ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

WALLۋال كوچىسىدىكى ئېقتىسادىي بۆھران



بىرىنچى ئىقتىسادى بوراننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى
كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغىرلىق تور ۋە ئابارات قاناللىرىدا تۈرلۈك تەبىرلەر بېرىلگەن ، چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ قارىشىنى ئاددىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرغا قويۇپ باقاي.
مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ بىر قەرز بەرگۈچى ئىشەنسىز ئادەمگە زورلاپ قەرز بېرىپ قويۇپ، قەرزنى قايتۇرىۋالالماي كېلىپ چىققان ئىش. ئىقتىسادى ئۈنۈمسىز ئىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ كاپالەت بېرىشى ۋە سالا قىلىشى بېلەن مەبلەغ سېلىپ قويۇپ، قەرز ئالغۇچى پۇلنى يەپ ئىچىش ۋە ئوتتۇرلۇقتىقى سالاچى ۋاستىچىغا شىرىكانە بېرىپ تۈگىتىپ، قەرزنى قايتۇرۇشقا ئامالسىز قېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىش دېسەكمۇ بولىدۇ.
ئىقتىساد تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئالدىن قەرز ئېلىپ ، ئاندىن ئۆلگۈدەك ئىشلەپ قەرز قايتۇرۇش بېلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان ئىشلار مەۋجۇت. تەررەققى قىلغان دۆلەتلەردە كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈنمۇ ئالدىن دەسمايە بولمىسا بولمايدۇ. ئازغىنە مىدىراپ ئىش قىلسىڭىزلا پۇل تاپىدىغىنىڭىز ئېنىق . لېكىن شۇ پۇلنى قولىڭىزغا ئالغۇچە مەلۇم نىسبەتتە دەسمايە پۇل خەجلىمەي بولمايدۇ. پۇل بولماي بىر كۈنمۇ ياشاش مۈمكىن ئەمەس. دوست بۇرادەرلەر ئۆز-ئارا قەرز بېرىدىغان ئىش يوق دېيەرلىك ، پۇل ئاساسەن بانىكىدىن ئېلىنىدۇ. ئىناۋەتلىك كارت بېجىرىش ئاسان ئىش. قەرز ئالغۇچى بىلىپ بىلمەي بانكا ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ قالىدۇ. بانكىلار شۇ قەرزلەرنىڭ ئۆسۈمى ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ.
بانكا قەرز بېرىش ئۈچۈن مەبلەغ كېرەك. ئەقىللىق كىشىلەر ئاسانلىقچە پەقەت بانكىنىڭ ئۆسۈمىنى دەپلا بانكىغا پۇل قويمايدۇ. چۈنكى نەق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش بولۇپ تۇرىدۇ. پۇلنى مالغا سۇندۇرۇپ قويغاندا پۇلنىڭ كۇرسى چۈشسىمۇ مال قىمىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇلار پۇللىرىنى پاي ياكى زايۇم دېگەندەك جەمىيەت تەرەققىياتىغا ماس قىممىتى ئۆسۈپ بارىدىغان مەۋھۇم ماللارنى سېتىۋېلىشقا سالىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ ئېلىپ قويغان ماللىرىدا مەسىلە بارلىقىنى ياكى باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغىنىدا، تاڭ سەھەردىلا بېرىپ سېتىۋېتىپ پۇللىرىنى تىرىلدۈرىۋېلىشنى ئويلايدۇ. بانكا ئالدىدا سەپ تۈزىلىدۇ. مەلۇم مالنى ساتىدىغانلار سانى ئالىدىغانلار سانىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەندە مالنىڭ سېتىلىش باھاسى تەبىئى ھالدا تۆۋەنلەيدۇ. ھەممىلا كىشى بىردەم بولسىمۇ باھانىڭ يۇقۇرىراق ۋاقتىدا قولدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلايدۇ. نەتىجىدە بانكىدا پۇل تۇگەيدۇ، قەرز بېرىلگەن پۇللارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە توغرا كېلىدۇ. قەرز ھۆججەتلىرىنى قايتا رەتلەپ باشقا بىر پۇلدارغا سېتىۋېتىش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ يەردە يەنە سۇغۇرتا شىركەتلىرىمۇ قەرز كاپالەت سۇغۇرتىسى سېتىپ ئىشەنچسىز قەرز تالۇنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى قەرز ھۆججەتلىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆرلەپ تۇرۇش ھالىتىدە بولىدۇ.
