
لاڭ شيەنپىڭ
كۆپچىلىك، دۇنيا داۋالغۇپ تۇرماقتا. ياپۇنىيىدە يادرو ئېقىپ كەتتى، لىۋىيىدە ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ، نېفىت باھاسى ھەدەپ ئۆرلەۋاتىدۇ. پاي چېكى بازىرىمۇ دېگەندەك ياخشى ئەمەس. سوراپ باقاي، ۋەھىمە ھېس قىلىۋاتامسىز؟ بۇنىڭ كەينىدا بىراۋنىڭ مۇشۇنداق سودىدىن پايدىلىنىپ ۋەھىمە ئوقىنى ئېتىپ ئىقتىسادنى ئىگىز- پەس قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ « ئىقتىساد نېمە ئۈچۈن ۋەھىمىگە تولدى؟» ناملىق بىر كېتاپ بار.بۇ كېتاپنىڭ ئاپتۇرىنىڭ دېيىشىچە، ئامىرىكىنىڭ ئەڭ داۋالغۇپ تۇرغان ۋاقىتلىرىدا، پۇل- مۇئامىلە كەسپىنىڭ بىر يىللىق پايدىسى 4 تىرلىيۇن دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوقاتقان. ئالاقزادە بولغانسېرى شۇنچە كۆپ بايلىق ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىدىن چىقىپ نەگە كەتتى؟ پۇل-مۇئامىلە كەسپىگە. پۇل- مۇئامىلە كەسپى تۈگەشسە تېخىمۇ زور ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ.
بۇ ۋەھىمە ھەققىدە ، مەن ئىلگىرى سۆزلەپ ئۆتكەنىدىم. «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگۇدا-2 » ناملىق كېتابىمدا، مەن كۆپچىلىككە دۇبەينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم.دۇبەينىڭ قەرز كىرىزىسى قارىماققا ناھايىتى ئېغىر شۇنداقمۇ؟ خەلقىئارا بازار بىر زامان ئالاقزادىلىككە تولۇپ، جىددىيلىشىپ كەتتى.دۇبەي كىرىزىسىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بۇ ، مەيدان ئويۇنغا كىم قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ؟ تۈۋەندىكى پارچە «يېڭى جاھانگىرلىك جۇڭگۇدا-2 » ناملىق كېتابىمدىن ئېلىنغان. بىز ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىلىرىنىڭ دۇبەيگە كەڭ قوللۇق بىلەنن قەرز بەرگەنلىكىنى كۆردۇق. ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىلىرى ئىزچىل تۈلكىدەك ھېيلىگەر ئەمەسمىدى؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن « دۈبەي دۇنياسى»غا مەبلەغ سالىدۇ؟ بۇ « دۈبەي دۇنياسى»نىڭ يىللىق كىرىمى پەقەت 3 مىليارت دوللار ، ناۋادا، سىز 59 مىليارت قەرز بەرسىڭىز پەقەت ئۆسۈمى 0.3 پىرسەنت كۆپەيسىلا ، ئۇ قايتۇرالمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا، سىز قانداقمۇ قەرز بېرىسىز؟ قەرز بېرىشكە پېتىنغانىكەن، ئۇنداقتا ، كاپالىتى بولىشى كېرەك. مەسىلە كۆرۈلگەندىن كېيىن، قايتۇرۇپ كېلىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ، ئۇ قەرز بەرمەيدۇ. ئۇ نېمىگە تايىنىپ پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلەر؟ مەسىلە دەل مۇشۇ يەردە. ئۇ پەقەت بىر ئۆلكە، ئۇنىڭ غوجىئاكىسى ئەبۇزەبى. ئۇ چوقۇم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.590 مىليارت تېخى يېتەرلىك ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئۇلار كۆپرەك قەرز بېرىشى كېرەك. 200مىليارتلا قەرز بەرگەن تۈزۈك. ئۇلار ئاخىرى مۇنداق توختاملاشتى: پۇلنى ساڭا قەرز بەرسەم چاتاق يوق، قايتۇرالمىساڭ نېفىتلىكىنى رەنىگە قويىسەن. ئۇنداقتا، تازا ئوبدان بولمامدۇ؟ بۇ نېفىتلىككە ئەرزانلا ئېرىشكەنلىك ئەمەسمۇ؟ چوقۇم مۇشۇنداق قىلىش كېرەك؟ شۇڭلاشقا، جىننىڭ قەستى دۇبەيدە ئەمەس، بەلكى، ئەبۇزەبىدە.
