ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

ئىقتىسادى كىرىزىس ھەققىدە سۆھبەت 1

رىياسەتچى: ئابدۇۋەلى ئاكا، ئالدى بىلەن سىز بۇقېتىمقى دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كىرزىس ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز، بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى نىمە؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرزىس 2008-يىلى15-سىنتەبىر ئامېرىكىدىكى ۋولسترىت كوچىسىدىكى رىمان ئاكا-ئۇكا شىركىتىنىڭ ۋەيران بۇلىشى بىلەن باشلاندى. ھەم بىز تەرەپتە ئىنسانلار يۈزلىنىۋاتقان ئىقتىسادىي كىرزىستىن باشقا يەنە ئۇرۇش كىرزىسى ۋە تەبىي ئاپەت كىرزىسىمۇ ئىنسانلارغا ناھايىتى ئېغىر تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. ئالدىنقى قېتىم يۈز بەرگەن ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئىنسانلارنىڭ يۇلۇققان بىرقېتىملىق ئەڭ چوڭ تەبىي ئاپەت كىرزىسى بولسا، بۇ قېتىمقى ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن ئېقتىسادىي كىرزىس ئىنتايىن زور بىر قېتىملىق ھادىسە بۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەمدى بۇ نىمە سەۋەبتىن پارتىلىدى دىگەندە، بۇ ئاساسلىقى ئامېرىكىدىكى ئىككىلەمچى رەنە ئۆي قەرزلېرىنىڭكى ناھايىتى شىددەت بىلەن ئۆرلىشىدىن پەيدا بولدى. ئەمدى بۇ قانداق پەيدا بولدى دىگەندە، ئېقتىساد نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا بىز ئېقتىسادنى ئۈچ خىل ئېقتىسادقا ئايرىيمىز، بىرىنچىسى رىئالى ئېقتىساد، يەنە بىرسى مەۋھۇم ئېقتىساد، يەنە بىرسى كۆپۈكسىمان ئېقتىساد. رىئالى ئېقتىساد دىگىنىمىز، بىز كۈندە كۆرىۋاتقان، ئۆزىمىز قاتنىشىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى يەنى يېزا ئىگىلىكى پائالىيىتى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە ئاممىۋىي مۇلازىمەت(بىزدىكى بار بولغان ھەرخىل مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كۆرسىتىدۇ) تۈرلېرىنى كۆرسىتىدۇ، بىز بۇ مۇلازىمەتلەرنى كۆرەلەيمىز، ئۆزىمىز بىلەلەيمىز، بۇ رىئالى ئېقتىساد دەپ ئاتىلىدۇ. مەۋھۇم ئېقتىساد دىگەندە، بىز ئۇنى كۆرەلمەيمىز، ئۇنىڭ ئىپادىسى بولسا ئاكسىيە سودىسى، پايچىكى سودىسى، قەرەللىك مال سودىسى دىگەندە تۈرلەردە بۇلىدۇ. ئاكسىيە سودىسى دىگەندە، مەلۇم بىر ئاكسىيە مەلۇم بىر پايچىكىنىڭ قەغەر يۈزىدىكى باھاسى بۈگۈن 100 دوللار بولسا، نەچچە سائەت ياكى نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ باھاسى ئۆسۈپ 200 دوللار بولۇپ كىتىۋاتقان، يەنە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن 300 دوللار بولۇپ كىتىۋاتقان. دىمەك بىز مۇشۇ خىل مەۋھۇم يەنە قەغەز يۈزىدىكى قىممەت بولغان بىلەن بىزگە كۆرۈنمەيدىغان مۇشۇ خىل مەۋھۇم ئېقتىسادىي ھادىسىنى بىز مەۋھۇم ئىقتىساد دەپ ئاتايمىز. كۆپۈكسىمان ئېقتىساد دىگەندە، كۆپۈككە ئوخشاش ئۆرلەپ-ئۆرلەپ چىقىدۇ ئەمما ئاخىرىدا ھىچنىمە يوق، يەنى ئاخىرىدا كۆپۈكتەك يەرگە چۈشىدۇ، نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخىسلەر ۋەيران بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دىگەندە، ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ قىزىپ كىتىشى، يەنى ئاشۇنىڭكى ئاكسىيە سودىسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك سودىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ناھايىتى زور دەرىجىدە ئايرىلىپ كەتكەنلىكىدىن بۇلىدۇ، يەنە بۇنى مۇنداق ئىپادىلەشكە بۇلىدۇ، مەسىلەن مەلۇم بىر دۆلەتنىڭكى رىئالىي ئېقتىسادى قانچە تەرەققىي