ۋال كوچىسىدىكى بوراننىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنا مۇشۇنداق . ،مەۋھۇم مۈلۈك ئىگىدارلىق تالۇننىڭ قولدىن قولغا ئۆتۈپ زىيادە چوڭىيىپ كەتكەنلىكى، يۇغۇشتۇرىۋېلىش مۈمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەنلىكى سەۋەپ بولغان ئىقتسادى پارتىلاش.
نۇرغۇن تەھلىلچىلەر بۇ قېتىمقى بوراننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيەتنىڭ مۇقەررەر يۈزلىنىشى ، ھىچقانداق بىر بانكا ياكى شىركەت توسۈپ قالاليدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلىشىۋاتېدۇ. دېمىكچىكى ھىچكىمدە گۇنا يوق. بۇ بازانىڭ بەك قايناپ كەتكەنلىكىدىن ھۆكۈمەت نازارەت بۆلۈملىرىنىڭ كونتروللۇق دەرىجىسىدىن ھالقىپ كېتىپ كېلىپ چىققان تارىخى مۇقەرەرلىك دەپ قارىشىۋاتىدۇ. ئەندىكى گەپ قالداق قىلغاندا ئۇنىڭدا ئۇچرىغان زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش بۇ بازارنى يەنە قايتا نورمال ھالەتكە قايتۇرۇش.
ئامېركا ھۆكۈمىتى دەسلەپ قىلىپ يەتتە يۈز مىڭ مىليۇن دوللار قۇتقۇزۇش پۇلى ئاجراتتى. ئىقتىسادى بورانغا ئۇچرىغان باشقا دۆلەتلەرمۇ ئارقا ئارقىدىن بىر شەھەرنى سېتىۋېلىشقا يەتكۈدەك سوممىدىكى مەبلەغنى بازارنى قۇتقۇزۇشقا دوغا سېلىۋاتېدۇ. ئۇلار بازارنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە قايتىپ خەلق كۆڭلى تىنجىپ ، بىر قىسىم ماللارنىڭ باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلىشىنى ئارزۇ قىلىشىۋاتېدۇ.
بىر توڭ خام نېفىت باھاسىنىڭ 140 دوللاردىن 70 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشىدەك ئىشلار كىچىك ئىش ئەمەس.
ئەمدى بۇ بوران بىزگە قانچىلىك تەسىر قىلىۋاتېدۇ ۋە قىلدى، يېقىن كەلگۈسىدە يەنە قانداق تەسرلىرىگە ئۇچرايمىز ، ئۇ نېمىلەردە ئىپادىسىنى تاپېدۇ. بۇ نۆۋەتتە بىز ئويلىشىپ كۆرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى .

ۋال كوچىسىدىكى ئىقتىسادى بىرلىكلەرنىڭ رولى
ئىقتىساد ھەممە ئىشنىڭ بېشى ، بۇ كوچىدىكى مەيلى لېيمان شىركىتى بولسۇن ياكى مورگان بانكىسى بولسۇن ھەممىسىلا بۇ تەرەپتە تىگىشلىك رولىنى ئوينىغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنىڭ يۈكسىلىشىدە كاتالىزاتۇرلۇق رول ئوينىغان. ئامېركىنى دۇنيا ئىقتىسادنىنىڭ كاتتىبېشى قىلغانمۇ ھەم مۇشۇ كوچىدىكى ئىقتىسادى بىرلىكلەردۇر. بۇ ئىقتىسادى بىرلىكلەر مائاش تەمىناتىنىڭ يۇقىرىلىقى بېلەن دۇنيادىكى ئىقتىساسلىقلارنى جەلىپ قىلغان ۋە ئۇلارنى ئۆز-ئارا دوغا چۈشۈپ ئىقتىدارىنى سىناشقا پۇرسەت بېلەن تەمىنلىگەن. مۇشۇ كوچىدىن چىققان تالانتلىقلار دۇنيا دىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئاپپىراتلىرىدا مۇھىم خىزمەتلەرە بولۇپ، دۇنيانى سورىغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مۇشۇ ئىقتىسادى بىرلىككە سۇقۇنۇپ كېرەلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى تولىمۇ ياخشى بولغان. جوڭگۇ تېخى توللۇق ئىشتىراك بولۇپ كېتەلمىگىنىدىن ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىدا بولىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ ئىقتىسادى بىرلىك زىيادە چوڭىيىپ كېتىپ كونتروللىغىنى يوقۇتۇپ كىرسىز يۈز بەردى. ھازىر بۇرۇن شۇ يەردە خىزمەتتە بولغان جۇڭخۇا مۇۋاجىرلىرى جۇڭگۇنىڭ تەكلىپ ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالدى.