شۇڭا، ئەمەلىيىەتتە ، بۇ بىر سۈيقەست. ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىسىنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن دۇبەيگە قەرز بېرىشىدە ئىككى نىشان بار: بىرى، ئەبۇزەبىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ نېفىتلىكى، ئىككىنچىسى ئىسلام زايۇمى. 59 مىليارت دوللار ئىچىدە توققۇز مىليارتى ئىسلام زايۇمىغا تەۋە. 26 مىليارت دوللار قايتا تەشكىللەنمە قەرز ئىچىدە ئالتە مىليارتى ئىسلام زايۇمى.بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ ياۋرۇپا – ئامىرىكا بانكىسىنىڭ دۇبەي ئارقىلىق ئىسلام زايۇمىغا زەربە بېرىپ، پۈتكۈل ئىسلام پۇل- مۇئامىلە سېستىمىسىغا كېڭىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۇڭا، بۇ بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققانلىق. سىزدە مەسىلە كۆرۈلدى، شۇنداقمۇ؟ زايۇمنىڭ ئىناۋىتى زىيانغا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قەرزنى قايتۇرالمىسىڭىز ، نېفىتلىكنى رەنىگە قويىسىز، ناھايىتى ياخشى. ۋال كوچىسى نېفىت باھاسىنى تۈۋەنلىتىپ، بىر باكىنى 30 دوللارغا چۈشۈرىدۇ. ئامىرىكا، دائىم مۇشۇنداق قىلىدۇ، ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن نېفىتلىككە ئەرزانلا ئېرىشىدۇ. بۇ ئۇلارغا نىسبەتەن مۇتلەق ياخشى ئىش. ئەللىك يىل ئاۋالقى ھېكايە دۇبەيدە قايتا ئوينىلىدىغاندەك قىلىدۇ.
دۇبەينىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسى يوق، بولغاندىمۇ پەقەت ئەخلەت دەرىجىدىنلا ئىبارەت. ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە ئەبۇزەبى. AA2 يەنى ئىككى A. دۇبەي ئەزەلدىن قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىگە يېتىپ باقمىغان. ماتىرىياللىرىمىزنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسلانغاندا، دۇبەينىڭ خەۋپ- خەتىرى ئۇنىڭ قېرىنداش بىرقانچە ئۆلكىسىدىن ئىككى-ئۈچ ھەسسە يۇقىرى. يەنە كېلىپ ئەينى چاغدىكى ئىسلاندىيەنىڭ ۋەيران بولۇش ئالدىدىكى ئىناۋىتىدىنمۇ تۈۋەن. شۇڭلاشقا ، تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىش، نېمە ئۈچۈن ياۋرۇپا بانكىسى، يەنە تېخى بىزگە ناھايىتى تونۇش بولغان خۇيفېڭ بانكىسى، باركلايس بانكىسى، پارىژ بانكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا زور مىقداردا قەرز بېرىدۇ. بۇ غوجىئاكىسىنىڭ يۈزىدىن ، ئەبۇزەبى نېفىتلىكى سەۋەبىدىن بولغان. ئۇنى رەنىگە قويىدۇ، ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ، ئۇلار دۇبەي بىلەن مۇشۇنداق ئويۇن ئوينىشىدۇ. ئاخىرىدا ، بارلىق يەتتە يۈلتۈزلۇق مېھمانخانىلار، ئارال دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ياۋرۇپا، ئامىرىكا بانكىسىنىڭ مۇھەممەتنىڭ ئوينىشىغا