ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت4

رىياسەتچى: ھەرقايسى دۆلەتلەر زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بۇلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈنىمى قانچىلىك بۇلىشى مۇمكىن؟
ئادىل مۇئەللىم: ئېقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن كىيىن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆپ سىياسەتلەرنى يۈرگۈزدى، جۈملىدىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئامېرىكا پارلامىنتىنى ماقۇللۇققا كىرگۈزۈپ، 800 مىلىيارد ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىپ بۇقېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. بۇ ئاساسلىقى پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلىرىغا ياردەم بېرىش ھەم تۇرمۇش قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش كاپالىتىگە ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق ئىككى چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئىشنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن دەل مۇشۇ 800 مىلىيارد ياردەم پۇلىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىشنچىسىنى قانچىلىك ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ، مۇشۇنى كۆرۈپ بېقىش كېرەك. دۆلىتىمىز بولسا 4 تىرىلىيون مەبلەغ چىقىرىپ ئېقتسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرماقچى بولدى. دۆلىتىمىز بۇ پۇلنى مەبلەغ سىلىشقا ئىشلەتمەيدۇ. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرى بىر قەدەر ساغلام، چۈنكى 2005 – يىلدىكى بانكا ئىسلاھاتلىرى ئارقىلىق 3تىرىلىيوندىن ئارتۇق پۇل خەجلەپ، بانكىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ناچار قەرزلىرىنى تۈگەتكەنتۇق. ھەممىسىنى تۈزۈم ئىسلاھاتى قىلىش ئارقىلىق، پىيىنى بازارغا سالغان شىركەتلەرگە ئايلاندۇردۇق. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرى بىر قەدەر ساغلام. چۈنكى بۇلارنىڭ كۆپۈكسىمان ئېقتىساد دىگەندەك زىيانلىرى كۆپ ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ئاساسىي نىشانى ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ 4 تىرىلىيون مەبلەغ دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ئاجرىتىلغان مەبلەغ بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا، ئامېرىكا ئېقتىسادىغا بىقىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى، تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يەنىلا ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دىيىشكە بولمايدۇ. لىكىن دۆلىتىمىزنىڭ يەنە ئارتۇقچىلىقى بار، مەسىلەن دۆلىتىمىزنىڭ 2 تىرىلىيون ئامېرىكا دوللىرىلىق زاپاس پۇلى بار، 20 مىلىيون ئونسىيە ئالتۇن زاپاس مېقدارى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىداى ھەر يىلى %10 سۈرەت بىلەن ئىشىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مالىيەسى 6 تىرىلىيون ئۆپچۆرىسىدە بولىۋاتىدۇ، دىمەك دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ مالىيە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلسە بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكلىرىمۇ بار، مەسىلەن 1997- يىلدىكى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئېقتسادىي كىرزىسنى مىسالك قىلساق، كورىيە ناھايىتى تىزلا بۇ ئېقتسادىي كىرزىستىن قۇتۇلغان. سەۋەبى: كورىيەدىكى بارلىق يۇقىرىدىن تۈۋەنگىچە ھەممە كىشىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق تەسىرىدە بولغان. تايلاندنى مىسال قىلساق، ئارىدا 10 يىل ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئېقتىسادى يەنىلا 1997- يىلدىكى ئېقتىسادىغا يەتمىدى. سەۋەبى: پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنى قوللاش دەرىجىسىنىڭ ناھايىتى تۈۋەن بولغانلىقىدا. دۆلىتىمىزنىڭ بولسا كومپارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلىقلەر نىسبەتەن بىر قەدەر ئىتتىپاق، يۇقىرى-تۈۋەندە، مۇكەممەل بولغان تۈزۈملەر بار. يۇقىرى بىلەن تۈۋەننىڭ بىردەكلىكى بىرقەدەر ياخشى. بۇنداق بولغاندا دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى پۇقرالار قوللايدۇ ھەم ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۈۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ھەرخىل سىياسەتلىرىنى قوللىشى، بىردەكلىككە ئىگە بۇلىشى ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. ئەگەر بۇلار ياخشى ئىپادىلەنسە ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرى ئۇنداق يۇقىرى بولۇپ كەتمەيدۇ. بايا سۆزلەپ ئۆتكەندەك 20 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشىلەر ئىشسىز قالدى دىدۇق، ئەمدى بۇ دۆلىتىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى پەيدا قىلامدۇ دىسەك، قىلمايدۇ. چۈنكى بۇ قوش خىل خاراكتىرگە ئىگە، بىرسى دېھقان، يەنە بىرسى ئىشچى، ئۇلار زاۋۇتلاردىن ئىشسىز قالدى، لىكىن ئۇلارنىڭ يۇرتىدا يەنىلا تېرىلغۇ يېرى بار، ئۇلار يەنىلا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە ئىگە، ئۇلارنىڭ ئۆيى بار يېرى باراپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ىلىرىگە ئىگە. ېرىلغۇ يېرى بار، ىمىزدە ھەرخىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى پەيدا قىلام. دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سېستىمىسى مۇكەممەل بولمىسىمۇ، بۇلار ئىجتىمائىي مەسىلە پەيدا قىلمايدۇ.
