ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:

بۇرھانىيە ئىسلام مالىيىسى بلوگىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.. سىز بۇ يەردە ئىسلام مالىيىسى توغرىلىق بىلىملەرگە ئىگە بولالايسىز.. ئىسلام مالىيىسى ئىسلام بانكىسى، ئىسلام پايچەك بازىرى، ئىسلام سۇغىرتىسى ۋە ئىسلامچە مال-مۈلۈك باشقۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان... ھەر قانداق سۇئالىڭىز بولسا، ئۇچۇر قالدۇرۇڭ. مەن ۋاقتىدا قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن....

شۇنداقلا يەنە مەن ھاياتىمدىكى بەزى ھىكايىلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.. ماقالىلەر ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىز تىلى بويىچە بولىدۇ...
بەزى دۆلەتلەرنىڭ، جايلارنىڭ ۋە ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ھوزورىڭلاردا بولىدۇ....

كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا
!!

Sunday, 12 June 2011

ئىقتىسادى كىرزىس قانداق پەيدا بولغان


بۇنى ئاممىباپ ئۇسۇلدا تۆۋەندىكى ھىكايىمىز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە تىرىشىمىز .
دوستىمىز غېرىپجان ئائىلىسى بىلەن بىرگە ئىجارىگە ئالغان بىر ئۆيدە ياشايدۇ. ئۇنىڭ مائاشى ئۆي چىقىمىگە ئاي ئاخىرىغىچە ئاران يېتىدۇ . غېرىپجان بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ شەھىرىستاندا بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىپ ، ئايدا 700 دوللار تۆلەيدىغان بۇ ئىجارە ئۆيدىن قۇتۇلۇشنى خىيال قىلىپ يۈرىدۇ. بىر كۈنى ئۇ، خىزمەتدىشى مىسكىنجاننىڭ بانكا ئارقىلىق پۇلنى بۆلۈپ تۆلەشكە ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى ئۇقىدۇ-دە، ھەيران قالىدۇ . غېرىپجاننى ھەيران قالدۇرغىنى، خىزمەتدىشكى مىسكىنجان ئىككىسىنىڭ ئالىدىغان مائاشى ئوخشاش بولۇپ، ئۆي تۈگۈل نىمكەش ماشىنىنىمۇ پۇلىنى بۆلۈپ سېتىۋىلىشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. غېرىپجان ھەيرانلىقىنى يۇشۇرالماي خىزمەتدىشى مىسكىنجاندىن ئىشنىڭ تېگى تەكتىنى سورايدۇ . مىسكىنجان سىرىنى بايان قىلىپ، غېرىپجاننىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆي سېتىۋالالايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئۆي تىجارىتى قىلىدىغان شىركەت يۇلۇپ ئالار شۇڭقارنىڭ تېلىفۇن نۇمۇرىنى يېزىپ بېرىدۇ.

غېرىپجان بۇنىڭغا تەستە ئىشىنىدۇ . ھەتتا بىر كىچە ئۆز ئۆيىگە ئىگە بولۇشنىڭ خىيالىنى قىلىپ، ئۇيقۇدىنمۇ قالىدۇ. ئەتىسى ئەتىگەندىلا يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىگە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرىدۇ . سۆزلىشىش جەريانىدا شىركەت سېتىش مەسئۇللىرىدىن بولغان كاسكاس خېنىم ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ تەپسىلى چۈشەندۈرىدۇ ۋە غېرىپجان ۋە ئايالىنىڭ ئەڭ تىز پۇرسەتتە يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتىگە كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . كاسكاس خېنىم ئۇلارغا غېرىپجاننىڭ ئالىدىغان تۆۋەن مائاشى بىلەن ھېچقانداق جايدىن ئۆي سىتىۋالالمايدىغانلىقى، غېرىپجاننىڭ رەنىگە قويغۇدەك نەرسىسىنىڭ يوقلىقىنىمۇ سەمىگە سېلىپ ئۆتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئۆي سېتىۋىلىشتا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يۇلۇپ ئالار شۇڭقار شىركىتى غېرىپجان ۋە مىسكىنجاندەك تەرتۆككۈچى جاپاكەش خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، ھەم ئۇلارنىڭ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئۆي سېتىۋېلىش ئىشىدا باھادا ئالاھىدە ئېتىباردە بولىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىدۇ. غېرىپجاننىڭ خىيالىدا بولسا ھەممىدىن مۇھىمىى ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلنىڭ 700 دوللاردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئىدى.

