ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت 6

رىياسەتچى : ئۇنداق بولسا ئادىلجان ئاكا، سىزدىن سۇراپ باقسام، ئۆي باھاسى قايسى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك؟
ئادىل مۇئەللىم : چوڭ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تەمىنلەش ئىھتىياج مۇناسىۋىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تەمىنلەش دىگىنىمىز ئۆينىڭ سېلىنىش مىقدارى دىگەندەك، ئىھتىياج مىقدارى دىگىنىمىز بىزنىڭ كىرىم سەۋىيىرىمىز دىگەندەك ئەھۋاللار. ئەگەر بىزنىڭ كىرىمىمىز ئاشسا ئۆيگە بولغان ئىھتىياجىمىز ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقە بەزى قانۇنىيەتلەرمۇ بولىدۇ. مەسلەن: پايچىك بازىرى، ئۆي مۈلۈك بازىرى بىر قاتار ئالاھىدە بازار. بۇ بازارنىڭ ئالاھىدىلىكى نىمە دىسە، كىشىلەر ئادەتتە نەرسىلەرنى چۈشكەنسىرى كۆپ ئالمايدۇ، بەلكى ئۆرلىگەنسىرى كۆپ ئالىدۇ. بۇ بىرخىل ھالەت. دىمەك ئەگىشىش ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. مەسلەن، ھازىر ھەممە ئادەمگە كەلگۈسىگە ناھايىتى ئۈمۈدلەنسە، ئۆينىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلەيدۇ دىسە، كىشىلەر ئۆيگە كۆپ مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ئۆينى مۇقۇم ھالدىكى ئىستىمال بۈلۈمىدىن ئۇنى بەبلەغ سېلىش ۋاستىسىغا ئايلاندۇرۋېلىشى مۇمكىن. ئۆينىڭ باھاسى تۈۋەنلىدى دىسە ھازىرقى باھادا ئېلىپ، كەلگۈسىدە 5-10 يىل ئۆتكەندە، 50% ھەتتا 100% ئۆرلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۆرلەشكە ئەگەر كۆزى يەتسە، ئۇلار قانداق قىلىدۇ دىسە، ئۇلار ھازىرقى تۈۋەن باھادا ئېلىۋالىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىر يۈرۈش ئۆي بولسىلا بولىدۇ. لىكىن نۇرغۇن ئادەم ئۇنداق قىلمايدۇ. سەۋەبى نىمە دىسە، ئۆي نۇقۇل ئىستىمالى بۇيۇمىدىن مەبلەغ سالىدىغان نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر مۇشۇ خىل ھالەتتە بولۇپ قالسا، ئۆينىڭ باھاسى نىمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىسە، ئۆينىڭ باھاسى كەلگۈسىدىكى ئۆينىڭ باھاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئۆينى سېتىۋالىدىغانلار كۆپىيىدۇ دە، ئۆينىڭ باھاسى ئۆزلۈكسىز يۇقۇرلاپ كىتىدۇ. ئەگەر كىشىلەر كەلگۈسىدە ئيىنىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ دىسە، ئۇنداقتا كىشىلەر ئۆي سېتىۋېلىشنى ئازايىتىشى مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كىتىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئەھۋاللار بازارلاردا ھايانكەس سودا ئەھۋاللىرىمۇ بولىدۇ. مەسلەن بىرقىسىم كىشىلەردە ناھايىتى كۆپ پۇل بولغاچقا بازارنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ. ئۇلار بازارنى كونتىرول قىلىپ ئۆينىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋىتىشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇ پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ نەتىجىسىدە، ناھايىتى كۆپ پۇلى بار كىشىلەرمۇ ئازلاپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆينىڭ باھاسىنىمۇ ھايانكەش سودا قىلىپ، ناھايىتى يۇقۇرى باھادا قولدىن-قولغا ئۆتكۈزۈپ ساتىدىغان سانى زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەچكە، ئۆينىڭ باھاسىمۇ ئۆرلىشى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆي باھاسىنىڭ تەسىرگە ئۇچراش ئامىللار دىگەندە چوڭ جەھەتتىن ئېيىتقاندا، بايا دەپ ئۆتكەندەك بىزنىڭ كۈندىلىك سەۋىيەرىمىز، بىزنىڭ ئىھتىياج مەسلىمىز، ئاندىن ئۆينىڭ تەمىنلىنىش مىقدارى، ئۆينىڭ سېلىنىش مىقدارى، ئاندىن ھۈكۈمەتنىڭ يەر تەمىنلەش ئەھۋالى ئۇنىڭدىن كىيىن ھۈكۈمەتنىڭ ھەرخىل سىياسەت ئەھۋالى مەسلەن: باج سىياسىتى دىگەندەك. ئاندىن بانكىنىڭ ئۈسۈملىرى، ئۈسۈم نىسبىتىنىڭ تەڭشىلىشى بىزنىڭ قەرز قايتۇرۇشىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆينىڭ ئىھتىياجى بولسۇن ياكى ئۆينىڭ باھاسى بولسۇن بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتا ئۆينىڭ باھاسىنى كونكىرىت نوقتىدىن كونكىرت تەھلىل قىلىشى كىرەك. ئەمدى مىنىڭ يازغان بىر پارچە ماقالەم بار. بۇ ماقالەمدە، مىنىڭ تەكىتلىگىنىم نىمە دىسە، ھازىرقى ئۆينىڭ باھاسى كەلگۈسىدىكى ئۆينىڭ باھاسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ دىگەن بىر خۇلاسە چىقىدۇ.

No comments:

Post a Comment