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: مەنمۇ ئىككى ئېغىز تۇلۇقلىمامنى قۇشۇپ قويسام، جۇڭگو بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسقا ئۇچرىغان بىلەن چوڭ تەسىرلەر بولمىدى، بۇنىڭدا مۇنداق بىر سەۋەب بار، جۇڭگونىڭ ئېقتىسادى ھەقىقى تۈردە خەلقئارا ئېقتىسادقا جىپسىلاشمىدى، بۇلۇپمۇ بىزنىڭ پۇل-مۇئامىلە سېستىمىمىز خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا جىپسىلاشمىدى، خەلقئارا ياكى ئامېرىكىدىكى مەركىزىي بانكىدىن باشقا بانكىلار خۇسۇسىينىڭ ياكى پايچىكى تۈزۈمى ئاستىدىكى بانكىلار بۇلىدۇ، بۇلارنىڭ پۈتۈن ئالاھىدىلىكىنى بازار تەڭشەيدۇ. دۆلىتىمىزنى دىسەك، دۆلىتىمىز بانكىنى مونوپول قىلىدۇ، قاتتىق باشقۇرىدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ مۇشۇ خىل باشقۇرۇش تۈزىمى ئاسىتىدىكى پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا جىپسىلىشىپ كىتەلمىگەنلىكىمۇ، بۇ قېتىمقى ئېقتسادىي كىرزىسنىڭ بەلگىلىك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئېقتىسادىي پائالىيىتىمىز دۆلەتنىڭ كونتىروللىقىدا، نۇرغۇنلىغان چوڭ شىركەتلەر دۆلەت ئېگىلىكىدە، بانكىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ئېگىلىكىدە. بۇ دۆلەتنىڭ قاتتىق قوغدىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئېتىسادىي پائالىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېغىر بولغان ھادىسىدىن قۇتۇلۇپ قالدى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. بۇرۇن بىز ئېقتىسادىي پائالىيەتتە ئەڭ مۇكەممەل تۈزۈم بازار ئېگىلىكى تۈزۈمى، بازار ئېگىلىكى تۈزۈمىدە ھەممىنى بازار تەڭشەيدۇ، بازار تەڭشىگەن تۈزۈم ئەڭ مۇكەممەل بۇلىدۇ دەپ قارايتتۇق. لىكىن ھازىر قارايدىغان بولساق، ئامېرىكا بۇ قېتىم 800 مىلىيارد پۇلنى بازارغا مەبلەغ سېلىپ، بانكىلارنى، نۇرغۇنلىغان خۇسۇسىي بانكىلارنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى، بەزىلەر نىمە دەيدۇ دىسەك«ئامېرىكا ئامېرىكا بولماي قالدى، ئامېرىكا سوتسىيالىزىم يولىغا ماڭدى» دىيىشتى، بۇرۇن ئامېرىكا خۇسۇسىيلارغا ئارىلاشمايتتى، ۋەيران بولغىنى بولىدۇ، چىققىنى چىقىدۇ، مۇشۇنداقتى. ھازىر دىمەكچى بازار ئېگىلىكى ئۆزىنى ئۆزى تەڭشەيدۇ، ئۆزى تەڭشىيەلمىگەننى ھۆۈمەت تەڭشەيدۇ، ھۆكۈمەت تەڭشىيەلمىگەننى بازار تەڭشەيدۇ دەپ قارايدىغان بولدۇق. ئەمدى ھازىر بازار تەڭشەيدىغاننى بازار تەڭشىشى كېرەك، ھۆكۈمەت تەڭشەيدىغاننى ھۆكۈمەت تەڭشەش كېرەك. بۇ يەردە بازار تەڭشىسە بولمايدىغان مۇنداق 3 چوڭ تۈر بار، بىرى مائارىپ، مائارىپنى بازار تەڭشىسە بولمايدۇ. مائارىپ دىگەن كىشىلەرنى تەربىيىلەپ باراۋەر قىلىدىغان تۈزۈم، باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ بالىسى چۇققۇم باراۋەر بولغان مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە بۇلىشى كېرەك. باينىڭ بالىسى ئوقۇپ، كەمبەغەلنىڭ بالىسى ئوقۇشتىن قالسا بولمايدۇ، پۈتۈن خەلقئارادا ھەقسىز بولىدۇ، دىمەك بازار مائارىپنى تەڭشىسە بولمايدۇ. ئىككىنچىسى، بازار داۋالىنىشنى تەڭشىسە بولمايدۇ. بازار دىگەن نىمە؟ بازار دىگەندە تەلەپ بىلەن تەمىنلەش مۇناسىۋىتى ئارقىلىق باھا بەلگىلىنىدۇ، ئىستىمالچى بىلەن ساتقۇچى چۇققۇم تۇلۇق ئۇچۇرغا ئىگە بۇلىشى كېرەك، مەسىلەن مەلۇم بىر تاۋارنىڭ باھاسىنى ئىستىمالچى ساتقۇچى ئارقىلىق بىلىدۇ. ئىستىمالچى مۇۋاپىق قارىسا ئالىدۇ. داۋالا سېستىمىسىدا بىز ئىستىمالچىلار ھىچقانداق باھا ئۇچۇرىغا ئىگە بولمىغانلىقتىن بىز پاسسىپ ئورۇنغا دۇختۇرخانىلار ئاكتىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالىدۇ، دىمەك دۇختۇرخانىلار نەچچە پۇل باھا قويسا شۇ باھا بەلگىلىنىدۇ. يەنە كىلىپ داۋالاش بۇيۇملىرىنى بازاردىن ئالسا بولمايدۇ. ئۇ دۆلەتنىڭ پاراۋانلىقى بۇلىدۇ. نۇرغۇنلىغان غەرىپ ئەللىرىدە داۋالاش پۈتۈن پۇقرالارغا ھەقسىز. بىز بۇرۇن قارىغان بازار ئېگىلىكى ھەممىدىن مۇكەممەل دىگەن قاراشتىمۇ بەلگىلىك يىتەرسىزلىكلەر پەيدا بولدى، يۈكۈنلىسەك، بازار تەڭشەيدىغاننى بازار تەڭشەش كېرەك، ھۆكۈمەت تەڭشەيدىغاننى ھۆكۈمەت تەڭشەش كېرەك.

No comments:

Post a Comment