مەلۇم بىر مۇتەخىەسسىس ۋال كوچىسىدىكى بىر يۇقۇرى تەبىقە خىزمەتچىنىڭ يىللىق كىرىمى ئامېركا زوڭتۇڭىنىڭكىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى. 400مىڭ ئامېركا دوللىرىدىن يۇقىرى مائاش ئالىدىغانلارنىڭ سانى ھىساپسىز بولغان. دېمەكچىكى بۇ يەرگە دۇنيا بويىچە ئىقتىساسلىقلار توپلاشقان.
ليۇ بېينىڭ يېنىدا بىر جۇگېلياڭ بولغاچقا ساسساۋنى يېڭىپ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەندەك، ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى توپلاشقان ئورۇندا سىرتقى مۇھىتتا ھەل قىلىش تەس بولغان ھەرقانداقلىكى ئىش ئاسانلىشىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن. ئۇلار تۈرلۈك تەدبىرلەربى بەلگىلەپ ، نۇرغۇن مەۋھۇم مۈلۈكلەرنى بازارغا سالغان. ۋە زور ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.
مەيلى پەن تېخنىكا تەرەققىياتى بولسۇن ياكى تاشقى سودا بولسۇن ھەممىسىلا ۋال كوچىسىدىكى مەبلەغ بازىرىغا تايانماي ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.
گەرچە بۇ يەردە خىزمەت قىلىدىغانلار بىۋاستە ئىشلەپچىقىرىشقا قاتناشمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ۋە سېتىش شىركەتلىرى قاتارلىق ھالقىلاردىكى رولى مۇقەررەرلەشكەن. ئۇ يەردىكى بىر بانكىنىڭ تاقىلىشى كۆرۈنۈشتە كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئىقتىسادى ھالقىلار ئۈزۈلۈپ قالىدىغان بولغاچقا، سان ساناقسىز كارخانىلا زاۋانلىققا يۈزلىنىپ ئادەم قىسقارتىشقا توغرا كەلگەن.
ئىشسىزلىقنىڭ كۆپىيىشى بالايى ئاپەتنىڭ كۆپىيىش يىلتىزى.
نۆۋەتتە ئامېركا ۋاشىنگىتوندىكى بىر كوچىنىڭ ۋەقەسى پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە تەسىرنى كۆرسىتىۋاتېدۇ. دۇنيانىڭ بۇ قېتىدىكى كورىيە، ياپونىيەلەرمۇ كۈچلۈك زەربىگە ئۇچراۋاتېدۇ. ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسىمۇ بۇ ئامېركىنىڭ ئىشى بولغاچقا بىز بېلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قول قوشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئامالسىز ، مەبلەغ ئاجىرتىپ قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى تۈزۈشكە ئالدىراۋاتېدۇ.
ۋال كوچىسىدىكى ئىقتىسادى بوراننىڭ زىيىنىنى مۆلچەرلەش قىيىن، ئۇ ھازىرغىچە ئىنسانىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداقلىكى بىر ئاپەتتىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان ئاپەت. شۇنداقلا ئۇنى پۇل ۋە قۇتقۇزۇش بېلەنلا ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇ بىرلىك پارچىلانغانسېرى چاتاق چوڭىيىپ بارىدۇ. خۇددى مۇتەخىەسسىسلەر ئېيتىپ ئۆتكەندەك بۇ بىر مۇز تاغنىڭ بۇرجىكىنىڭ ئېرىشى بولۇشى مۈمكىن.
بۇرۇن كىشىلەر ۋال كپچىسىنى قانچىكى چوڭ بىلگەن بولسا، مانا ئەمدى ۋال كوچىسىغا شۇنچىلىك ئۆچ بولدى. بەلكىم ۋال كوچىسىنىڭ شۇ سىماسى ئىنسانىيەت تارىخى موزىيىدا ئورۇن ئېلىشى مۈمكىن.
