ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت3

رىياسەتچى: ئادىل ئاكا سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىز،جۈملىدىن رايونىمىزغا بولغان تەسىرى قانداق بولدى؟ مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ ئۆتەمسىز؟
ئادىل مۇئەللىم: بۇ قىتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرىنى كۆپ تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكىدا پەيدا بولدى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىن ياۋرۇپاغا ۋە ياپونىيە قاتارلىق نۇرغۇل دۆلەتلەرگە ۋابا كىسىلىدەك تارقىلىپ كەتتى. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان تەسىرى ئالدى بىلەن تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادتا ئىپادىلىنىدۇ، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرگەندىن كىيىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەنلىك تۈپەيلىدىن، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە بولغان ئېكىسپورتى ئازلاپ كېتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر گۇاڭدوڭ، جېجىياڭ، فۇجىيەن قاتارلىق تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادىي بىر قەدەر ياخشى بولغان رايونلاردا ئىشسىزلىق بىر قەدەر يۇقىرى چەككە چىقتى، 20 مىلىيوندىن ئارتۇق ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلىتىمىزگە بولغان مەبلىغى ئازىيىپ كەتتى. چۈنكى نۇرغۇن چوڭ شىركەتلەر ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇپ بۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن، دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سىلىشقا پۇرسىتى يوق. شۇڭا ئۇ؛ارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆزىلېرىنىڭ سالغان مەبلىغىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادىغا بەلگىلىك تەسىر يەتكۈزدى. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ %58 ئېقتىسادى تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىساد بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدىغان ئېقتىسادنىڭ تەسىرگە ئۇچرىشى دۆلىتىمىزنىڭ ئېقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشى نىسبەتەن ئېغىر بۇلىشى مۇمكىن. ئاپتونوم رايونىمىزغا بولغان تەسىرى ئاساسەن ئىچكىرى رايونلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بايا ئېيتىقاندەك ئىچكىرى ئۆلكىدىكى نۇرغۇن ئىشلەمچىلەر يۇرتىغا قايتىپ كەتتى، يەنە بىر قىسىم ئىشلەمچىلەر بولسا ئۇدۇل شىنجاڭغا كىرىپ كەلدى. شىنجاڭدىن سىرتقا ئەمگەكچى كۈچ چىقىرىش بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. چۈنكى ئىچكىرى رايونلارنىڭ ئەمگەكچىلەرگە بولغان ئېھتىياجى بۇرۇنقىدەك يۇقىرى ئەمەس. ئىلگىرى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ رايونلارنىڭ ئۆزىدە قېلىپ ئىش ئىزدەيتتى، ئەمما ھازىر نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەمدە قايتىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇخىل ئەھۋال شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىش ئىزدىشىگىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دۆلىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلېرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان ئېقتىساد ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىمۇ بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. لىكىن يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇخىل تەسىرلەرنى بەك كۈچلۈك دەپ كىتىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئېقتىسادىي كىرزىس ئامېرىكا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يەنە كىلىپ تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادى قانچە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە بولغان تەسىرى شۇنچە كۈچلۈك بۇلىدۇ. شىنجاڭ ئېقتىسادىنى مىسال قىلساق، نېفىت سانائىتى، خىمىيە سانائىتى، پولات- تۆمۈر، رەڭلىك مېتال قاتارلىقلار ئاساسىي سالماقنى ئىپادىلەيدۇ. بۇلار شىنجاڭ ئېقتىسادىنىڭ %80 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇخىل ئىشلەپچىقىرشنىڭ شىنجاڭ ئېقتىسادىي كىرزىس مەسىلىسىگە قارىتا تەسىرى بەك ئاز ھەم چەكلىك بۇلىدۇ. تەسىرى چوڭ دىسەك، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ۋە تاشقى يۈزلەنگەن ئېقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك كارخانا شەخىسلەرگە بولغان تەسىرى چوڭ دىسەك بولىدۇ.

No comments:

Post a Comment