بەرگەنلىكىنى بايقايسىز. ئەمەلىيەتتە، ھەممىسى مېنىڭ، ناۋادا ئىپادەڭ ياخشى بولمايدىكەن، ھەممىنى قايتۇرىۋالىمەن،. ئەگەر، راستىنلا ۋەيران بولساڭ، ئاكاڭنىڭ نېفىتلىكىنى رەنىگە ئالىمەن. شۇڭا ئەڭ ئەقىللىقى يەنىلا ياۋرۇپا-ئامىرىكا بانكىسى . ئەڭ ئاخىرىدا ھەقىقىي خوجايىننىڭ دۇبەي ئەمەس، ياۋرۇپا-ئامىرىكا بانكىسى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. خەق پەقەت دۇبەينىڭ نامى بىلەن نەرسىسىنى يېنىڭىزغا قويۇپ، سىزنىڭ ئوينىشىڭىزغا بەردى. ئەمما، سىز ئۇنى ھېچنىمە قىلالمايسىز. ئۈچ مىليارت قەرزىڭىزنىڭ 20 مىليۇن ئۆسۈمى بار تۇرسا قانداق قايتۇرىسىز؟ بۇنىڭدىمۇ چاتاق يوق، ئاكىڭىز ئەبۇزەبى قايتۇرسا بولىدۇ. ئەمما، ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ۋال كوچىسىنىڭ قورقۇنچلىق ئەرۋاھى ئەگىپ يۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ گولدمان.
دۇبەي كىرىزىسى گولدماننىڭ سۈيقەستىمۇ قانداق؟ مۇنداق دېيىشىم، تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چىقىپ دۇبەينىڭ قەرزىنى ئۇزارتىپ بەرگىنى ياپۇنىيىنىڭ سۇمىتومو بانكىسى. بۇ بانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولسا گولدمان. سۇمىتومو سەكرەپ چىقىپ ۋاقىتنى يرىم يىل ئۇزارتىپ بەرگەن بولسىمۇ، مۇنداق بىر ئۇچۇرنى تارقاتتى، يەنى بۇ يېرىم يىل ئەڭ ئاخىرقى چەك. بۇ دۇبەينىڭ پۇلى قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا بانكىلار قەرزنى سۈيلەيدۇ. بۇ چاغدا، ياۋرۇپا- ئامىرىكا بانكىسى ، مەسىلەن : خەيفېڭ بانكىسى قاتارلىقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن دۇبەيدىن پۇل ئېلىشماقچى بولىشىدۇ.گولدمان قانداق بىر ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى؟ ئۇ خۇيفېڭنىڭ قەرز سۈيلۈپ چارچىشىنى كۈتىدۇ. ئۇ قولغا ئۆتكۈر خەنجەرنى ئېلىۋىلىپ ئوتتۇرا شەرق نېفىتلىكىگە چەنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋرۇ رايۇنىنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بېرىدۇ. سىلەر بەلكىم ، ھەممىسى قەرز سۈيلەۋاتسا، ھەممىسى پۇل ئالىمەن دەۋاتسا، سۇمىتومو، خۇيفېڭمۇ پۇل دەۋاتسا، نېمە ئۈچۈن خۇيفېڭغا زەربە بېرىدۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. چۈنكى، خۇيفېڭنىڭ دۇبەيدىكى مەبلىغى بىزگە ئايان بولغان 16 مىليارت دوللار پۇل- مۇئامىلە تۇغۇندى مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا، ئاشكارىلىمىغان زور مىقداردىكى قىسمىمۇ بار. گولدمان بولسا، خۇيفېڭنىڭ كونا رەقىبى، ھەې قېتىم خۇيفېڭدا مەسىلە كۆرۈلسە، گولدماننىڭ داڭلىق ئانالىزچىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ئۇنىڭ قانچىلىك خەۋپ- خەتەردە ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىدۇ.