ئۇنى بۇنى دەپ ئاخىرى غېرىپجان شەھرىستاننىڭ يالاڭتۆشلەر مەھەللىسىدىن بىر يۈرۈش سېتىۋالغان بولىدۇ، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئۇنىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلىنىڭ بۇرۇنقى ئۆينىڭ ئىجارىسىگە ئوخشاش 700 دوللارلىقى ئىدى . غېرىپجان خۇشاللىققا چۆمىدۇ . چۈنكى ھەر ئايدا، ئۇ بۇ ئۆينىڭ بىر قىسمىنىڭ ھەقىقى ئىگىسىگە ئايلىناتتى . بۇرۇن بولسا بۇ پۇلنىڭ ئۆزىنى ئىجارىگىلا تاپشۇرۋىتەتتى .
ئەمدى بانكىغا كەلسەك، بانكىمۇ غېرىپجانغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئايلىق پايدىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ بەرگەن ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ شۇئارى " ھەر بىر ۋەتەنداشقا بىردىن ئۆي" ئىدى .

ئايلاپ ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ ئۆي باھاسى ئۆسۈپ بارىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بىرگە غېرىپجاننىڭ خۇشاللىقىمۇ ئېشىپ بارىدۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ھازىرقى باھاسى سېتىۋالغان دەسلەپكى چاغدىكىدىن خېلىلا ئۆرە ئىدى . ئۇنىڭ ئويىچە ئۇ تېخى ئۆينى سېتىپ بىر مۇنچە پايدىمۇ ئالالايتتى . ئۇنىڭ بىر تۇغقىنى دەرۋىشجانمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ، ئۆز ئۆيىنىڭ باھاسىنىڭ ئەسلىدىكىدىن 10 مىڭ دوللار ئۆسكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيىنىڭ بىر قىسمىنى بانكىغا رەنىگە قويۇپ ، 30 مىڭ دوللار قەرز ئالغانلىقىنى ۋە بۇ پۇلنى قانداق خەجلىمەكچى بولغانلىقىنى تەپسىلىپ دەپ بەرگەن بېرىدۇ.
ھەقىقى ئويۇن ئەمدى باشلىنىدۇ :بۇ ئىشتا ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، غېرىپجان، مىسكىنجان ھەتتا دەرۋىشجانمۇ بانكا بىلەن تۈزگەن توختامنامىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا دىققەت قىلمىغان ئىدى . بۇ قىسىمدا دېيىلگەن بىر ماددىدا بانكا ئالىدىغان ئۆسۈم پايدا نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى. بۇ پايدىنىڭ دەسلەپ ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولۇپ كېيىن ئۆرلەپ ماڭىدىغانلىقى ، شۇنداقلا مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىىنى قانچىلىك كۆتۈرسە بۇلارنىڭ تاپشۇرىدىغان ئۆسۈمنىڭمۇ شۇنچىلىك بىللە ئۆسىدىغانلىقى يېزىلغان ئىدى . يەنە بىر ماددىدا بولسا بۇلار ئەگەر بىر ئاي پۇل تاپشۇرالمىسا ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۈچ قاتلىنىدىغانىلىقى، يەنە باشقا بىر ماددىدا بولسا تاپشۇرۇلغان پۇلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ يىللىقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆسۈمنى ھىساپلاشقا كېتىدىغانلىقى ئىدى . دېمەك غېرىپجان پەقەت ئۈچ يېلىدىن كېيىنلا بۇ ئۆينىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولالايتتى .

غېرىپجانغا قايتساق، ئۇ ئۆي سېتىۋېلىپ بىر قانچە ئايدىن كېيىن مەلۇم سەۋەپلەردىن مەركىزى بانكا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە غېرىپجان ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلمۇ كۆپىيىپ 950 دوللار بولغاندا غېرىپجان بىر ئاي پۇل تاپشۇرالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلى بىراقلا 1200 دوللارغا چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق يۇقۇرى چىقىمگە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان غېرىپجان ئائىلسىنىڭ قوسىقىنى بېقىش بىلەن ئۆي پۇلىنى تاپشۇرغانغا كۆرە ، ئالدىنقىسىنى تاللايدۇ ۋە ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇشتىن توختايدۇ. بىر تەرەپتىن ئۇ يەنە خىزمەتدىشى مىسكىنجاننىڭ ئۆي پۇلىنى تاپشۇرالماسلىق سەۋەپتىن ئۆيىنىڭ تارتىۋىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ يالغۇز مىسكىنجانلا ئەمەس باشقا خېلى كۆپ خىزمەتداشلىرىنىڭ شۇ ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنىمۇ ئۇقىدۇ . بۇ ئەھۋال زورايغاندا بولسا ئۆي مۈلۈك بازىرى كىرزىسقا پېتىشقا باشلىغان ئىدى .
غېرىپجانغا قەرز بەرگەن بانكىغا قايتساق، بۇ بانكىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى غېرىپجان تاپشۇرىدىغان ئۆسۈم بىلەن چەكلىنىش كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ بانكا غېرىپجاندىكى قەرزنى مەبلەغ سالغۇچىلارغا ۋە پايچىكلارغا زايوم شەكلىدە ساتىدۇ ۋە ئۇلاردىن يەنە قوشۇمچە خىزمەت ھەققى دىگەندەكلارنى ئېلىپ قوشلاپ پايدا ئالىدۇ . پايچىك ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قولىدا ئۆيگە قەرز بېرىلگەن قەرز ھۆججەتلىرى زايوم شەكلىدە بار. بۇلارغا كىلىدىغان پايدا غېرىپچان ۋە مسىكىنجاننىڭ ئايلىق تاپشۇرىدىغان پۇلىدىن كىلىدۇ ( بانكىدىن ئېشىپ ) . ئەمما غېرىپجان ۋە مسىكىنجانلار پۇل تاپشۇرالماي قالسا بۇلار يەنىلا ئەنسىرىمەيدۇ، چۈنكى بۇلار غېرىپجان ۋە مىسكىنجانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سېتىپ پۇللىرىنى تىرىلدۈرۋالىمىز دەپ ئويلايدۇ .
بۇ پايچىكلارمۇبانكىدىن سېتىۋالغان قەرز زايوم شۇنداقلا قويۇپ قويماي، باشقا بانكىلاردا رەنىگە قويۇپ يېڭى قەرز ئالىدۇ . يەنى قەرزنى رەنىگە قويۇپ يېڭى قەرز ئالىدۇ . قارنى يامان بانكىلار بولسا پايدىنىلا كۆزلەپ قويۇلغان رەنىنىڭ 10، ھەتتا 20 ، 30 ھەسسىسىگىچە قەرز بېرىشكە باشلايدۇ .
ئەمدىكى ۋەزىيەتچۇ؟
1 - غېرىپجان ، مىسكىنجانلار ئۆينى ئۆزىلىرىنىڭ دەپ ھىساپلايدۇ
2 - قەرز بەرگەن بانكىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئاۋۇ ئىككى بىچارە پۇل تاپشۇرۇشتىن توختاپ قالسا بانكا ئۆيگە قول قويىدۇ .
3 - زايوم سېتىۋالغانمۇ ئۆينى ئۆزلىرىنىڭ دەپ قارايدۇ ( قوللىرىدىكى قەرز زايوملىرى ئارقىلىق )
4 - بۇلارغا قايتا قەرز بەرگەن بانكىمۇ ئۆينى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ ، چۈنكى يۇقاردىكى قەرز زايوملىرى بۇلارنىڭ قولىدا رەنىدە . ( گەرچە بۇلار ئۇنىڭ نەچچە ھەسسە قىممىتىدە قەرز بەرگەن بولسىمۇ )

