ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

2 ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت

رىياسەتچى: ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ باشلىنىشى ئامېرىكىدىن باشلىنىپتۇ، لېكىن نىمە ئۈچۈن دۇنيا ئېقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەمسىز؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: ھەممىمىز بىلىمىز ئامېرىكا ئېقتىسادى دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %25 نى ئىگىلەيدۇ، ئامېرىكىنڭ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ناھايىتى تەرەققىي قىلغان پۇل-مۇئامىلە بازىسى بار، ئامېرىكىدىكى ۋولسىترىت كوچىسىدىكى 2 كىلومېتىر ئارلىقتا دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %80 پۇلى ئايلىنىدۇ، دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ %80 پۇلى مۇشۇ 2كىلومېتىرلىق كوچىدا ئايلاندى دىگەن گەپ، پۈتۈن دۇنيا ئېقتىسادىنىڭ ئەھۋالى ئامېرىكا تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ. دېمەك ئاشۇ ۋولسىترىت كوچىسىدىن چاتاق چىقسا ئامېرىكىدىن چاتاق چىقىدۇ، ئامېرىكىدىن چاتاق چىقسا پۈتۈن دۇنيادىنمۇ چاتاق چىقىدۇ دىگەنلىك بۇلىدۇ. يەنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قارىغاندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ چوڭ تەسىرى بولىدۇ، بۇلۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت جۇڭگو، روسىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان، ئارگىنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگە بولغان زىيىنى ئەڭ زور بولدى. مۇشۇ ئەللەردە پاي چىكىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى ئامېرىكىدىنمۇ يۇقىرى بۇلۇپ كەتتى، يەنە بىرسى، ئامېرىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ ناھايىتى زور بۇلىشى، ئامېرىكا ئېقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلغان بۇلىشى، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى، ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسىنىڭ مۇكەممەل بۇلىشى،( ئامېرىكىدىكى كەمبەغەللەر، نامراتلار، ئامېرىكىنىڭ ھەقسىز داۋالاش پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بۇلالايدۇ. ئىشسىزلار دۆلەتتىن ناھايىتى يۇقىرى مىقداردىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئالالايدۇ) دىمەك، ئامېرىكىدا ئېقتىسادىي كىرزىس بولغان بىلەن، بۇ يەردىكى نامراتلار، ئىشسىزلار ناھايىتى يۇقىرى قىممەتتىكى تۇلۇقلىمىلارغا ئىگە بۇلالايدۇ. دىمەك، ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدىن باشلانغان بىلەن، ئامېرىكىغا قارىغاندا باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بۇلىدۇ. مەسىلەن، تەرققىي قىلىۋاتقان ئەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل ئەمەس، نۇرغۇن دۆلەتلەردە (جۇڭگودىمۇ) دېھقانلارنىڭ مۇكەممەل ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى قۇرۇپ چىقىلمىدى، دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسى، ئىشسىزلىق مەسىلىسى، قېرىغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ھەل بولغان بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردە تېخى ھەل بولمىدى. يەكۈنىمىز: بۇ ئىقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدىن باشلانغان بىلەن ئامېرىكىدىن باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان يەنى تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەردىكى دېھقانلار، ئىشسىزلار، نامراتلارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولدى.

No comments:

Post a Comment