1929-يىلىدىن باشلاپ، يۇقىرى پەن-تېخنىكا پېيىدىن يۇقىرى ماي باھاسىغىچە، چوڭ كاساتچىلىقتىن كېيىنكى ھەر بىر قېتىملىق بازار مەشغۇلاتىغا گولدمان قوماندانلىق قىلدى. گولدماندەك بۇنداق بانكىلارنىڭ ئاساسلىق تەدبىرى نېمە؟ ئىشنى ئاۋال ئورۇنلاشتۇرىۋىلىپ، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئارىدىن نەپ ئېلىش. ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر شىركەت، ئىنتايىن قورقۇنچلىق.ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ئىشتىن ئاۋال قۇرۇق ساتىدۇ، قۇرۇق سېتىش دېگەن نېمە ؟
مىسالەن: مەن بۈگۈن ئاكسىيە شىركىتىدىن بىر پاينى ئارىيەت ئالىمەن- دە ، ئۇنى يۈز يۇەنگە ساتىمەن. ئەتە پاي باھاسى 70 يۇەنگە چۈشكەندە ، ئۇنى سېتىۋىلىپ ئاكسىيە شىركىتىگە قايتۇرۇپ بېرىمەن. يۈز يۇەندىن ساتىمەن، يەتمىش يۇەندىن ئالىمەن- دە، ئارلىقتىن پايدا ئالىمەن. گولدماننىڭ قۇرۇق سېتىشى قانداق ئىش؟ بۇ دەل پاينىڭ چۈشىشىگە دو تىكىش. ئۇ چوقۇم ئىشتىن ئاۋال بىرمۇنچە پاينى قۇرۇق ساتىدۇ، ئاندىن يامان خەۋەردىن بىرنى ئېلان قىلىپ، پاي باھاسىنى تۈۋەنلىتىۋىتىپ، بىرمۇنچە پۇل تاپىدۇ. بۇ دەل ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى.
ئەمما، دۇبەي كەلتۈرۈپ چىقارغان ياۋرۇ رايۇنى مەسىلىسىدە، مەسىلەن : گىرتسىيىنىڭ قەرز كىرىزىسى مەسىلىسىدە گولدمان بىۋاستە ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئۇ جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ بانكىنى بىز ئىنتايىن ئاز ئاڭلىغان. ئەمما، ئۇ بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، گىرىتسىيە بىلەن ئېرلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قەرز پۇل مەسىلىسى تۈپەيلى ياۋرۇ رايۇنىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ بەك قورقۇنچلىق.نېمە ئۈچۈن بۇنىڭغا گولدمان قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ، دەيمىز؟ گولدمان جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ ئىستىراتىگىيىلىك مەبلەغ سالىدىغان ئەڭ چوڭ پايچېكى. ھازىر جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ 13 مىليارت 300مىليۇن پايچېكىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسى بولسا، جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنىڭ 20پىرسەت پېيىغا ئىگە. ئەينى چاغدا جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسى جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنى سېتىۋالغاندا، گولدمان 1- مالىيە مەسلىھەتچىسى بولغان. بۇ قېتىم جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسى ئوتتۇرىغا چىقىۋىدى، ياۋرۇپالىقلارنىڭ بولالماي قالدى. ئارقىدىن يىپنى بىر باشتىن چۈۋۈپ، جۇڭگۇ سودا- سانائەت بانكىسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ئۆلچەملىك بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچېكى ئىكەنلىكىنى بايقاپ، جۇڭگۇدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى، بۇ دەل بىزنىڭ بىخەستىلىكىمىز، بىز گولدمانغا ياردەملىشىپ، ئۇنىڭ قۇربانلىقى بولدۇق.
source: http://bbs.bagdax.cn/index.php?
No comments:
Post a Comment