غېرىپجاننىڭ تۇققىنى دەرۋىشجان بولسا يۇقۇردا دەپ ئۆتكەن قەرز ئالغان 30 مىڭ دوللارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆيىنى يېڭىلاشقا سەرپ قىلىدۇ، يەنە بىر ماشىنا سېتىۋالىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى قەدەمدە مىڭ دوللار تاپشۇرىدۇ، قالدىسىنى قەرز ھىسابىدا "ھەممىسى بىزنىڭ" بانكىسى تاپشۇرىدىغان بولىدۇ . بۇ بانكا دەرۋىشجاننىڭ زىممىسىدىكى قەرزنى زايومغا ئايلاندۇرۇپ ئۇنى يەنە "ھەممىنى باپلايمىز" بانكىسىغا ساتىدۇ. بۇ بانكىمۇ ئاز بىر قىسمىنى ئېلىپ قىلىپ، قالغىنىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقىتىدۇ .
ئەمدىكى ۋەزىيەتچۇ ؟ دەرۋىشجان ماشنىنى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدۇ ، "ھەممىسى بىزنىڭ" بانكىسىمۇ شۇنداق دەپ قارايدۇ، چۈنكى دەرۋىشجان ئۈچۈن ماشىنىنىڭ پۇلىنى قەرز ھىسابىدا تۆلەيدۇ . "ھەممىنى باپلايمىز " بانكىسىمۇ ماشىنىنى ئۆزنىڭ دەپ قارايدۇ . بۇ بانكا ساتقان زايوملارنى سېتىۋالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەبلەغچىلەرنىڭمۇ كۆڭلى خاتىرجەم. چۈنكى مەلۇم جايدا مەلۇم بىر ماشىنا ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالايدۇ.

مانا بۇ چىگىشلىكنىڭ ھەممىسى غېرىپجان مۇددەتكە بۆلەپ سېتىۋالغان ئۆينىڭ باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان . ئۇنداقتا بۇ ئۆينىڭ باھاسى بىردىنلا چۈشۈپ كەتسە غېرىپجان مىسكىنجانلار نىمە بولۇپ كىتەر ؟؟
يۇقاردا دىيىلگەن زايوملارنى مەخسۇس باھالايدىغان شىركەتلەر بار بولۇپ، بۇلار قەرزدارلارنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش قايتۇرالماسلىقىغا قاراپ زايوملارغا دەرىجە بىكىتىدۇ، مەسىلەن بىر قەرزدار قەرزنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتسە ئۇنداقتا بۇنىڭ نامىدىكى زايوم "ئا" دەرىجىگە ئېرىشىدۇ، غېرىپجان لاردەك قايتۇرالمايدىغانلارنىڭ ھىسابىكىچۇ ؟؟ نۆلگە تەڭ بولىدۇ .
بۇنداق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەيدانغا يېڭى بىرخىل شىركەتلەر ئوتتۇرغا چىقىدۇ . بۇلار مەخسۇس مۇشۇنداق زايوملارنى سۇغۇرتىغا ئالىدىغان شىركەتلەر بولۇپ، بۇ زايوملارنى سېتىۋالغانلار بۇ شىركەتلەرگە مەلۇم ھەق تاپشۇرىدۇ، بۇ شىركەتلەر تاساددىپى ھالدا ئەسلىدىكى بانكا ياكى قەرزدارلار ۋەيران بولسا، ئىگە بولۇپ زايوملارنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بېرىدۇ . بۇنداق بولغان ئىكەن بۇ زايوملارنى سېتىۋىلىشتىن كىممۇ قورقۇپ ئولتۇرسۇن ؟؟
ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگىنىچۇ ؟ غېرىپجان بىلەن مىسكىنجان ۋە باشقىلار مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن پۇل تۆلەشكە قۇربى يەتمىدى ( سەۋەپ ئۆرلەۋاتقان ئۆسۈم- رىبا ) . شۇنىڭ بىلەن زايوملارنىڭ قىممىتىمۇ يوقالدى . بانكىلار بىردىنلا ۋەيران بولۇشقا باشلىدى . پۇلنى تۆلەش ھېلىقى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەندى، تۆلەۋېرىپ ئاخىرىدا بۇلارمۇ ۋەيران بولدى ( مەسىلەن AIG شىركىتى، بۇنى شەھرىستان ئۆزى سېتىۋېلىپ قۇتقۇزىۋالدى ) . بۇنداق خەتەر ئاستىدا بانكىلار قەرز بېرىش ئىشىنى چىڭايتتى . بۇ بېرىپ قەرزگە مۇھتاج نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشىنى ئاقساتتى . شەھرىستان ھاكىملىرى بولسا ئىقتىساتنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 700 مىليارد دوللارنى سەرپ قىلىشقا پىلان تۈزدى . باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تاپشۇرغان باجلىرىنىڭ قارنى يامان بالا قازا گىگانت شىركەتلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلمەسلىكىنى، تۆۋەن تەبىقە ۋە ئۇششاق مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ بىرگە ئويلىشىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىشقا مېڭىشتى. ( 700 مىليارد پىلانى بىر قېتىم رەت قىلىنىپ ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تەلىۋىگە ئۇيغۇن ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قايتا سۇنۇلماقتا )
بۇ كىرزىسقا قارىتا ئوخشىمان جايلاردىن ئوخشىمىغان ئىنكاسلار مەيدانغا چۈشتى :
شەھرىستان توداي گېزىتىدە يازغۇچىلار شەھرىستاننىڭ بۇرۇن تەرەققى تاپمىغان دۆلەتلەرگە قارىتا ئەركىن ئىقتىساد، ئەركىن بازا قۇرۇلمىسىنى پوپوزا قىلىپ، دۆلەتنىڭ بازارغا ئارلاشماسلىقى توغرىسىدا بېسىم قىلىپ كەلگەنلىكى، بۇ نامرات دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆلۈپ تېرىلىشى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ، ئەمدىلىكتە بولسا ئۆزىنىڭ بۇ شۇئارىدىن ۋاز كىچىپ AIG ، فانى ماي، فرايدى قاتارلىق شىركەتلەرنى ئۆزى ئارلىشىپ قۇتقۇزغانلىقىغا تەنە قىلىشتى، ھەم شەھرىستاننى سوتسىيالىزمغا قاراپ ماڭدى دەپ ئەيىپلەپمۇ قويۇشتى.

