ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Monday, 13 June 2011

ئىقتىسادى كىرزىس ئۈستىدە يەنە بىر تەھلىل

ئۈچنى چىقىرىپ تاشلاش» 2011- يىلىدىكى پۈتكۈل يەر شارى ئىقتىسادىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
كېيىنكى ئىقتىسادىي كىرىزىس دەۋرى ئۈچ خىل ئالاھىدىلىكنى ئىپادىلىدى:يەنى ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەۋھۇملىشىشى، خەلقئارا پۇل- مۇئامىلىنىڭ پىشاڭلىشى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىشى.
نۆۋەتتە ، دۇنيا ئىقتىسادىي كىرىزىستىن كېيىنكى « ئەگەشمە كېسەل»گە گىرىپتار بولدى. خەلقئارا سودا قورۇمىچىلىقى ئەۋج ئالدى. خەلقئارا پۇل- مۇئامىلە بازىرى سىجىل داۋالغۇپ تۇردى. غەرپنىڭ ئىقتىسادى تۆۋەنلەپ قەرز، پۇل، بانكا قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر يېتەكچىلىك ياكى ئەۋزەل ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، پۇل قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش «ئۆلچەملەشتۈرۈپ قويىۋىتىش» سىياسىتىنى قوللۇنۇپ، ، كىرىزىستىن قۇتۇلماقچى بولۇشتى. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىي ئېشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولسىمۇ، خەلقئارا « كۆيدۈرمە مەبلەغ» نىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ، پۇل قىممىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە پۇل پاخاللىقى بېسىمى كۈچىيىپ كەتتى. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارا مۇناسىۋەت ھېلى قىزىپ ، ھېلى سوۋۇپ ، ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماي، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەدبىر جەھەتتە ماسلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋەتتى. بۇلار 2010- يىلى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن ئىقتىسادىي مالىمانچىلىقلار بولۇپ، 2011- يىلى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن.
( « يېرىم ئايلىق سۆھبەت » ئىچكى قىسىم نەشرى ، 2011- يىل، 2- سان )

ئامىرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەۋھۇملىشىشىنى چىقىرىپ تاشلاش

ئىقتىسادنىڭ مەۋھۇملىشىشى ئاساسلىقى ئىقتىسادنىڭ پۇل- مۇئامىلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالمىش ئىقتىسادنىڭ پۇل- مۇئامىلىشىشى بانكا ، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، ئۆي-زىمىن ئامانەت قەرزى قاتارلىق كەڭ مەنىدىكى پۇل- مۇئامىلە كەسپىنىڭ بىر ئىقتىسادىي گەۋدىدىكى سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى ھەمدە ئىقتىسادىي گەۋدىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسىى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ، ئىقتىسادنىڭ پۇل- مۇئامىلىشىشى كۈنسېرى روشەنلىشىپ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ، ئىجتىمائىي بايلىق بارغانسېرى پۇل- مۇئامىلەشتى. بولۇپمۇ مەبلەغ يۈرۈشلەشتۈرۈش ۋاستىچىلەشمىدى، ئاكسىيەلەشمىدى.
80- يىللارنىڭ بېشىدا ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ بازار قىممىتى بىلەن GDP سى ئاساسىي جەھەتتىن باراۋەر بولۇپ، ھالبۇكى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ پاي چېكى بازىرىنىڭ بازار قىممىتى GDP دىن ئومۇميۈزلۈك ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. يېقىنقى 20 يىلدا پۈتكۈل يەر شارى GDPسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرىچە 4 پىرسەنتكە يەتمىگەن. يەر شارى سودىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئوتتۇرىچە 6 پىرسەنت، ئەمما پۈتكۈل يەر شارى كاپىتالىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى بولسا، 14 پىرسەنت بولغان.
كۈنسېرى مەۋھۇملىشىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىدا، ئامىرىكىنىڭ مەۋھۇملىشىش دەرىجىسى تېخىمۇ ئېغىر. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-60- يىللىرىدا، ئامىرىكىنىڭ ياساش كەسپى ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئامىرىكا GDPسىنىڭ 27 پىرسەنتىدىن يۇقىرىراقىنى ئىگىلىگەن. ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى پارتىلاشتىن ئىلگىرى بۇ نىسبەت ئاللىقاچان 11.68 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان. ئامىرىكا GDPگە تۆھپىسى ئەڭ زور بولغان ساھە پۇل-مۇئامىلە،ئۆي-زىمىن مۇلازىمەت كەسپى ( بۇ تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ) ۋەكىللىكىدىكى مەۋھۇم ئىقىساد بولغان. ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن بۇرۇن ئامىرىكىنىڭ پۇل- مۇئامىلە، ئۆي-زىمىن مۇلازىمەت كەسپىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى، ئامىرىكا كارخانا كەسپى پايدا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 40 پىرسەنتىدىن يۇقىرىراقىنى ئىگىلىگەن.
مەۋھۇم ئىقتىسادقا زىيادە تايىنىۋالغان ئامىرىكا ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسى جەريانىدا، ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى. پۇل- مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، ئامىرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرى بەس- بەستە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىغا قايتتى. ئوباما ھۆكۈمىتى 2010- يىلى 9- ئايدا، « دۆلەت ئېكىسپورت پىلانى » نى ئېلان قىلىپ، بەش يىل ئىچىدە ئېكىسپورتنى قاتلاش ئىستىراتىگىيىسىنى پىلانلىدى. ئامىرىكا « ئۆلچەملەشتۈرۈپ قويىۋىتىش » نامى ئاستىدا، پۇل بېسىشنى تېز سۈرئەتتە باشلاپ، ئامىرىكىنىڭ « قايتا سانائەتلىشىش»نى چەكسىز كاپىتال قوللىشى بىلەن تەمىن ئەتتى.

