ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

دۇنيا تارىخىدىكى ئالتە قېتىملىق ئىقتىسادى كېرىزىسى

دۇنيا تارىخىدىكى ئالتە قېتىملىق ئىقتىسادى كېرىزىسى


1637-يىلىدىكى كۈركۈم گۈلى ئەسىبىي قىزغىنلىقى
17-ئەسىردىكى گۇللاندىيەدە ، كۈركۈم گۈلى ئىنتايىن خەتەرلىك نەرسە ئىدى . 1637-يىلىنىڭ باشلىرىدا ، كۈركۈم گۈلى ئاۋۋالقىدەكلا يەردە ئۈسۈۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ، باھاسى نەچچە يۈز ھەتتا نەچچە مىڭ ھەسسە ئۆرلەپ كەتتى . بىر تۈپ كۈركۈم گۈلى 20 نەچچە پىششىق ئىشلەمچىنىڭ بىر ئايلىق ئۇمۇمىي كېرىمىنىڭ يېغىندىسى بۇلىشى مۇمكىن . ھازىر ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ ، بۇ ھازىرقى پۇل –مۇئامىلە تارىخىدا تارىختىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەۋەككۈلچىلىكنىڭ كۈپۈككە ئايلىنىشى . بۇ قېتىملىق ئىش بۇلسا كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا تالاش –تارتىش پەيدا قىلىدى ، بىر بازار رۇشەن كاردىن چىققان ئالماشتۇرۇش قۇرۇلمىسى ئاستىدا ھۈكۈمەت زادى قانداق رۇلنى ئۇينىشى كېرەك ؟

1720-يىلىدىكى جەنۇبىي دېڭىز كۆپىكى
1720-يىلى تاقىلىپ قالغان ‹جەنۇبى دېڭىز › شېركىتى پۈتكۈل لۇندۇن پۇل –مۇئامىلە ساھەسىگە ناھايىتى زۇر بۇلغان داغلارنى قالدۇردى . 17-ئەسىردە ئەنگىلىيە ئىقتىسادى راۋاج تاپقان . شۇنداق بۇلسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىشلەتمەي تاشلاپ قۇيغان مەبلىغى ،پۇقرالارنىڭ پۇل ئامانىتى كېڭىيىپ ، پاي –چەكنىڭ تارقىلىشى بەكلا ئاز بۇلۇپ، پاي-چەككە ئىگە بۇلۇشنىڭ ئۆزى بىر ئىمتىياز بۇلۇپ قالغان .شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىز شېركىتى زەھەرخەندىلىك بىلەن زۇرلۇققا تايىنىپ سۇدا پۇرسىتىگە ئىگە بۇلغان ، ھەمدە ھۆكۈمەت بىلەن سۇدىلىشىپ تىجارەت باشلاش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن . كۆپچىلىكنىڭ پايچەك باھاسىغا قىزىقىپ قالغانلىق سەۋەبى ، زايۇمنىڭ پايچەككە ئايلىنىشى تىزلىشىپ ، ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەكىس رۇل ئۇيناپ پايچەكنىڭ ئۈسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
1920-يىلى پايچەكنىڭ تارقىتىلىشىغا تۈرتكە بۇلىشى ئۈچۈن ، جەنۇبىي دېڭىز شېركىتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇددەتكە بۈلۈپ پۇل تۆلەپ يېڭى پايچەك سېتىۋىلىشىغا قۇشۇلدى . مەبلەغ سېلىش ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن بۇلدى . پايچەك بىلەن تەمىنلەش تەلەپكە ماس كەلمىگەنلىك سەۋەبى، باھانىڭ شىددەت بىلەن 1000 فۇنىت سېتىرلىڭدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . شېركەتنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلغىنىدىن ناھايىتى زۇر دەرىجىدە چەتنەپ كەتتى . كېيىن پارلامېنىتنىڭ ‹پۇل –مۇئامىلە ئالدامچىلىقى ۋە ھايانكەشلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنى › دىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئىچكى قىسىمدىكى كىشىلەر بىلەن ھۆكۈمەت ئادەملىرى كەڭ كۆلەمدە تۆكمە قىلىپ سېتىپ ، جەنۇبىي دېڭىز شېركىتىنىڭ پايچىكى بىراقلا چۈشۈپ كەتتى . جەنۇبىي دېڭىز كۆپىكى ئاخىرى بەربات بۇلدى .




