رىياسەتچى: ئابدۇۋەلى ئاكا سىزدىن سوراپ باقسام، بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىس يەنە قانچىلىك ۋاقىت داۋاملىشار؟
ئابدۇۋەلى مۇئەللىم: بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ قانچىلىك داۋاملىشىش مەسىلىسى ئۈستىدە ھېچقانداق بىر ئېقتىسادشۇناس ئىنىق جاۋاب بېرەلمەيدۇ. نىمە ئۈچۈن دىگەندە ھازىر دۇنيادا ئېقتىسادىي كىرزىس ئۆزلۈكسىز پەيدا بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن 1929-يىلى غەرب دۇنياسىدا زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس پارتىلىدى. مۇشۇ جەرياندا ئىشلەپچىقىرش كۈچى ئېشىپ كىتىپ، نۇرغۇنلىغان تاۋارلارنى كۆيدۈرىۋەتتى، سۈتلەرنى دېڭىزغا تۆكىۋەتتى، كاللىلارنى ئۆلتۈرۈپ كۆمىۋەتتى، مۇشۇ قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس شۇ ۋاقىتتىكى ئېقتىسادىي كىرزىستىنمۇ ئېغىر بولدى دىگەندەك ھەرخىل كۆز قاراشلار بار. يەنە يېقىنقى مەزگىلگە قارايدىغان بولساق 1970-يىلى نېفىت كىرزىسى بولغاندىن كىيىن دۇنيادا زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس پارتىلىدى. يەنە 1994-يىلى مېكسىكىدا پارتىلىغان پۇل-مۇئامىلە كىرزىسىمۇ زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس. 1997-يىلى شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا پارتىلىغان ئېقتىسادىي كىرزىسمۇ زور بىر قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىس. بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىسمۇ ناھايىتى زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دىمەك ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ قاچان باشلىنىپ قاچان ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ھىچقانداق بىر ئېقتىسادشۇناس بىر نىمە دىيەلمەيدۇ، ئۇ بىر خىل ئېقتىسادىي قانۇنىيەت. يەنى دۆلەتنىڭ تەڭشەش سىياسىتى، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك، مەسىلەن ئامېرىكىلىق بىر ئانا بىلەن جۇڭگولۇق بىر ئانىنى سىلىشتۇرغان، ئامېرىكىلىق ئانا ياش قىز ۋاقتىدا بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي ئالدى، بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ راھىتىنى كۆرۈپ، بىر ئۆمۈر ئۆينىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ ئۇ ئالەمگە كەتتى. لىكىن جۇڭگولۇق ئانا بىر ئۆمۈر پۇل يىغىپ ياشانغان چاغدا ئۆي ئالدى، ئۆينىڭ راھىتىنى ئاز كۆردى. بىز مۇشۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىلىق توغرا قىپتۇ، جۇڭگولۇقنىڭ خاتا دەپ، بەس بەس بىلەن قەرز ئېلىپ ئۆي ئالدۇق، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنمىدۇق. دىمەك ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئېتىسادىي كۈچىگە ئاساسلىنىش، قانچىلىك ئېقتىسادىي كۈچى بولسا شۇنىڭغا قاراپ بىر ئىش قىلىش كېرەك، ئۆزىنىڭ ئېقتىسادىي كۈچى ئاجىز تۇرۇپ، ناھايىتى زور قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالماسلىق، پۇل ئاز بولسا ئاز قەرز ئېلىپ ئۆينى كىچىك سېتىۋىلىش، پۇلى جىق بولسا داچا سېتىۋالسىمۇ بۇلىدۇ، جەمئىيەتكە ئىئانە قىلسىمۇ بۇلىدۇ. دىمەك بۇ يەردىكى ئېقتىسادىي كىرزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ئېقتىسادىي كىرزىس ئۇزۇن داۋاملاشماسلىقى مۇمكىن. بۇ مىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم، ئادىل مۇئەللىم بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن؟
ئادىل مۇئەللىم: بۇ قېتىملىق ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشتا ئەڭ مۇھىمى ئابدۇۋەلى مۇئەللىم ئېيتقاندەك ئىشەنچ، ئامېرىكىنىڭ قوللايدىغان سىياسىتى ئاساسەن بانكىلارغا ياردەم بېرىش، بانكىلارغا نىمە ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ؟ نۇرغۇن بانكىلار ئېقتىسادىي كىرزىس تەسىرىگە ئۇچراش تۈپەيلىدىن پۇل ئامانەت قويغۇچىلارنىڭ ئامانىتىگە بىخەتەرلىك كاپالەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئەنسىرەپ، بانكىلاردىن پۇللىرىنى ئېلىپ كەتتى، نەتىجىدە ئامېرىكىدىكى بانكىلار ئېغىر كۈنگە قالدى. ئەگەر كىشىلەرنىڭ بانكىلارغا بولغان ئىشەنچىسى ئېشىپ، پۇلنى ئېلىپ كەتمىسە ئېقتىسادىي كىرزىسنىڭ تەسىرى كىچىكلەپ كىتىدۇ، دۆلىتىمىزدە بولسا كىشىلەر ھۆكۈمەتكە ئىشەنگەنلىكتىن بانكىدىكى پۇللارنى ئېلىپ كىتىش تۈگۈل بانكىغا ئامانەت قويغان پۇل ئۆزلۈكسىز ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ. سىتاتىسكىلارغا ئاساسلانغاندا بانكىلاردىكى پۇل 2 تىرىلىيونغا ساپ كۆپەيگەن. بۇ دۇنيادىكى بانكىلاردىن چىقىۋاتقان پۇللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بىر مۆجىزە دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. ھازىر دۆلىتىمىزدىكى بانكىلاردا يىتەرلىك پۇل بار. دىمەك دۆلىتىمىز ئېقتىسادىي كىرزىسقا ئۇچراش تەسىرى بىز ئويلىغاندىكىدەك ئۇنداق يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. مېنىڭ كۆز قارىشىمدا دۆلىتىمىز بۇ قېتىمقى ئېقتىسادىي كىرزىستىن ئەڭ ئالدىدا قۇتۇلۇپ كېتىدۇ. ھەم دۇنيا ئېقتىسادىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشتا دۆلىتىمىزنىڭ تۆھپىسى ئەڭ زور بۇلىدۇ، ھازىر دۆلىتىمىز بۇ ئېقتىسادىي كىرزىستىن ئاللىقاچان چىقىپ بولدى دەپ قارايمەن.
No comments:
Post a Comment