قىلسا، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ماس ھالدا ئۇنىڭ مەۋھۇم ئېقتىسادى تەرەققىي قىلىدۇ. يەنى رىئالىي ئىشلەپچىقىرىش، ئەڭ مۇھىمى ئىشلەپچىقىرىش، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى رىئالىي ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىي قىلسا ماس ھالدا مەۋھۇم ئىشلەپچىقىرىش يەنى پايچىكى شۇنچە تەرققىي قىلىدۇ. چۈنكى پايچىكى رىئالىي ئېقتىسادتىن پەيدا بۇلىدۇ،ئۇ ماھىيەتتە بىز دەۋاتقان پايچىكى، ئاكسىيە سودىسى جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق. دىمەك رىئالىي ئىشلەپچىقىرىشى بىز دەۋاتقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نۇرغۇن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىمەك ماھىيەتتە مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىساد تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندىن كىيىن پەيدا بۇلىدۇ. مەسىلەن زايوم پەيدا بولغىلى 800 يىل بولدى. ئاكسىيە بىلەن پايچىكى پەيدا بولغىلى 400 يىل بولدى. فوند پەيدا بولغىلى 140 يىل بولدى. ھەرخىل پۇل-مۇئامىلە قۇراللىرى پەيدا بولغىلى 20-30يىل بولدى. دىمەك ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بارا-بارا رىئالىي ئېقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بۇ مەۋھۇم ئېقتىساد پەيدا بولدى، بۇ مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىساد ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغنى جەمئىيەتكە توپلاپ بەردى. جەمئىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى، كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماددىي بايلىققا ئىگە بۇلىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغنى توپلاپ بەردى. ئېقتىساد ناھايىتى باغلىنىشلىق، رىئالىي ئېقتىساد قانچە تەرەققىي قىلسا مەۋھۇم ئېقتىساد شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ، مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىسادنى ناھايىتى زور پۇل-مۇئامىلە بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. لىكىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە، رىئالىي ئېقتىسادتىن مەۋھۇم ئېقتىساد ئايرىلىپ كەتسە(كۆرگىلى بۇلىدىغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىدىن قەغەز يۈزىدىكى قىممەت ئېشىپ كەتسە)، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، مەۋھۇم ئېقتىساد كۆپۈك ئېقتىسادقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يەنى كۆپۈكتەك ئۆرلەپ، ھەممە ئادەم قىزىپ، بەس بەستە پايچىكى سېتىۋالغان. ھەممە ئادەم ئۆي مۈلۈك سېتىۋالغان. ئۇنىڭ باھاسى بارغانچە ئۆسىۋاتقان..... لىكىن ھەممە ئادەم پايدىغا ئىنتىلىدۇ، ھەممە ئادەم شۇ بازارغا كىرىۋالغانلىقتىن، مەبلەغ سالسا ئاققانلىقتىن، مەۋھۇم ئېقتىساد كۆپۈككە ئايلىنىپ شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ. ئالدىنقى يىلى 15-سىنتەبىر يۈز بەرگەن دۇنيا ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ ئاساسىي مەنبەسى مەۋھۇم ئېقتىساد رىئالىي ئېقتىسادتىن ئېشىپ كېتىپ، كۆپۈكسىمان ئېقتىسادقا ئايلانغانلىقتىن يۈز بەردى. بۇنى مۇنداق چۈشىنىشكە بۇلىدۇ، مەۋھۇم ئېقتىساد بىلەن رىئالىي ئېقتىسادنى قار ئۈستىدىكى تاشقا ئوخشاتساق، رىئالىي ئېقتىساد بىر تاش، مەۋھۇم ئېقتىساد تاش ئۈستىگە چۈشكەن قار، تاش ئۈستىگە قار چۈشىۋەرسە-چۈشىۋەرسە، ئاخىرى تاش ئۇنى كۆتۈرۈپ بۇلالماي ئاخىرى پەسكە چۈشۈپ كېتىدۇ، خۇددى كۆپۈكتەك. ئامېرىكىدىكى بۇ ئېقتىسادىي كىرزىس ئىككىلەمچى ئۆي مۈلۈك رەنە قەرزىدىن پەيدا بولدى. بۇنىمە دىگەندە، ئالدىنقى قېتىملىق زۇڭتۇڭ بۇش زۇڭتۇڭ بۇلۇش ئالدىدىكى قەسەمنامىسىدە «مەن ئامېرىكىدىكى ھەممە ئادەمنى ئۆيگە ئىگە قىلىمەن، بىر ئادەمنىڭ بەخىتىلىك بۇلۇش ياكى بۇلالماسلىقى شۇ ئادەمنىڭ ئۆيگە ئىگە بۇلۇش بولماسلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، شۇ ئادەمنىڭ ئۆيى بولسا ئۇ خاتىرجەم، بەخىتلىك ياشايدۇ، مەن زۇڭتۇڭ بولغاندىن كىيىن ھەممە ئادەمنى ئۆيگە ئىگە قىلىمەن» دېدى. لېكىن ئۆيگە قانداق ئىگە قىلىدۇ؟ ھەممىمىز بىلىمىز، ئۆي دىگەن بىر تاۋار، ئۇنى پۇلى بار ئادەم سېتىۋالالايدۇ. ئاخىرى پۇلى يوق ئادەملەرمۇ بانكىدىن ناھايىتى زور مەبلەغدە قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدى. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ پۇلى يوق، لىكىن ئۇ پۇلى يوق تۇرۇپ 200مىڭ دوللارنى بانكىدىن قەرز ئالدى، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالدى، لىكىن قانداق قايتۇرۇش توغرىسىدا ئويلاشمىدى، ئۇ ئادەمنىڭ مەقسىتى 200 مىڭ دوللار قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىپ، شۇ ئۆيدىن بەھرىمەن بولىمەن دەيدۇ، لېكىن بانكا شۇ قەرزنى بەرسەم ئۆسۈم ئالىمەن دەيدۇ. يەنى 200 مىڭ قەرز بېرىپ مەلۇم يىلدىن كىيىن 50 مىڭ دوللار ئۆسۈم ئالماقچى بۇلۇپ، شۇ قىممەتنى پاي چىكى ياكى ئاكسىيەگە ئايلاندۇرۇپ(250 مىڭ دوللارنى) بازارغا سېلىۋەتتى. پاي چىكى يەنى ئاكسىيەنىڭ قېممىتى ئاشقاندىن كىيىن ھەممە ئادەم بەس بەس بىلەن سېتىۋالدى، كىيىن ئەسلى 200 مىڭ دوللارلىق بۇ ئۆي بازارغا چىققاندىن كىيىن ئۆسۈپ 400 مىڭ دوللار بولۇپ قالدى. بانكىنىڭ مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە مەنپەئەت قوغلىشىشى، پۇلى يوق ئادەمنىڭ جىق قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشى بىلەن، 200 مىڭ دوللارلىق بۇ ئۆينىڭ ئاكسىيە يەنى قەغەز يۈزىدىكى قېممىتى 400 مىڭ دوللار بۇلۇپ ئىپادىلەندى. كىيىن ئۇ ئادەملەر پۇلنى تۆلىيەلمىدى، بانكا ئۆينى تارتىۋالدى، لىكىن بانكىغا ئۆي ئەمەس پۇل لازىم. بانكا قايتۇرىۋالغان ئۆينى بازارغا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى، لىكىن بۇنداق ئادەم بەك جىق. قەرزنى قايتۇرالماي ئۆينى ساتماقچى بولغان ئادەم بەك جىق، مۇشۇنداق كۆپ ئۆينى بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سالغانلىقتىن، ئۆينىڭ باھاسى ئەسلىدىكى باھاغىمۇ يەتمىدى، دىمەك بۇ 400 مىڭ دوللارغا چىقىپ كەتكەن بۇ قىممەت ھازىر 100 مىڭ دوللاغىمۇ يەتمىدى. يەنى بۇ يەردە پاي چىكى سېتىۋالغانلار، مەبلەغ سالغۈچىلار، پاي سالغان كارخانا-شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولدى. بۇ نىمە ئۈچۈن يۈز بەردى دىگەندە، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا دىموكراتلار پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ماككائىن «ئامېرىكا بانكىلىرىنىڭ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاچكۆزلۈك قىلغانلىقىدىن يۈز بەردى» دەپ يىغىنچاقلىدى. دىمەك بۇنىڭ مەنبەسى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنماسلىقىدا، پۇل يوق ئادەملەرنىڭ پۇل قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋىلىشىدا، قەرز ئالغاندا ئۆزىنىڭ قايتۇرۇش ئېتىدارىنى ئويلاشماسلىقىدا بولدى. بانكا دائىرىلىرىنىڭمۇ قەرز بېرىشتىن بۇرۇن شۇ ئادەمنىڭ ئېقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشى تەكشۈرمەيلا قەرز بەرگەنلىكىدە، پۇل-مۇئامىلە ئورۇنلېرىنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارغا تەكشۈرىشىنىڭ يىتەرلىك بولمىغانلىقىدا دەيمىز.

No comments:

Post a Comment