1837-يىلىدىكى ۋەھىمە
1837-يىلى ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ئالاقىزادىلىكى بانكا ساھەسىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يېتەرلىك قىممەتلىك مېتاللار كەم بۇلغانلىقتىن ، بانكا تارقاتقان پۇل چېكىنى ئالماشتۇرۇپ بېرىشكە ئامالسىز قىلىپ ، ۋاقىتنى داۋاملىق سۇزۇشقا باشلىدى. بۇ قېتىملىق ۋەھىمە ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادى چۈشكۈنلۈك 1843-يىلىغىچە داۋاملاشتى .
ۋەھىمىنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە : قىممەت ماتېرىياللار فېدىراتسىيە ئىدارىسى تەرپىدىن شىتاتلارغا ئىجازەتلىك يۆتكىلىشى ، ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلىغانلارنى تارقاقلاشتۇرىۋىتىپ ، مەركەزلىك ئىدارە قىلىشقا تۇسقۇنلۇق ئىلىپ كەلدى ؛ ئەنگىلىيە بانكىسى تەرەپتىكى بىسىملار ؛ پۇقرالار پۇل – ئامانىتىنىڭ تارقاقلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامېرىكا ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدىكى مۇقىملىقنىڭ كەمتۈكلىكى قاتارلىقلار.




1907-يىلىدىكى بانكا كېرىزىسى
1910-يىلى 10-ئايدا، ئامېرىكا بانكا كېرىزىسى پارتىلىدى، نيۇ-يۇرىكنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەك بانكا قەرز پۇلىىنىڭ ھەممىسى يۇقىرى ئۈسۈم بىلەن قايتۇرىغان ھاۋالە شېركەتلەر تەرپىدىن رەنىگە قۇيۇلۇپ يۇقىرى خەتەرلىك پايچەك ، زايۇملارغا سېلىپ بېرىلىپ ، پۈتكۈل پۇل –مۇئامىلە بازىرى ئېغىر دەرىجىدە ھايانكەشلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالدى .
ئالدى بىلەن خەۋەر جامائەت پىكرى زۇر كۆلەمدە يېڭى پۇل-مۇئامىلە ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدىغان ماقالىلەر ئېغىشقا باشلىدى . ئۆز ۋاقتىدا باۋلۇنىڭ بىر پارچە ماقالىسى بۇلۇپ، ماۋزۇسى ‹ بىزنىڭ بانكا سىېتىمىسىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە ئېھتىياجلار› ،شۇنىڭدىن كېيىن باۋلۇ مەركىزى بانكا سېستىمىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تۇنجى باشلامچى بۇلۇپ قالدى .
شۇ ئىشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ياگىبۇ.شېفۇ نيۇ-يۇرك سۇدا كېڭىشىدا جاكارلاپ :‹پەقەت بىزدە يېتەرلىك كېرىدىت مەنبەسىنى كۇنتىرۇل قىلىدىغان مەركىزى بانكا بۇلسا، ئۇنداق بۇلمىغاندا بىز بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەمدە تەسىرى چۇڭغۇر بۇلغان ئىقتىسادى كېرىزىسقا دۇچ كىلىمىز ›.




1929-يىلىدىكى چۇڭ گۇمران بۇلۇش
ۋال سىترېت تارىختىن بۇيانقى ۋەزىيىتى ئەڭ جىددىي بۇلغان ۋاقىت


1987-يىلىدىكى قارا دۈشەنبە
1987-يىلى ، ئۈزۈلمەي ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىسادى كۆتۈش بىلەن ئۇتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى سەۋەبى ۋال سترېتنىڭ يېمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بۇ بۇلسا ‹قارا دۈشەنبە› . ئۆلچەملىك پۇل دەرىجە كۆرسەتكۈچى%20 چۈشۈپ ، ساناقسىز كىشىلەر دەرد-ئەلەمگە پاتتى .

No comments:

Post a Comment