ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Saturday, 18 June 2011

ئىسلام پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى

ئىسلام ھەمكارلىق فوندى جەمىيتى

خەلقئارالىق ئسلام فوندى تەشكىلاتى بولۇپ، 1974-يىلى 2-ئايدا قۇرىلدى. ئسلام كېڭىشى تەشكىلاتىغا مەنسۈپ. نىشانى ئسلامىيەتنىڭ بىرلىگى ۋە ئسلامىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئىسلام مەدىنيىتىنى، ئىسلىم دىنىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئسلام ئىتىپاقىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. فوند ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇچىرايدىغان ئىجتىمائىي قىيىنچىلىق، كرىزىس ۋە ئاپەتلەرگە ئىشىلتىپ، شۇلارغا ماددى ياردەم بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، دىن سەۋىي يوقۇرى كۆتۈرۈلىدۇ؛ مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار سېلىپ بېرىلىدۇ. فوند باي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى ئىئانىدىن كېلىدۇ. 1977__1998-يىللىق خام چوت 156 مىليارت ئامرىكا دوللىرى، مۇقىم ئىئانە 200مىليون ئامرىكادوللىرى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى رامزان ئېيىدا ئۆتكۈزىلىدىغا ئىئانە توپلاش پائالىيىتى، پوچتا ماركىسى تارقىتىش، بازارنى ئېچىۋېتىش، ھەرخىل مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يوللار بىلەن فوند تەييارلايدۇ. ئىئانە مەبلىغىنىڭ 100 مىليون ئامرىكا دوللىرى ئېشىپ بېرىشىنى، يىللىق خام چوتنىڭ 50 مىليون ئامرىكا دوللىرى ئېشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى

خەلقئارالىق ئسلام پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بولۇپ، 1975-يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ جىددەھ شەھىرىدە. نۇرغۇن ئسلام دۆلەتلىرىدە بۇنىڭ شۆبىلىرى ياكى ئىش بېجىرىش ئورگانلىرى تەسىس قىلىندى. ھازىر بۇنىڭغا 45 دۆلەت ئەزا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ، ئسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىگىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەقسىدى: مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادي تەرەقىياتىنى ئلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ شەرىئەت بەلگىلىمىسىگەئۇيغۇن كېلىدىغان بانكا ئورگانلىرىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش، غەيرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا مەبلەغ ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت. مەبلىغى 2 مىليارد دىنارغا يېققىنلىشىدۇ ( 2 مىليارد 330 مىليون ئامرىكا دوللىرىغا باراۋەر ). شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە قەرز ئالغۇچىدىن %2.5 لىك تۆۋەن ئۆسۈم ئېلىشقا بولىدىلەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ بانكا جۇڭگو ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق نىڭشاغا، شىنجاڭغا ۋە بېيجىڭغا تۆت ئىسلام ئىنىستوتى ۋە ئەرەپ تىلى مەكتىپى سېلىش ئۈچۈن 4 مىليون 100 مىڭ ئامرىكا دوللىرىنى ھەقسىز ياردەم قىلدى.

خلقئارا ئىسلام بانكا جەمىيتى

خەلقئارالىق ئىسلام پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، 1977- يىلى 8- ئايدا قۇرۇلدى. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىڭ جىددەھ شەھرىدە. 1981- يىلى مىسىر، سۇدان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگى، بەھرەين، ئومان، پاكىستان قاتارلىق 11 ئىسلام بانكىسى ئەزا ئىدى. 1982-يىلى سېنېگال، نىگېرىيە، گۋىنىيە قاتارلىق 11ئسلام بىنكىسى ياكى ئورگىنى قاتناشتى . مەقسىتى: (1) ئوخشاش خىلدىكى بانكىلارنى قۇرماقچى بولغان دۆلەت ياكى رايونلارغا تېخنىكا جەھەتتە يىتەكچىلىك قىلىش ۋە كەسپىي جەھەتتە ياردەم بېرىش؛ (2) رايون ياكى خەلقىئارا خارەكتىردىكى بانكىلارنى داۋاملىق قۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ پائالىيتىگە ئىلھام ۋە ياردەم بېرىش؛(3) بانكىلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ئىقتىسادىي ئالماشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى تۈزۈپ چىقىش،نورمال كەسپكە ئارلاشمىغان ئەھۋالدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەملىشىش؛ (4) بانكىلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش؛ (5) بانكىلار ئارىسىدىكى كەسپىي تۈزۈمنى ۋە پۇل مۇئامىلە دائىرسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە تەڭشەش؛ (6)بانكىلارنىڭ كونكىرت پىلانلىرى ۋە تۈرلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىش ۋە تەتقىق قىلىش، مەبلەغ تەييارلاشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىش؛ (7) ھەرقايسى بانكىلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى تولۇق قوزغاش ۋە جارى قىلدۇرۇش؛ (8)پۇل ، سۇغۇرتا قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، مۇۋاپىق تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش؛ (9) ئىسلام جەمىيىتىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىش، ئىسلام دىنىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىدىيسىنى تەشۋىق قىلىشتىن ئىبارەت. شۇنۇڭ بىلەن بىللە فەقىھلەردىن تەركىپ تاپقان شەرىئەت بويىچە نازارەت قىلىش ۋە شەرىئەت ئەھكامى بويىچە ھۆكۈم قىلىش ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. سىپىروستا خەلقىئارا ئىسلام ئىقتىساد ۋە بانكا ئىنىستوتى قۇرۇپ، كەسپىي خادىملارنى تەربىيلىدى.

ئىسلام پۇل مۇئامىلە باش ئورگىنى

خەلىئارالىق ئىسلام پۇل مۇئامىلە تەشكىلاتى بولۇپ، بىر قىسىم ئىسلام دۆلەتلىرى مەبلەغ سالغان شېركەتلەر 1981-يىلى 2- ئايدا بۇ تەشكىلاتنى قۇردى. باش ئورگىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە. ساپ مەبلىغى1 مىلىيارد ئامىرىكا دوللىرى، ئون مىلىيون پاي چېكى بار، بۇلارنى شۆبە شىركەتلەر باشقۇرۇدۇ. مەقسىتى: شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە،رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەتىنى كۆزلەپ مەبلەغ توپلاشتىن ئىبارەت. ئاساسىي نىشانى:(1) مۇسۇلمانلارنىڭ جازانە تۆلەشكە ئۇچۇرماي، پۇل مۇئامىلە سودىسى قىلىش ئۈچۈن،ئۇلارنى زامانىۋىلاشقان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش؛ (2)ھەممە ئىسلام جەمىيەتلىرىنىڭ مەبلەغ توپلىشىغا ۋە ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىش؛ (3) ئىسلام ۋە باشقا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىقتىسادىي مۇئامىلىسىنى ۋە قېرىنداشلارچەمۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. يوقۇرقى نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئاساسىدا،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆسۈمگە ئىگە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ


http://bbs.12tagh.com/baghdax/bbs/read.php?tid=3830

No comments:

Post a Comment