ياۋرۇستاندىكى گېزىتلەردە بولسا يازغۇچىلار دۇنيا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىسلام شەرىئتىنى ئىقتىساد تۈزۈلمىسىنى تەتبىقلاشنى ئوتتۇرغا قويۇشتى . ھەتتا بىر يازغۇچى "پاپا ياكى قۇرئان " دېگەن سەرلەۋھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، كاپىتالىزم ئىقتساد ئەخلاقى ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ رىبا ئۆسۈمدە چېكېىدىن قاتتىق ئاشۇرۇپ يول قويغانلىقىنى ئەيىىپلىدى ۋە بىز ئىقتىسادىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ ناچار ھالغا كەپ قالغانلىقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئەمدى ئىنجىلنى ئەمەس قۇرئاننى ئوقۇپ قويساق بولغۇدەك، ئەگەر بىز قۇرئاندىكى ئىقتىسادى تۈزۈلمىنى تۇتساق بۇنداق كىرزىسقا كىرىپ قالمىغان بولاتتۇق " دەپ يازدى .
يەنە بىر يازغۇچى بولسا wall street نى ئىسلام شەرىئىتىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلدى.

فرانىستان ئەلباشى ساركۇزى بولسا كاپىتالىزم ئىقتساد قۇرۇلمىسىنىڭ خىيالدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى، يېڭىچە بىر ئىقتساد قۇرۇلمىسى قۇرۇپ چىقىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى .

( ياۋرۇستاندىكى ماقالىلەرنىڭ مەنبەلىرى )
http://www.challenges.fr/magazin
... pe_ou_le_coran.html q6/
http://www.jdf.com/indices/2008/
... s-de-la-charia-.php c H
http://www.birminghampost.net/bi
... on-65233-21962049

No comments:

Post a Comment