قاچانكى مۇشۇنداق بىر ئىقتىسادى بىرلىكلەرنىڭ چوڭ بازىرى قايتا شەكىللىنىدىكەن شۇ چاغدا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. بەلكىم ئۇ چوڭ ئىقتىسادى بازار بۇ قېتىم ۋال كوچىسىدا ئەمەس باشقا ئەللەردە بارلىققا كېلىشى مۈمكىن. بەلكىم ئىككى يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت كېتىپ قېلىشى مۈمكىن.
يۇرتىمىزدىكى ئىقتىسادى ئويۇن ئامىللىرى
يۇقارقى ئابزاستا نۇرغۇن تالانت ئىگىلىرىنىڭ ۋول كوچىسىدىكى ئىقتىسادى بىرلىكلەرگە يىغىلىپ ، ھەرخىل مەھۋۇم مەھسۇلاتلارنى ئىجات قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بۇ يەردە ئەمدى بىز بۇ خىل ئىقتىسادى ئويۇنلارغا قانچىلىك چېتىلدۇق توغرىسىدا ئويلىنىپ باقايلى.
بۇندىن يىگىرمە يىللار بۇرۇن، ناھىيە- يېزا بازارلىرىدا ئادەم تازا توپلانغان كۈنى ،ئىككى كويلۇق چەك تارتىپ، يىرتىپ كۆرۈپ، تەلىيىنى سىنايدىغان بىر خىل ئويۇن ئەۋىج ئالغان .بەزىلەرنەچچە يۈز يۈەنلىك چەك تارتىپمۇ قۇرۇق قول كېتىپ قېلىشقا توغرا كېلىدىغان، ئارىلاپ ئويلىمىغان يەردىن بىرەر كىشىگە مۇكاپات چىقىپ قېلىپ، بېرۋېلىسپىت ياكى موتۇسكىلىت چىقىپ قالدىغان. بۇ ئىشنى ئويۇشتۇرغانلار مۇكاپات چىقمىغانلارغا قاراپمۇ قويمايدىغان ، چىقىپ قالغانلارنى كۆككە كۆتۈرۈپ، تازا سازايى قىلىدىغان، بازارنى كۈندە بىر ئىككى قېتىم پوجاڭزا ئاۋازى ياكى داقا دۇمباق ئاۋازى قاپلاپ ھەممىلا كىشى ئاغزىنى ئېچىشىپ تۇرۇپلا قالىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇراتتى. ھازىر ئۇنداق ئىشلار يەنە بارمۇ يوق بىلمەيمەن، ناھايەت بۇ ئىشلار قانۇنلۇق ھىساپلىناتتى.
ھازىر شەھەرلىكلەردە بولسا مەلۇم جەھەتتە پۇلدا قىينالغاندا خەپ توختاپ تۇر، تەلىيىم بار ئادەممەن ، بىر كۈنى بولماي بىر كۈنى ئاكاسسىيە بىلىتىدە ئۈتۈۋېلىپ پۇل دېگەننى شۇنداق خەجلىمەيدىغان بولسام دەپ كۆڭلىنى خوش ئەيلەيدىغانلار خېلى كۆپ. بىر كېچىدىلا باي بولۇشنىڭ قانۇنلۇق ئۇسۇللىرىنىڭ بىردىن بىر ئامالى؛ شۇنداق تەلەي سىناي ئۇسۇللىرى ئارقىلىق قولىدا بار بولغان بارلىق پۇلنى دوغا تېكىپ، كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىش. نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلىرىمىز ھەم شۇنداق تەبىر بېرىدۇكى تېز باي بولۇشنىڭ ئەڭ ئاسان ئۇسۇلى پۇلغا بولىشىغا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش.