خەلقئارا پۇل- مۇئامىلىنىڭ پىشاڭلىشىشىنى چىقىرىپ تاشلاش:

ئاتالمىش پۇل- مۇئامىلىنىڭ پىشاڭلىشىشى ، ئىقتىسادىي ئاساسىي گەۋدىنىڭ قەرز ئارقىلىق بىر قەدەر ئاز كاپىتال بىلەن بىر قەدەر زور كۆلەمدىكى بايلىقنى كونتورول قىلىپ، پايدا ئىقتىدارى ۋە سېتىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئىككىلەمچى قەرز كىرىزىسىدىن بۇرۇن باشقۇرۇش ، نازارەت قىلىش بولمىغان پۇل- مۇئامىلە ئىجادىيلىقى ئامىرىكا ، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇل- مۇئامىلىسىنىڭ پىشاڭلىشىنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ، چېكىگە يەتكۈزدى.ئوتتۇرىچە پىشاڭلىشىش نىسبىتى 30 ھەسسە ئەتراپىدا بولدى. پىشاڭلىشىش ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل-مۇئامىلىنىڭ كۆپۈكلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتىلىغاندىن كېيىن، ئامىرىكا ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى بەس-بەستە پۇل-مۇئامىلىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ئىسلاھاتى قانۇن لاھىيىسى ئارقىلىق، پۇل-مۇئامىلىنى باشقۇرۇش نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇل- مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ خالىغانچە پۇرسەتۋازلىق قىلىشى ۋە كېڭىيىشىنى چەكلىدى. 2010- يىلى 9- ئايدا، بازېل بانكا نازارەت ھەيئىتى بانكا سېستىمىسى كاپىتالى تەلىپىنى كۈچەيتىش ئىسلاھات لاھىيىسىنى ماقۇللاپ، يەر شارىدىكى بارلىق سودا بانكىلىرىنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى كاپىتالنىڭ تويۇنۇش نىسبىتىنى ( ئۇنىڭ تۈۋەن چېكى ھازىر يۈرگىزىلىۋاتقان 4 پىرسەنتتىن 6 پىرسەنتكە تەڭشەلدى) يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ئادەتتىكى پاينىڭ « كاپىتالنىڭ ساقلىنىش بوففىرى » ۋە « تەتۈر دەۋرىي كاپىتال بوففىرى » نى تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. ياۋرۇپا، ئامىرىكا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىسلاھات قانۇن لاھىيىسى بىلەن « بازېل كېلىشىمى 3» نىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىئارا پۇل- مۇئامىلە پىشاڭلىشىشنى چىقىرىپ تاشلاش مۇساپىسى تېزلىشىشدە ئۈمىت بار.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يەر شارىلىشىشىنى چىقرىپ تاشلاش:

يەر شارىلىشىش مۇئەييەن مەنىدە ، ئىقتىسادىي چېگرىنىڭ كۈنسېرى خىرەلىشىپ ئادەم ئوبورۇتى، ئەشيا ئوبوروتى، ۋە ئۇچۇر ئوبورۇتلىرىنىڭ بايلىق مەنبەلىرى ئامىللنىڭ پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدا سەپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ھالقىغان كاپىتال ۋە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر يەر شارىلىشىشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈردى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازارلار يەر شارىلىشىشقا قىزغىن قارشى ئېلىشتى. ئەمما، بۇ قاتاردا ، دۇنيادا يەر شارىلىشىشقا قارشى چۇقانلار ئەسلا بېسىقىپ باقمىدى. ئەسىر پۇل- مۇئامىلە تاشقىنى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىقتىسادنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش لاھىيىلىرىنى بەس- بەستە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتى. ھالبۇكى، يەر شارىلىشىش جانلاندۇرۇش ئۈنىمىنى ئىمپورت ۋە كاپىتالنىڭ دۆلەت ھالقىغان ئوبورۇتى ئارقىلىق « ئاققۇزىۋەتتى » ، ئەلۋەك سۇلار باشقىلارنىڭ ئېدىشىغا قۇيۇلۇپ، ئەسلى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرىغا كۆتۈرگىلى بولمىدى. بۇ بازار ۋە سودا قورىمىچىلىقىنى ئاپئاشكارا باھانە بىلەن تەمىنلىدى.
ئىقتىسادنى ئەركىنلەشتۈرۈش بايرىقىنى ئىزچىل كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان ئامىرىكا ، سودا قورىمىچىلىق بايرىقىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋىلىشنى تەلەپ قىلدى. باشقا دۆلەتلەر بەس- بەستە دوراپ، مىللەتچىلىك باش كۆتۈرۈپ، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر « بازارنى قويىۋىتىش»تىن
« جەمىئەتنى قوغداش» قا بۇرالدى. شۇنداق قىلىپ ئىقتىسادىي سۈركىلىشلەر ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقتىكى كېلىشەلمەسلىكلەر ،2010- يىلىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي كۆرىنىشى بولۇپ قالدى.
2010- يىلى 10- ئايدا، شاڭخەيدە چاقىرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇھاكىمە يىغىنىدا، دۇنيا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كائىن ئىلگىرىكى پۇل- مۇئامىلىنى ئەركىنلەشتۈرۈش تەشەببۇسىغا قارشى ھالدا، ياۋرۇپانىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا كاپىتالنى كونتورول قىلىشىنى يولغا قويۇپ، پۇل- مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. بۈگۈنكى دۇنيا « بېكىنمە دۆلەت دەۋرى»گە قايتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما، يەر شارىلىشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىشى، ئىقتىسادىي توسۇقلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

source: bbs.bagdax.cn

No comments:

Post a Comment