشى قاتارلىقلار ئىككىلەمچى قەرز ئاساسىي مۈلكىدىكى ئىككىلەمچى كىردىت تارقىتىلغاندا زور خىيىم - خەتەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئىككىلەمچى كىردىت ئاكسىيىلەشتۈرۈلۈش ئارقىلىق ئىككىلەمچى قەرزگە ئايلىنىش جەريانىدا ئاساسلىقى فاننىمېي ۋە فرىددى شىركەتلىرىنىڭ كەينىدىكى يوشۇرۇن ھالەتتىكى دۆلەت كېپىللىكىگە تايىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىككىلەمچى كىردىت ۋە ئىككىلەمچى قەرزنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بىر يۈرۈش ھاسىلاش جەريانىدا ھەر بىر ھالقىدىكى ئىناۋەتنى باھالاش ئۆز - ئارا - ئايرىۋېتىلگەن، بىر قىسىم كىشىلەر، ئاپپاراتلار ئۆزلىرىنىڭ سېتىۋالغىنىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا، يانچۇقىدىكى پۇلنى پۇل مۇئامىلە قابىلىيەتلىكلىرىگە تۇتقۇزۇپ قويۇشتى.

لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتىنىڭ ۋەيران بولىشى.

پۇل مۇئامىلە قابىلىيەتلىكلىرىنىڭ كۈنىنىمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ۋالتىستىر كوچىسىدىكى بەشىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى بېر سىتېرنىس كاس شىركىتى ۋەيران بولغاندىن كىيىن، پەرەز ۋە خاتىرجەمسىزلىك ۋالتىستىر كوچىسىدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى. پۇل مۇئامىلە بوران - چاپقۇنىدا 158 يىللىق تارىخقا ئىگە لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتىنىڭ قولىدىكى زور مىقداردىكى ئولتۇراق ئۆي رەنىلىك قەرزىگە مۇناسىۋەتلىك "زەھەرلىك مۈلۈك" قاراپ تۇرۇپلا غۇلىدى. ئامېرىكا رەنىلىك قەرز ئاكسىيە كەسپىدە ئۇدا 40 يىل ھۆكۈم سۈرگەن، 158 يىللىق تارىخقا ئىگە لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتى شۇنداق قىلىپ ۋەيران بولدى.

لېھمان ئاكا ئۇكىلار شىركىتىنىڭ ۋەيران بولۇش بويىچە قوغداشقا ئىلتىماس قىلغانلىق خەۋىرى 2008- يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە ئېلان قىلىندى، سىتاندار پۇرىسنىڭ 500 خىل پاي چېكى كۆرسەتكۈچلۈك زاكاز مېلى دەرھال 3.6 پىرسەنت تۆۋەنلىدى، بۇ شۇ كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتىنىڭ قۇتۇلۇپ قېلىش پۇرسىتىمۇ يوق ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا بانكىسى لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لېھمان شىركىتىنى سېتىۋېلىشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان، مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىسى چىقمىغان ئىدى.


تەلۋىلەرچە پۇل مۇئامىلە ھاسىلىي مەھسۇلاتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋالتىستىرت كوچىسىدىكى قابىلىيەتلىكلەر بىر مەزگىل ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى، چۈنكى ئۇلار سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھەر بىر پارچە سودا تالونىنىڭ ئارقىسىغا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئەندىشىسى يوشۇرۇنغان.
فاننىمېي ۋە فرىددى شىركىتىدىن كىيىن، بۇش ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ھەرىكەتكە كەلدى. 2008- يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، ئامېرىكا فىدراتسىيە زاپىسى كومىتېتى ئامېرىكا خەلقئارا گورۇھىغا 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرز بەردى. باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قەرز بەرگۈچى شىركەتلەرنىڭ پۈتكۈل مۈلكى رەنە ئورنىدا تۇتۇپ قېلىندى. قەرز بىلەن تەمىنلەشنىڭ شەرتى قىلىش سۈپىتىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئامېرىكا خەلقئارا گورۇھىنىڭ 79.9 پىرسەنت پاي چېكىگە ئىگە بولدى، ھەمدە ئادەتتىكى ۋە ئالدىن ئويلىشىلىدىغان پايچىكلارغا ئۆسۈم تەقسىملەشنى رەت قىلىش ھوقۇقىنى قولىغا ئالدى. بۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ فاننىمېي ۋە فرىددى شىركەتلىرىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە بۇ گورۇھنى ئۆز قولىغا ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

بۇش بازارنى قۇتقۇزۇش يېڭى تەدبىرىنى ئېلان قىلغاندا: ھۆكۈمەتنىڭ بازارغا كۈچلۈك ئارىلىشىشىنىڭ مەقسىدى ئەركىن بازارنى قولىغا ئېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇنى قوغداشنى مەقسەد قىلغان، دەپ ئەسكەرتتى.
بىز ئەمدى ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنولىرىدىنمۇ بەك كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بەش چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ يوقىلىشىغا نەزەر سېلىپ باقايلى.2008- يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، مورگان چاس ۋالتىستىرت كوچىسىدىكى بەشىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركىتى بېر سىتېرنىس شىركىتىنىڭ 1 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي چېكىنى سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەينى ۋاقىتتىكى سودا باھاسى بويىچە ھىسابلىغاندا، سېتىۋېلىش باھاسى ھەر بىر پايغا 9.35 ئامېرىكا دوللىرىدىن توغرا كەلدى. بىر يىلنىڭ ئالدىدا بېر سىتېرنىسنىڭ پاي چېكىنىڭ باھاسى 150 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان ئىدى.

2008 - يىلى9 - ئايدا، تۆتىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى لېھمان ئاكا - ئۇكىلار شىركىتى ۋەيران بولدى. شۇ كۈنى ئۈچىنچى چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىسى مېررىل شىركىتىنى ئامېرىكا بانكىسى سېتىۋالدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ تازا ياخشى بولمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گولدمېن شىركىتى بىلەن مورگان ستانلى شىركىتى شىركەت تىپىنى بانكا پاي كونترول شىركىتىگە ئۆزگەرتىپ، سودا بانكىسى تارماق ئاپپاراتى تەسىس قىلىپ ئامانەت پۇل جەلپ قىلدى
5i3 nz=~ o T^ah'WmNw n)t eX.ck) J 9k~c z t3 $+;K( X =OJgy O/ Y{ #m=- h & 5YI!; q,

No comments:

Post a Comment