شۇنداق بولغاندا بىزدە لاتارىيە بېلىتى، ئاكاسسييە بېلىتى، زايۇم ، پاي ،جىجىڭ دېگەندەك(بەزىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى بىلمەيمەن.) نۇرغۇن مەۋھۇم نەرسىلەر بار. شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن خەجلەنگەن پۇلنىڭ ئومۇمى سوممىسىنىڭ نەچچە پىرسەنتىنىڭ دو تىككەنلەرگە مۇكاپات قاتارىدا قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئويلۇشۇپ باققانمۇ؟. ئاساسەن 30% ئەتراپىدا بولىدۇ. تەنتەربىيە لاتارىيە بېلىتىدە قىلىنغان كىرىمنىڭ مۇكاپات ۋە باشقا چىقىملارغا ئىشلىتىلگەن قىسمىدىن باشقا 70% كې يېقىن پۇل شۇ ئىشنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچىلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىدۇ. پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىمۇ ھەم شۇ. بۇ ئىشنى ئويۇشتۇرغانلار ئەڭ چوڭ پايدا كۆرگۈچىلەر، شۇلارغا پۇل تىككۈچىلەر بولسا ئەڭ بىچارە، ئەخمەق مەبلەغ سالغۇچىلار خالاس. بۇ خۇددى قىمار سورىنىدا قىمارۋازدىنمۇ بايراقى جەزىخوردەك ئىش، لېكىن شۇغىنىسى جەزىخور بولمىسا قىمارۋاز قىمار ئويناشقا ئامالسىز. قىمارۋاز بىرى ئۇتسا ئونى زىيان تارتىدۇ،لېكىن جەزىخور داۋاملىق پايدا كۆرۈش ھالىتىدە تۇرىدۇ.
ئەمدى سۇغۇرتا شىركىتىگە كېلەيلى، سۇغۇرتىغا قاتناشمىسىڭىز مەلۇم بىر كۈنى كېلىشمەسلىك كېلىپ چىقسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرەيسىز. قاتنىشىپ قويۇپ روھى جەھەتتىن خاتىرجەم بولىسىز، لېكىن شۇنداق ھادىسە چىقىپ پۇل تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغانلار سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرىۋاتقانلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ. تامچە تامچە سۇدىن تولغان كۆلنىڭ بىر چېلەك سۈيى شۇ خەتەرگە يولۇققانلارئۈچۈن تۆلەمگە ئىشلىتىلىدۇ خالاس.
ئەمدى ئۆي مۈلۈك قەرزىگە قاراپ باقايلى، ئەگەر بانكىدىن قەرز ئالمىسىڭىز سىز ئۆي ئالالمايسىز، قەرز ئالدىڭىزمۇ سىز ھەر ئايدا ئۆسۈم بېلەن قوشۇپ قەرز تاپشۇرىشىڭىز كېرەك. ھەر ئايلىق كېرىمىڭىزنىڭ 6% تنى بانكىغا تاپشۇرىدىغان بولىسىز. 5% نەق پايدا تېگىدىغان ئىشنى تاپماق تەس بولىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە سىز قىلىۋاتقان ئىشنىڭ پايدىسىنى ئاساسەن بانكا كۆرىدۇ. ھىساپتا ئۆي مۈلۈك كارخانىسىغا سىرتتىن ئىشلەپ، ھەسسە قوشقان بولىسىز. سىز پايدىسىز ئىشلەيسىز، پەقەت ئۆي-مۈلۈكلىكلا بولۇپ قالىسىز خالاس. ئەپسۇس سىز بىر ئۆمۈر قەرز تۆلەپ، ئىشلەپ ئالغان ئۆينىڭمۇ ئۆمرى بار، «بۇ ئۆي مېنىڭ مۈلكۈم» دەپ مەيدىڭىزگە ئۇرغان ۋاقىتلىرىڭىزدا ئۆيىڭىز خەتەرلىك ئۆي قاتارىغا كىرىپ قېلىپ،چېقىلىشقا توغرا كېلىپ قېلىشى مۈمكىن.
چوڭ كىرا ئاپتۇۋۇزى سېتىۋېلىپ ئۈزۈن يولغا قاتناۋاتقانلارمۇ شۇنداق. 3 يىلدا ماشىنىنىڭ پۇلىنى تېپىپ بولغۇچە ماشىنا كاردىن چىقىدۇ.
يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئىقتىسادى كاتالىزاتۇر ، ئەگەر يۇقارقى ئامىللار بولمىسا شەھەرلەردىكى بىنالار ئۇنچە تېز كۆپەيمەيدۇ. شەھەردە ئۇنچە جىق ئادەمگە ئىش تېپىلمايدۇ.
يۇقارقى ئۇسۇللار پۇلى يوقنى پۇللۇق قىلىپ، ئەخمەقنىڭ پۇلىسىنى ئەقىللىقنىڭ چۆنتىكىگە سېلىپ، ھورۇننىمۇ تىنماي ئىشلەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. جەمىيەت شۇ ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ.
داۋاملىشىدۇ.

تۇردى لىتىپ

No comments:

Post a Comment